2
مەن بولسام، ئى قېرىنداشلار، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىنى جاكارلاش ئۈچۈن ھېچ گەپدانلىق ياكى ئەقىل-دانالىق ئىشلىتىپ كەلگەن ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن ئاراڭلاردا ئەيسا مەسىھدىن باشقا، يەنى كرېستلەنگەن مەسىھدىن باشقا ھېچنېمىنى بىلمەسلىككە بەل باغلىغانىدىم؛ مەن ئاراڭلاردا بولغان ۋاقتىمدا ئاجىزلىقتا، قورقۇنچتا ۋە تىترىگەن ھالەتتە بولاتتىم؛   مېنىڭ سۆزلىرىم ھەم جاكارلىشىم بولسا ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك ئىنسانىي دانالىق سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى روھنىڭ ئالامەت كۆرسىتىشلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەت بىلەن بولغان ئىدى.   بۇنىڭدىن مەقسەت سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ئىنسانىي دانالىققا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە باغلانسۇن دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.
 
ھالبۇكى، كامالەتكە يەتكەنلەر ئارىسىدا بىز دانالىقنى بايان قىلىمىز؛ بۇ دانالىق بۇ دەۋردىكى دانالىق ئەمەس، ياكى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ دانالىقى ئەمەس (ئۇلار زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندۇر)؛ ئەمما بىز بىر سىرنى ئاشكارىلاپ، خۇدانىڭ بىر دانالىقىنى بايان قىلىمىز؛ خۇدا ئەسلىدە ئاشكارە قىلىنمىغان بۇ دانالىقنى بارلىق دەۋرلەردىن بۇرۇن بىزنىڭ شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولۇشىمىز ئۈچۈن بېكىتكەنىدى.   بۇ دانالىقنى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھېچقايسىسى چۈشىنىپ يەتمىگەنىدى؛ ئۇنى چۈشىنىپ يەتكەن بولسا، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان رەبنى كرېستلىمىگەن بولاتتى.   ھالبۇكى، تەۋراتتا پۈتۈلگەنندەك: ــ
«ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە خۇدانىڭ تەييارلىغانلىرى ــ
دەل ھېچقانداق كۆز كۆرمىگەن،
ھېچقانداق قۇلاق ئاڭلىمىغان،
ھېچقانداق كۆڭۈل ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەردۇر».  
10 ئەمما بۇ نەرسىلەرنى خۇدا روھى ئارقىلىق ئايان قىلدى؛ چۈنكى روھ بولسا ھەممە ئىشلارنى، ھەتتا خۇدانىڭ چوڭقۇر تەگلىرىنى ئىنچىكىلەپ ئىزلىگۈچىدۇر؛    11 چۈنكى ئىنسانلاردا، ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگۈچى شۇ ئىنساننىڭ روھىدىن باشقا نەرسە بارمۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ روھىدىن باشقا، خۇدانىڭ كۆڭلىدىكىلىرىنى بىلگۈچى يوقتۇر.    12 ئەمما بىزنىڭ قوبۇل قىلغىنىمىز بولسا بۇ دۇنيادىكى روھ ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن روھتۇر؛ دەل شۇنداق بولغاچقا بىز خۇدا تەرىپىدىن بىزگە سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلىنغان نەرسىلەرنى بىلىپ يېتەلەيمىز.    13 بۇ ئىش-شەيئىلەرنى ئىنسانىي دانالىقتىن ئۆگىتىلگەن سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھتىن ئۆگىتىلگەن سۆزلەر بىلەن، روھىي ئىشلارنى روھىي سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ سۆزلەيمىز.    14 ئەمما «جانغا تەۋە» كىشى خۇدانىڭ روھىنىڭ ئىشلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەخمىقانىلىكتۇر؛ ئۇ ئۇلارنى ھېچ چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار روھ بىلەن پەرق ئېتىلىپ باھالىنىشى كېرەكتۇر. 15 روھقا تەۋە كىشى ھەممە ئىشلارغا باھا بېرەلەيدۇ؛ ئەمما ئۇنىڭغا بولسا ھېچكىم باھا بېرەلمەيدۇ.    16 چۈنكى كىم رەبنىڭ ئوي-كۆڭلىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولالىسۇن؟ ئەمما بىز بولساق مەسىھنىڭ ئوي-كۆڭلىگە ئىگىمىز.  
 
 
2:1 1كور. 1‏:17؛ 2‏:4. 2:3 «مەن ئاراڭلاردا بولغان ۋاقتىمدا ئاجىزلىقتا، قورقۇنچتا ۋە تىترىگەن ھالەتتە بولاتتىم» ــ «قورقۇنچتا... ئىدىم» ــ بەلكىم ئۇ خۇدا ئۆزىگە تاپشۇرغان بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئورۇندىيالماسلىقىدىن قورققان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئادەمنى قورقىتىدىغان كۆپ سەۋەبلارمۇ بولغان، ئەلۋەتتە («روس.» 9:18-10). 2:3 روس. 18‏:1، 3؛ 2كور. 10‏:10. 2:4 «... بەلكى روھنىڭ ئالامەت كۆرسىتىشلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەت بىلەن بولغان ئىدى» ــ «روھ» خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھتۇر. 2:4 1كور. 1‏:17؛ 2‏:1؛ 2پېت. 1‏:16. 2:5 2كور. 4‏:7. 2:6 ئايۇپ 28‏:21؛ 1كور. 15‏:24. 2:7 «بىز بىر سىرنى ئاشكارىلاپ، خۇدانىڭ بىر دانالىقىنى بايان قىلىمىز...» ــ «ئەفەسۇسلۇقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزدە ئېيتقىنىمىزدەك، ئىنجىلدا «سىر» دېگەن سۆزنىڭ ئالاھىدە مەنىسى بار. سىر (گرېك تىلىدا «مىستېرىئون») خۇدا ئەسلى يوشۇرۇپ كەلگەن، ئەمدى ھازىر ئاشكارىلىغان مەلۇم بىر ئىشتىن ئىبارەتتۇر. 2:7 رىم. 16‏:25؛ 1كور. 4‏:1. 2:8 «بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلار» ــ بۇ سۆز بەلكىم بۇ دۇنيادىكى پادىشاھ-ھۆكۈمدارلارنى قۇترىتىدىغان، ئۇلارغا ئېزىتقۇلۇق قىلىدىغان جىن-شەيتانلارنى كۆرسەتسە كېرەك. 2:8 مات. 11‏:25؛ يـۇھ. 7‏:48؛ 16‏:3؛ روس. 3‏:17؛ 13‏:27؛ 2كور. 3‏:14؛ 1تىم. 1‏:13. 2:9 «ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە خۇدانىڭ تەييارلىغانلىرى ــدەل ھېچقانداق كۆز كۆرمىگەن، ھېچقانداق قۇلاق ئاڭلىمىغان، ھېچقانداق كۆڭۈل ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەردۇر» ــ «يەش.» 4:64. 2:9 يەش. 64‏:3. 2:10 «چۈنكى روھ بولسا ھەممە ئىشلارنى، ھەتتا خۇدانىڭ چوڭقۇر تەگلىرىنى ئىنچىكىلەپ ئىزلىگۈچىدۇر» ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھتۇر. 2:10 مات. 13‏:11؛ 2كور. 3‏:18. 2:11 «ئىنسانلاردا، ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگۈچى شۇ ئىنساننىڭ روھىدىن باشقا نەرسە بارمۇ؟» ــ «ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكى» مۇشۇ يەردە شۇ مەلۇم كىشىنىڭ شەخسىي ۋە قەلبىدىكى ئىشلارنى ئالايىتەن كۆرسىتىدۇ. 2:11 پەند. 27‏:19؛ يەر. 17‏:9. 2:12 «بۇ دۇنيادىكى روھ» ــ شەيتان. «بۇ دۇنيادىكى روھ» مۇشۇ يەردە بەلكىم شەيتاننىڭ كۆز-قاراشلىرى، «ئەقىللىرى»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن. 2:12 رىم. 8‏:15. 2:13 «روھتىن ئۆگىتىلگەن سۆزلەر بىلەن» ــ «روھ» خۇدانىڭ روھى، مۇقەددەس روھتۇر. 2:13 1كور. 1‏:17؛ 2‏:4؛ 2پېت. 1‏:16 2:14 ««جانغا تەۋە» كىشى» ــ «جانغا تەۋە» بولغان كىشى توغرۇلۇق «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «جانغا تەۋە» بولغان كىشى مۇقەددەس روھقا ئىگە بولمىغان كىشىدۇر؛ «ئىشەنمىگەن كىشى» دېگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ خۇدانىڭ روھىغا ئەمەس، بەلكى ھەردائىم ئۆز جېنى (ئەقىل-پىكىر، زېھىن، كۆڭۈل-كاللا، ھېسسىياتلار)غا تايىنىپ ئىشلارنى پەرق ئېتىدۇ. «روھىي كىشى» ياكى «روھقا تەۋە بولغان كىشى» بولسا ئۆز روھىدا مۇقەددەس روھنىڭ تەربىيە-تەلىمىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلارنى توغرا پەرق ئېتىدۇ. «ئۇلار روھ بىلەن پەرق ئېتىلىپ باھالىنىشى كېرەكتۇر» ــ بۇ 14- ۋە 15-ئايەتلەردىكى «پەرق ئېتىش» ۋە «پەرق ئېتىپ باھالىنىش» گرېك تىلىدا بىرلا پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 2:15 «روھقا تەۋە كىشى» ــ «روھقا تەۋە» (ياكى «روھىي كىشى») ــ مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ماڭىدىغان كىشى. 2:15 پەند. 28‏:5. 2:16 «كىم رەبنىڭ ئوي-كۆڭلىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولالىسۇن؟» ــ «يەش.» 13:40. 2:16 يەش. 40‏:13؛ رىم. 11‏:34.