8
كېلىدىغان جازالار
1 رەب پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى كۆرسەتتى؛ مانا، بىر سېۋەت يازلىق مېۋە.
2 ئاندىن ئۇ مەندىن: ئاموس، نېمىنى كۆردۇڭ؟ ــ دەپ سورىدى.
مەن: «بىر سېۋەت يازلىق مېۋىنى» ــ دېدىم.
پەرۋەردىگار ماڭا: ئەمدى خەلقىم ئىسرائىلغا زاۋال يەتتى؛ مەن يەنە ئۇلارنى جازالىماي ئۆتۈپ كەتمەيمەن، ــ دېدى.
3 ــ شۇ كۈنى ئوردىدىكى قىزلارنىڭ ناخشىلىرى قىيا-چىيالارغا ئايلىنىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار؛ ــ جەسەتلەر كۆپ بولىدۇ؛ ئۇلار جاي-جايلاردا سىرتقا تاشلىنىدۇ. سۈكۈت!
4 بۇنى ئاڭلاڭلار، ھەي مىسكىنلەرنى ئەزگۈچىلەر،
زېمىندىكى ئاجىز مۆمىنلەرنى يوقاتماقچى بولغانلار ــ
5 «ئاشلىقىمىزنى ساتماقچى ئىدۇق، يېڭى ئاي قاچانمۇ ئاخىرلىشار،
بۇغداي يايمىسىنى ئاچاتتۇق، شابات كۈنى قاچان تۈگەر؟» ــ دەيدىغانلار،
ــ شۇنداقلا «ئەفاھ»نى كىچىك قىلىپ، «شەكەل»نى چوڭ ئېلىپ،
ئالدامچىلىق ئۈچۈن تارازىنى يالغان قىلغانلار!
6 ــ نامراتلارنى كۈمۈشكە،
مىسكىن ئادەمنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىۋالماقچى بولغانلار،
بۇغداينى سۈپۈرۈندىسى بىلەن قوشۇپ ساتماقچى بولغانلار!
7 پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ غۇرۇرى بىلەن شۇنداق قەسەم قىلدىكى،
ــ بەرھەق، مەن ھەرگىز ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىدىن ھېچبىرىنى ئۇنتۇمايمەن!
8 زېمىن بۇ ئىشلاردىن تەۋرىنىپ كەتمەمدۇ؟
ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ماتەم تۇتمامدۇ؟
ئۇ نىل دەرياسىدەك ئۆرلەپ كېتىدۇ،
ئۇ مىسىر دەرياسىدەك ئۆركەشلەپ، ئاندىن چۆكۈپ كېتىدۇ.
9 شۇ كۈنى شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار،
ــ قۇياشنى چۈشتە پاتقۇزىمەن،
زېمىننى شۇ ئوچۇق كۈندە قاراڭغۇلاشتۇرىمەن.
10 ھېيتلىرىڭلارنى مۇسىبەتكە،
ھەممە ناخشىلىرىڭلارنى ئاھ-زارلارغا ئايلاندۇرىۋېتىمەن؛
ھەممە ئادەمنىڭ چاترىقى ئۈستىنى بۆز رەخت بىلەن ئورىغۇزىمەن،
ھەربىر ئادەمنىڭ بېشىدا تاقىرلىق پەيدا قىلىمەن؛
بۇ ماتەمنى يەككە-يېگانە بىر ئوغۇلنىڭ ماتىمىدەك،
ھېيتنىڭ ئاخىرىنى دەرد-ئەلەملىك بىر كۈن قىلىۋېتىمەن.
سۈرگۈن بولۇپ، خۇدانىڭ سۆزىدىن ئايرىلىش
11 مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار،
زېمىنغا قەھەتچىلىكنى ئەۋەتىمەن، ــ
ــ نانغا بولغان قەھەتچىلىك ئەمەس، ياكى سۇغا بولغان چاڭقاشمۇ ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاشقا بولغان قەھەتچىلىكنى ئەۋەتىمەن.
12 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دېڭىزدىن دېڭىزغا، شىمالدىن شەرققە كېزىپ ماڭىدۇ،
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ئىزدەپ ئۇيان-بۇيان يۈرۈپ، ئۇنى تاپالمايدۇ.
13 شۇ كۈنى گۈزەل قىزلار ھەم يىگىتلەرمۇ ئۇسسۇزلۇقتىن ھالىدىن كېتىدۇ؛
14 ھەم سامارىيەنىڭ گۇناھىنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكەنلەر،
يەنى «ئىلاھىڭنىڭ تىرىكلىكى بىلەن، ئى دان!»، ياكى «بەئەر-شېبادىكى ئىلاھىي تىرىك يول بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكەنلەر بولسا ــ
ئۇلار يىقىلىدۇ، ئورنىدىن ھەرگىز قايتىدىن تۇرالمايدۇ.