15
قەرزلەردىن خالاس قىلىش
ھەربىر يەتتە يىلنىڭ ئاخىرىدا سەن بىر «خالاس قىلىش»نى جاكارلىغىن. بۇ «خالاس قىلىش» مۇنداق بولىدۇ: ــ بارلىق قەرز ئىگىلىرى قوشنىسىغا بەرگەن قەرزنى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك؛ ئۇنى قوشنىسىدىن ياكى قېرىندىشىدىن تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىدا بىر «خالاس قىلىش» جاكارلاندى. چەتئەللىكتىن بولسا تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ؛ لېكىن قېرىندىشىڭدا بولغان قەرزنى كەچۈرۈم قىلىشىڭ كېرەك.
ھالبۇكى، ئاراڭلاردا ھاجەتمەنلەر بولمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سىلەرگە مىراس بولۇش ئۈچۈن ئىگىلىشىڭلارغا بېرىدىغان شۇ زېمىندا تۇرغىنىڭدا سېنى زىيادە بەرىكەتلەيدۇ؛ پەقەت سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بۇ پۈتۈن ئەمرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەڭلار شۇنداق بولىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ۋەدە قىلغاندەك ئۇ سېنى بەرىكەتلەيدۇ؛ سەن كۆپ ئەللەرگە كاپالەتلىك ئېلىپ قەرز بېرىسەن، لېكىن ئۇلاردىن قەرز ئالمايسەن؛ سەن كۆپ ئەللەر ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىسەن، لېكىن ئۇلار ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم سۈرمەيدۇ.
 
سېخىي بولۇڭلار!
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بېرىدىغان زېمىندا شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىڭ ئارىسىدىن كەمبەغەل بىر ئادەم بولسا، سەن ئۇنىڭغا كۆڭلۈڭنى قاتتىق قىلما ياكى ھاجىتى چۈشكەن قېرىندىشىڭغا قولۇڭنى يۇمۇۋالما؛ سەن بەلكى سېخىيلىق بىلەن ئۇنىڭغا قولۇڭنى ئوچۇق قىل ۋە ئۇنىڭدا نېمە كەم بولسا چوقۇم ھاجىتىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا ئۆتنە بېرىپ تۇر. كۆڭلۈڭدە نامرات قېرىندىشىڭدىن ئاغرىنىپ: يەتتىنچى يىل، يەنى «خالاس يىلى» يېقىنلاشتى، دەپ رەزىل ئويدا بولۇشتىن، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە بەرمەسلىكتىن ھېزى بول؛ شۇنداق بولۇپ قالسا ئۇ سېنىڭ توغراڭدا پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرۈشى بىلەن بۇ ئىش ساڭا گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. 10 سەن چوقۇم ئۇنىڭغا سېخىيلىق بىلەن بەرگىن؛ ئۇنىڭغا بەرگىنىڭدە كۆڭلۈڭدە نارازى بولما؛ چۈنكى بۇ ئىش ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بارلىق ئىشلىرىڭدا ۋە قولۇڭدىكى بارلىق ئەمگىكىڭدە بەرىكەتلەيدۇ. 11 چۈنكى كەمبەغەللەر زېمىندىن يوقاپ كەتمەيدۇ؛ شۇڭا مەن ساڭا: «سەن سېخىيلىق بىلەن زېمىندىكى قېرىندىشىڭغا، يەنى سېنىڭ نامراتلىرىڭغا ۋە ھاجەتمەنلىرىڭگە قولۇڭنى ئاچقىن» ــ دەپ تاپىلىدىم.
 
قۇللارنى قويۇۋېتىش
12 سېنىڭ قېرىندىشىڭ، مەيلى ئىبرانىي ئەر ياكى ئىبرانىي ئايال بولسۇن ساڭا سېتىلغان بولسا، ئۇ ئالتە يىل قۇللۇقۇڭدا بولىدۇ، ئاندىن يەتتىنچى يىلىدا سەن ئۇنى ئۆزۈڭدىن خالاس قىلىپ قويۇۋەت. 13 ئۇنى قويۇۋەتكەندە قۇرۇق قول قويۇۋەتسەڭ بولمايدۇ؛ 14 سەن چوقۇم قويلىرىڭدىن، خامىنىڭدىن ۋە شاراب كۆلچىكىڭدىن تەقدىم قىلىشىڭ كېرەك؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بەرىكەتلىگىنى بويىچە سەن ئۇنىڭغا بەر. 15 سېنىڭ ئەسلىدە مىسىر زېمىنىدا قۇل بولغانلىقىڭنى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ قۇتقۇزغانلىقىنى يادىڭدا تۇت؛ شۇڭا مەن بۈگۈن بۇ ئىشنى ساڭا تاپىلىدىم.
16 ھالبۇكى، شۇ قۇلۇڭ ساڭا: «مەن سەندىن كەتمەيمەن» دېسە (چۈنكى ئۇ سېنى ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنى سۆيىدۇ، سېنىڭ بىلەن ھالى ياخشى بولىدۇ) 17 ــ شۇ چاغدا سەن بىگىزنى ئېلىپ ئۇنىڭ قۇلىقىنى ئىشىكتە تەش. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەڭگۈگە سېنىڭ قۇلۇڭ بولىدۇ. شۇنىڭدەك دېدىكىڭگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلغىن.
18  قۇلۇڭنى يېنىڭدىن قويۇۋېتىش ساڭا ئېغىر كەلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇ قۇللۇقۇڭدا ئالتە يىل بولغاچقا، قىممىتى مەدىكارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ؛ ئۇنى قويۇۋەتسەڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بارلىق ئىشلىرىڭدا سېنى بەرىكەتلەيدۇ.
 
خۇداغا ئەڭ ئېسىلنى بېغىشلاش
19 كالىلىرىڭ ۋە قويلىرىڭ ئارىسىدا تۇغۇلغان بارلىق تۇنجى ئەركەك موزاي-قوزىلىرىڭنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتا؛ كالىلىرىڭنىڭ تۇنجىسىنى ھېچقانداق ئەمگەككە سالما، قويلىرىڭنىڭ تۇنجىسىنى قىرقىما. 20 سەن ۋە ئۆيۈڭدىكىلەر ھەر يىلى شۇ مېلىڭنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايدا يەڭلار. 21 بىراق شۇ ھايۋانلارنىڭ بىر يېرى مېيىپ بولسا، مەيلى ئۇ مەجرۇھ ، كور ياكى ئۇنىڭدا ھەرقانداق نۇقسان بولسا، ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا قۇربانلىق قىلماسلىقىڭ كېرەك. 22 بەلكى ئۇنى شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە يېسەڭ بولىدۇ؛ كىشىلەر مەيلى پاك ياكى ناپاك بولسۇن، ئۇنى جەرەن ياكى كېيىكنى يېگەندەك يېسە بولىدۇ. 23 پەقەت سەن ئۇنىڭ قېنىنى يېمە؛ قېنىنى سۇنى يەرگە تۆككەندەك تۆكۈۋەت.
 
 
15:1 مىس. 21‏:2؛ يەر. 34‏:14 15:2 «... پەرۋەردىگار ئالدىدا بىر «خالاس قىلىش» جاكارلاندى» ــ بەزى ئالىملار بۇ «خالاس قىلىش» دېگەننىڭ مەنىسى، قەرز ئىگىلىرى يەتتە يىل ئىچىدە قەرزدارلاردىن قەرزنى سورىماسلىقى كېرەك؛ لېكىن يەتتىنچى يىلدىن كېيىن قەرزلەرنى قايتىدىن سوراشقا بولىدۇ، دەپ بېكىتىلگەن، دەپ قارايدۇ. 15:7 «شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭلار ئىچىدە» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 15:9 «...نامرات قېرىندىشىڭدىن ئاغرىنىپ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «نامرات قېرىندىشىڭغا كۆزۈڭنى رەزىل قىلىپ» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 15:10 مات. 5‏:42؛ لۇقا 6‏:35 15:11 مات. 26‏:11؛ يـۇھ. 12‏:8 15:12 مىس. 21‏:2؛ يەر. 34‏:14 15:17 مىس. 21‏:6 15:18 «قىممىتى مەدىكارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ» ــ قۇل ھەركۈنى ئىگىسى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ۋاقىت مەدىكار ئىشلىگەن ۋاقىتنىڭ ئىككى ھەسسىدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن؛ چۈنكى قۇل كېچە-كۈندۈز خوجايىننىڭ بۇيرۇقى ئاستىدا تۇرۇشى كېرەك. 15:19 مىس. 13‏:2؛ 22‏:29؛ 34‏:19؛ لاۋ. 27‏:26؛ چۆل. 3‏:13 15:21 لاۋ. 22‏:20؛ قان. 17‏:1 15:22 «شەھەر-يېزاڭلار ئىچىدە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەرۋازىلىرىڭ ئىچىدە» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 15:23 قان. 12‏:23،16