11
خۇداغا ئىتائەتمەن بولۇشنىڭ بەخت-بەرىكىتى
ئەمدى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سۆيگىن، ئۇنىڭ تاپىلىغىنى، بەلگىلىمىلىرىنى، ھۆكۈملىرىنى ھەم ئەمرلىرىنى ئىزچىل تۇتقىن. 2‏-3 شۇ ئىشلارنى بۈگۈن ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ جازا-تەربىيىسى، ئۇلۇغلۇقى، كۈچلۈك قولى ۋە ئۇزارتىلغان بىلىكىنى، مىسىر زېمىنىدا مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە ھەم ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى ئۈستىگە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلىرى ۋە قىلغانلىرىنى كۆرمىگەن بالىلىرىڭلارغا سۆزلىمەيمەن (چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرنىڭ قوشۇنى، ئۇلارنىڭ ئاتلىرى، ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىغا قىلغان ئىشلىرى، يەنى قىزىل دېڭىزنىڭ سۇلىرى بىلەن ئۇلارنى غەرق قىلىپ، ئۈزۈل-كېسىل ھالاك قىلغانلىقى، ئۇنىڭ سىلەر مۇشۇ يەرگە كەلگۈچە سىلەرگە نېمە قىلغانلىقى، ئۇنىڭ رۇبەننىڭ ئەۋلادى، ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان ۋە ئابىرامغا نېمە قىلغانلىقى، يەنى پۈتۈن ئىسرائىللار ئارىسىدا يەر يۈزىنىڭ ئاغزىنى قانداق ئېچىپ ئۇلارنى ئائىلىسىدىكىلىرى ۋە چېدىرلىرى بىلەن قوشۇپ بارلىق تەئەللۇقاتلىرى بىلەن يۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆرمىگەنىدى)؛ مەن بەلكى سىلەرگە سۆز قىلىمەن؛ چۈنكى سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار پەرۋەردىگار قىلغان بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنى كۆردى.
 
ۋەدە قىلىنغان زېمىننىڭ مول بايلىقلىرى
ئەمدى، مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرنى تۇتۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار كۈچلىنىپ، ھازىر ئۆتۈپ ئىگىلىمەكچى بولغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلىپ ئۇلارغا ھەم ئەۋلادلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان مۇنبەت بىر زېمىندا تۇرۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر. 10 چۈنكى سىلەر ئىگىلەشكە كىرىدىغان شۇ زېمىن سىلەر چىققان مىسىر زېمىنىدەك ئەمەس؛ ئۇ يەر بولسا، سىلەر ئۇنىڭغا ئۇرۇق چاچقاندىن كېيىن پۇتۇڭلار بىلەن سۇغىرىدىغان كۆكتاتلىقتەك زېمىن ئىدى؛ 11 بىراق سىلەر ئىگىلەشكە ئۆتىدىغان شۇ زېمىن بولسا تاغ-جىلغىلىرى بولغان بىر زېمىندۇر؛ ئۇ ئاسماندىكى يامغۇردىن سۇ ئىچىدۇ، 12 ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆزى ئەزىزلەيدىغان بىر زېمىندۇر؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ كۆزلىرى يىلنىڭ بېشىدىن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈزلۈكسىز ئۇنىڭغا تىكىلىدۇ. 13 شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، پۈتكۈل قەلبىڭلار ۋە پۈتكۈل جېنىڭلار بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇش ئۈچۈن مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ قۇلاق سالساڭلار، 14 ئۇ: «مەن زېمىنىڭلارغا ئۆز پەسلىدە يامغۇر، يەنى دەسلەپكى ۋە كېيىنكى يامغۇرلارنى ئاتا قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئاشلىقلىرىڭلار، يېڭى شارابىڭلار ۋە زەيتۇن مېيىڭلارنى يىغالايسىلەر؛ 15 مەن شۇنداقلا مال-ۋارانلىرىڭ ئۈچۈن ئوت-چۆپ بېرىمەن؛ سەن يەپ-ئىچىپ تويۇنىسەن» ــ دەيدۇ.
 
ئىتائەتمەن بولۇش ۋە بالىلارغا تەربىيە بېرىشنىڭ بەختى
16 قەلبىڭلار ئالدىنىپ، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ، ئۇلارغا چوقۇنۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ھېزى بولۇڭلار؛ 17 بولمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە قوزغىلىپ، يامغۇر ياغماسلىقى ئۈچۈن ئاسمانلارنى ئېتىۋېتىپ يامغۇر ياغدۇرمايدۇ، تۇپراق مەھسۇلاتلىرىنى بەرمەيدۇ ۋە پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان مۇنبەت زېمىندىن يوقىتىلىسىلەر.
18 سىلەر مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى قەلبىڭلارغا پۈكۈپ جېنىڭلاردا ساقلاڭلار، قولۇڭلارغا ئەسلەتمە-بەلگە قىلىپ تېڭىۋېلىڭلار، پېشانەڭلەرگە قاشقىدەك سىمۋول قىلىپ ئورنىتىۋېلىڭلار؛ 19 سىلەر ئۇلارنى بالىلىرىڭلارغا ئۆگىتىسىلەر؛ ئۆيدە ئولتۇرغىنىڭلاردا، يولدا مېڭىۋاتقىنىڭلاردا، ياتقىنىڭلاردا ۋە ئورۇندىن قوپقىنىڭلاردا ئۇلار توغرۇلۇق سۆزلەڭلار؛ 20 ئۇلارنى ئۆيۈڭلەردىكى كېشەكلەرگە ۋە دەرۋازىلىرىڭلارغا پۈتۈپ قويۇڭلار. 21 شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بېرىشكە قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرىدىغان كۈنلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇن بولىدۇ، يەر يۈزىدىكى كۈنلىرىڭلار ئاسماننىڭ كۈنلىرىدەك بولىدۇ. 22 مەن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرگە تاپىلىغان بۇ پۈتكۈل ئەمرنى ئىخلاس بىلەن تۇتساڭلار، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىدا مېڭىشىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا باغلانساڭلار، 23 ئۇنداقتا پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا بۇ بارلىق ئەللەرنى زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىپ ھەيدەيدۇ ۋە سىلەر ئۆزۈڭلاردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرنىڭ تەئەللۇقاتىنى ئىگىلەيسىلەر. 24 تاپىنىڭلار دەسسىگەن ھەربىر جاي سىلەرنىڭكى بولىدۇ؛ چېگراڭلار چۆل-باياۋاندىن تارتىپ، لىۋانغىچە ۋە ئەفرات دەرياسىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولىدۇ.    25 ھېچكىم ئالدىڭلاردا تۇرالمايدۇ؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، سىلەردىن بولغان قورقۇنچ ۋە دەھشەتنى سىلەر دەسسىگەن بارلىق جايلار ئۈستىگە سالىدۇ.
 
مۇسا «بەخت-بەرىكەت ۋە لەنەت»نى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا قويىدۇ
26 مانا، مەن بۈگۈن ئالدىڭلارغا بەخت-بەرىكەت ۋە لەنەتنى قويىمەن؛ 27 مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، بەخت-بەرىكەت بولىدۇ؛ 28 پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلمىساڭلار، بەلكى سىلەر تونۇمىغان باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، مەن بۈگۈن تاپىلىغان يولدىن چەتنەپ كەتسەڭلار، سىلەرگە لەنەت چۈشىدۇ.
29 شۇنداق قىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى سىلەر ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىنغا ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن، بەخت-بەرىكەتنى گەرىزىم تېغى ئۈستىدە ۋە لەنەتنى ئەبال تېغى ئۈستىدە تۇرۇپ جاكارلايسىلەر.    30 بۇ تاغلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە، گىلگالنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدە تۇرۇۋاتقان قانائانىيلارنىڭ زېمىنىدا، مەغرىب يولىنىڭ ئارقىسىدا، مورەھتىكى دۇب دەرەخلىرىگە يېقىن يەردە ئەمەسمۇ؟
31 چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە تەقدىم قىلىۋاتقان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كىرىشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىسىلەر؛ سىلەر دەرۋەقە ئۇنى ئىگىلەيسىلەر ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇراقلىشىسىلەر. 32 سىلەر مەن ئالدىڭلارغا قويغان بۇ بارلىق ھۆكۈملەر ۋە بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار.
 
 
11:2‏-3 «شۇ ئىشلارنى بۈگۈن ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شۇ ئىشلارنى بۈگۈن بىلىڭلاركى،...». 11:4 «پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرنىڭ قوشۇنى...نى ... ئۈزۈل-كېسىل ھالاك قىلغانلىقى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرنىڭ قوشۇنى..نى تاكى بۈگۈنگە قەدەر ھالاك قىلغانلىقى» ــ بۇ ئىبارە ئۇلارنىڭ تۈپتىن ھالاك قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. 11:6 چۆل. 16‏:31؛ 27‏:3؛ زەب. 106‏:16-17 11:10 «پۇتۇڭلار بىلەن سۇغىرىدىغان زېمىن» ــ مىسىردا ئېتىزلار (بۈگۈنگە قەدەر) ئىنساننىڭ پۇتى بىلەن ئايلاندۇرىدىغان بىر خىل ئاددىي ناسۇس بىلەن سۇغىرىلىدۇ. 11:14 «دەسلەپكى ۋە كېيىنكى يامغۇرلار» ــ «دەسلەپكى يامغۇرلار» 10-ئايدا ياغىدۇ ۋە تۇپراق يۇمشىتىلىشى بىلەن يەر ھەيدەشكە ئاندىن ئۇرۇق چېچىشقا مۇمكىن بولىدۇ. «كېيىنكى يامغۇرلار» بولسا قانائاندا 3- ياكى 4-ئايدا يېغىپ، ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنى پىشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا ھەربىر دېھقان «كېيىنكى يامغۇر»غا تەشنادۇر، ئۇلار ئۇنى بەك قەدىرلەيدۇ. 11:16 قان. 8‏:19 11:18 قان. 6‏:6، 8 11:19 قان. 4‏:9؛ 6‏:7 11:21 «يەر يۈزىدىكى كۈنلىرىڭلار ئاسماننىڭ كۈنلىرىدەك بولىدۇ» ــ مەنىسى بەلكىم كۈنلەر كۆپ ھەم بەختلىك بولىدۇ، دېگەندەك بولۇشى مۇمكىن. باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى ئۇچرىشى مۇمكىن. 11:24 «ئوتتۇرا دېڭىزغىچە...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كەينى دېڭىزغىچە....». 11:24 يە. 1‏:3؛ 14‏:9 11:25 مىس. 23‏:27 11:29 «گەرىزىم تېغى ئۈستىدە.... ۋە ئەبال تېغى ئۈستىدە تۇرۇپ جاكارلايسىلەر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «گەرىزىم تېغى ئۈستىگە... ۋە... ئەبال تېغى ئۈستىگە قويۇسىلەر». بۇ يەرلەردە ئەھدىدىكى بەخت-بەرىكەتلەر ۋە لەنەتلەر جاكارلىنىدۇ ھەم تاش ئۈستىگە پۈتۈلىدۇ. مۇشۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتلىرى 27-28-بابلاردا ۋە «يە.» 30:8-35دە تېپىلىدۇ. 11:29 قان. 27‏:13،12؛ يە. 8‏:33