4
مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ خىزمىتى
بىرسى بىز توغرۇلۇق بىرنېمە دېمەكچى بولسا، بىزنى مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە خۇدانىڭ سىرلىرى ئامانەت قىلىنغان غوجىدارلار دەپ بىلسۇن. ئەمدى غوجىدار دېگەنلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى شۇكى، ئۇلار ۋاپادار-سادىق بولۇشى كېرەكتۇر. ئەمما مەن سىلەر تەرىپىڭلاردىن ياكى باشقا ھەرقانداق ئىنسانىي سوت تەرىپىدىن سۈرۈشتۈرۈپ باھالانسام، بۇ مەن ئۈچۈن زىغىرچىلىك ئىش؛ مەن ھەتتا ئۆزۈم توغرۇلۇق سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايمەن. چۈنكى ۋىجدانىم ئەيىبلەيدىغان ھېچقانداق ئىشلىرىمدىن خەۋىرىم يوق؛ ئەمما بۇ ئىشنىڭ ئۆزى مېنى ھەققانىي دەپ ئاقلىمايدۇ؛ مېنى سۈرۈشتۈرۈپ باھالىغۇچى بولسا رەبدۇر. شۇڭا ۋاقتى-سائىتى كەلمىگۈچە، يەنى رەب كەلمىگۈچە ھېچ ئىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارماڭلار؛ رەب كەلگەندە ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى يوشۇرۇن ئىشلارنى ئاشكارىلايدۇ، قەلب-دىللاردىكى بارلىق ئوي-نىيەتلەرنى ئايان قىلىدۇ؛ شۇ چاغدا ھەربىرى خۇدا تەرىپىدىن تەرىپلىنىدۇ. ئەمما، ئى قېرىنداشلار، بۇ ئىشلارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارنى دەپ ئۆزۈمگە ۋە ئاپوللوسقا تەتبىقلىدىم؛ مەقسەت سىلەر بىز ئارقىلىق «پۈتۈلگەننىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەڭلار» دېگەن ساۋاقنى ئۆگىنىشىڭلار، شۇنداقلا ھېچقايسىڭلارنىڭ مەلۇم بىرسىنى باشقا بىرسىدىن ئۈستۈن دەپ پەخىرلىنىپ تەكەببۇرلىشىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر.  
چۈنكى كىم سېنى باشقا بىرسىدىن ئۈستۈن قىلىدۇ؟ ساڭا ئاتا قىلىنغان نەرسىدىن باشقا سەندە يەنە نېمە بار؟ ھەممە ساڭا بېرىلگەن تۇرسا، نېمىشقا «مەندە ئەسلى بار ئىدى» دەپ پەخىرلىنىپ كۆرەڭلەپ كېتىسەن؟
  
سىلەر ئاللىقاچان تويۇنۇپ كەتتىڭلار! ئاللىقاچان بېيىپ كەتتىڭلار! سىلەر بىزسىز پادىشاھلار بولۇپ ھۆكۈم سۈردۇڭلار! كاشكى سىلەر ھەقىقەتەن ھۆكۈم سۈرگەن بولساڭلارئىدى ــ ئۇنداقتا بىز سىلەر بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرگەن بولاتتۇق! چۈنكى خۇدا روسۇللار بولغان بىزلەرنى ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغان ئادەملەردەك ئەڭ ئاخىرغا قويۇپ سازايى قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان، دەپ ئويلايمەن؛ چۈنكى بىز پۈتكۈل ئالەمگە، يەنى ھەم پەرىشتىلەرگە ھەم ئىنسانلارغا بىر خىل تاماشا بولدۇق. 10 بىز مەسىھ ئۈچۈن ئەخمەق سانالغانلارمىز، ئەمما سىلەر مەسىھدە داناسىلەر! بىز ئاجىز، ئەمما سىلەر كۈچلۈكسىلەر؛ سىلەر ئىززەتلىك، ئەمما بىز خار؛    11 ھازىرقى دەقىقىگىچە ئاچ-يالىڭاچ، چاڭقاپ يۈرمەكتىمىز، دۇمبالىنىپ، سەرگەردان، ماكانسىز بولۇپ يۈرمەكتىمىز؛ 12 ئۆز قولىمىز بىلەن ئىشلەپ جاپا تارتماقتىمىز؛ ئاھانەتكە قالغاندا ياخشىلىق تىلەۋاتىمىز؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، چىداۋاتىمىز؛ 13 تۆھمەتكە ئۇچرىغاندا، بىز ئۇلارنى چىرايلىقچە توۋىغا ئۈندەيمىز؛ بىز جاھاننىڭ داشقىلى، ئىنسانلارنىڭ سۈپۈرۈندىسى دەپ قارىلىۋاتىمىز، تا ھازىرغىچە شۇنداق.
14 بۇ ئىشلارنى يېزىشىم، سىلەرنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سۆيۈملۈك بالىلىرىم سۈپىتىدە سىلەرگە نەسىھەت قىلىۋاتىمەن؛ 15 چۈنكى سىلەرنىڭ مەسىھدە تۈمەنلىگەن تەربىيىلىگۈچىلىرىڭلار بولسىمۇ، سىلەرنىڭ ئاتاڭلار كۆپ ئەمەستۇر؛ چۈنكى مەن مەسىھ ئەيسادا بولۇپ سىلەرنى خۇش خەۋەر ئارقىلىق تۆرەلدۈرۈپ ئاتا بولدۇم.    16 شۇڭا مەن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى ئۈلگە قىلىڭلار.
17 دەل بۇ سەۋەبتىن مەن رەبدە بولغان ئۆز سۆيۈملۈك ۋە ئىشەنچلىك ئوغلۇم تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتتىم؛ ئۇ سىلەرگە ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەتتە ئۆگەتكەنلىرىمگە ئەگىشىپ، مەسىھدە بولغان يوللىرىم توغرۇلۇق ئەسلىتىدۇ. 18 ئەمما بەزىلىرىڭلار، «پاۋلۇسنى يېنىمىزغا كەلمەيدۇ»، دەپ كۆرەڭلەپ كەتتىڭلار؛ 19 بىراق رەب بۇيرۇسا مەن پات ئارىدا يېنىڭلارغا بارىمەن؛ شۇ چاغدا مەن كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلاردا بولغان كۈچ-قۇدرەتنى كۆرۈپ باقاي. 20 چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سۆزدە ئەمەس، بەلكى كۈچ-قۇدرەتتە ئىسپاتلىنىدۇ.    21 ئەمدى نېمىنى خالايسىلەر؟ يېنىڭلارغا تاياق كۆتۈرۈپ بېرىشىمنىمۇ، ياكى مېھىر-مۇلايىملىق روھىدا بېرىشىمنىمۇ؟
 
 
4:1 مات. 24‏:45؛ 2كور. 6‏:4؛ كول. 1‏:25؛ تىت. 1‏:7. 4:2 لۇقا 12‏:42. 4:3 «ھەرقانداق ئىنسانىي سوت تەرىپىدىن...» ــ دېگەن گرېك تىلىدا «ئىنسانىي بىر كۈن تەرىپىدىن...». ئادەملەرنىڭ ئىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلغۇچى بولسا مەلۇم بىر ئىنساننىڭ كۈنى ئەمەس، بەلكى مەسىھنىڭ كۈنى، يەنى قىيامەت كۈنىدۇر. 4:4 مىس. 34‏:7؛ ئايۇپ 9‏:2؛ زەب. 143‏:2. 4:5 دان. 7‏:10؛ مات. 7‏:1؛ رىم. 2‏:1؛ ۋەھ. 20‏:12. 4:6 «پۈتۈلگەننىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەڭلار» ــ بۇ سۆزلەر تەۋراتتا ئەينى پۈتۈلمىگىنى بىلەن، ئۇ تەۋرات-ئىنجىلدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر پرىنسىپتۇر. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزگە قاراڭ. 4:6 پەند. 3‏:7؛ رىم. 12‏:3. 4:7 «كىم سېنى باشقا بىرسىدىن ئۈستۈن قىلىدۇ؟» ــ بۇ سوئالغا بەلكىم مۇنداق ئىككى توغرا جاۋاب بېرىلىشى مۇمكىن: (1) «مەلۇم كىشىنى باشقا بىر كىشىدىن باشقىچە قىلغۇچى پەقەت خۇدادۇر» شۇڭا تەكەببۇر بولۇشنىڭ ئاساسى يوق؛ (2) ھېچ ئىنساننىڭ خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى ئالدىدا «مەن باشقىلاردىن ئۈستۈن» دەپ تەكەببۇر بولۇشىنىڭ ئاساسى يوق. شۇنداق قارايمىزكى، (1)-جاۋاب پاۋلۇسنىڭ دېمەكچى بولغىنىنى كۆرسىتىدۇ. «ساڭا ئاتا قىلىنغان نەرسىدىن باشقا سەندە يەنە نېمە بار؟» ــ دېمەك، ھەربىرىمىزنىڭ بارلىقى خۇدا تەرىپىدىن بىزگە ئاتا قىلىنىدۇ؛ شۇڭا «مەندە ئەسلى شۇنداق قابىلىيەت (تالانت، كۈچ، قاتارلىقلار....) بار ئىدى» دەپ تەكەببۇرلىشىپ كېتىش ھاماقەتلىكتۇر. 4:7 يـۇھ. 3‏:27؛ ياق. 1‏:17. 4:8 «سىلەر ئاللىقاچان تويۇنۇپ كەتتىڭلار! ئاللىقاچان بېيىپ كەتتىڭلار! سىلەر بىزسىز پادىشاھلار بولۇپ ھۆكۈم سۈردۇڭلار! كاشكى سىلەر ھەقىقەتەن ھۆكۈم سۈرگەن بولساڭلارئىدى ــ ئۇنداقتا بىز سىلەر بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرگەن بولاتتۇق!» ــ شۈبھىسىزكى، بۇ سىرلىق ئايەتنىڭ كىنايىلىك، مەسخىرىلىك مەنىسى بار. كورىنت جامائىتىدىكى كۆپ ئادەملەر تولىمۇ تەكەببۇرلىشىپ كېتىپ: «بىز روسۇل پاۋلۇس ياكى باشقا روسۇللارغا ھېچ كېرەك ئەمەسمىز؛ بىز ھەقىقەتەن «روھىي ئادەملەر»مىز، ئىنتايىن بىلىملىك، خۇدا ئالدىدا ئىنتايىن ئېسىلزادە بولۇپ، پادىشاھدەك بولدۇق» دەپ كەتكەنىدى. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 4:9 زەب. 44‏:22؛ رىم. 8‏:36؛ 2كور. 4‏:11؛ ئىبر. 10‏:33. 4:10 «بىز مەسىھ ئۈچۈن ئەخمەق سانالغانلارمىز...» ــ گرېك تىلىدا «بىز مەسىھ ئۈچۈن ئەخمەقلەر بولدۇق...» ــ دېمەك، كۆپچىلىك تەرىپىدىن «ئەخمەق» ھېسابلاندۇق. 4:10 1كور. 2‏:3. 4:11 روس. 23‏:2. 4:12 مات. 5‏:44؛ لۇقا 6‏:28؛ 23‏:34؛ روس. 7‏:60؛ 18‏:3؛ 20‏:34؛ رىم. 12‏:14؛ 1تېس. 2‏:9؛ 2تېـس. 3‏:8. 4:14 1تېس. 2‏:11. 4:15 «سىلەرنىڭ ئاتاڭلار كۆپ ئەمەستۇر» ــ ــ روھىي جەھەتتىن بولغان ئاتىلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. 4:15 روس. 18‏:11؛ گال. 4‏:19؛ فلم. 10؛ ياق. 1‏:18. 4:16 1كور. 11‏:1؛ فىل. 3‏:17؛ 1تېس. 1‏:6؛ 2تېـس. 3‏:9. 4:19 روس. 18‏:21؛ ئىبر. 6‏:3؛ ياق. 4‏:15. 4:20 «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سۆزدە ئەمەس، بەلكى كۈچ-قۇدرەتتە ئىسپاتلىنىدۇ» ــ ياكى «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سۆزدە ئەمەس، بەلكى كۈچ-قۇدرەتتە نامايان بولىدۇ». 4:20 1كور. 2‏:4؛ 1تېس. 1‏:5؛ 2پېت. 1‏:16.