27
شەكەمدە يىغىلىش ــ بەخت-بەرىكەت ۋە لەنەتلىك ئىشلار
مۇسا ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى خەلققە بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: ــ
«مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان بۇ بارلىق ئەمرنى تۇتۇڭلار. ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرگەن كۈندە، سىلەر چوڭ-چوڭ تاشلارنى تىكلەپ ئۇلارنى ھاك بىلەن ئاقارتىڭلار؛ ئاندىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا كىرىشىڭلار ئۈچۈن دەريادىن ئۆتكىنىڭلەردە، بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىنى شۇ تاشلارغا پۈتۈپ قويۇڭلار. سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، مېنىڭ بۈگۈنكى ئەمرىم بويىچە شۇ تاشلارنى ئېبال تېغىدا تىكلەپ، ئۇلارنى ھاك بىلەن ئاقارتىڭلار. سىلەر شۇ يەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۈچۈن تۆمۈر ئەسۋاب تەگمىگەن تاشلاردىن قۇربانگاھ ياساڭلار؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ بۇ قۇربانگاھى يونۇلمىغان، پۈتۈن تاشلاردىن ياسالسۇن؛ ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇڭلار، ۋە شۇ يەردە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ سۇنۇڭلار، ئۇلاردىن يەپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار. سىلەر شۇ تاشلار ئۈستىگە بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئېنىق پۈتۈپ قويۇڭلار».
ئاندىن مۇسا بىلەن لاۋىي كاھىنلار پۈتكۈل ئىسرائىلغا سۆز قىلىپ: «ئەي ئىسرائىل، شۈك تۇرۇپ ئاڭلاڭلار! سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ خەلقى بولدۇڭلار. 10 ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە تاپىلىغان ئۇنىڭ ئەمرلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىڭلار» ــ دېيىشتى.
11 شۇ كۈنى مۇسا خەلققە ئەمر قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
12 سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇلار، يەنى شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، يۈسۈپ بىلەن بىنيامىنلار گەرىزىم تېغىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، خەلققە بەخت-بەرىكەت تىلىسۇن. 13 بۇلار، يەنى رۇبەن، گاد، ئاشىر، زەبۇلۇن، دان بىلەن نافتالى ئېبال تېغىنىڭ ئۈستىدە لەنەت ئوقۇشقا تۇرسۇن.
 
ئەھدىدە كۆرسىتىلگەن لەنەتلىك ئىشلار
14 ئۇ ۋاقىتتا لاۋىيلار ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ
15 «كىمكى ھۈنەرۋەننىڭ قولى بىلەن بىرەر ئويما ياكى قۇيما مەبۇدنى ياساپ چىقسا (پەرۋەردىگار ئالدىدا يىرگىنچلىك ئىشتۇر!)، ئۇنى يوشۇرۇنچە تىكلەپ قويسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن.
16 «كىمكى ئاتا-ئانىسىنى كۆزگە ئىلمىسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن.
17 «كىمكى قوشنىسىنىڭ پاسىل تېشىنى يۆتكىسە لەنەتكە قالسۇن»، دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! دېسۇن.
18 «كىمكى بىر كورنى يولدىن ئازدۇرسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن.
19 «كىمكى مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇن توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى بۇرمىلىسا، لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن.
20 «كىمكى ئاتىسىنىڭ خوتۇنى بىلەن ياتسا، ئاتىسىنىڭ يوتقىنىنى ئاچقان بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! ــ دېسۇن.
21 «كىمكى ھايۋان بىلەن مۇناسىۋەت قىلسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! ــ دېسۇن.
22 «كىمكى ئاتىسىنىڭ قىزى ياكى ئانىسىنىڭ قىزى بولغان ئۆز ھەمشىرىسى بىلەن ياتسا لەنەتكە قالسۇن» ــ دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! ــ دېسۇن.
23 «كىمكى قېينئانىسى بىلەن ياتسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ئامىن! ــ دېسۇن.
24 «كىمكى قوشنىسىنى پايلاپ تۇرۇپ يوشۇرۇن ئۆلتۈرسە لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن.
25 «كىمكى گۇناھسىز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن ھەق ئالسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن.
26 «كىمكى بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرمىسا، لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن.
 
 
27:2 يە. 4‏:1 27:5 مىس. 20‏:25؛ يە. 8‏:31 27:12 قان. 11‏:29 27:15 «لەنەتكە قالسۇن» ــ مۇشۇ سۆزنىڭ مۇشۇ يەردىكى ئاساسىي ئۇقۇمى خەلقنىڭ لەنىتىگە قالغانلىقى ئەمەس، بەلكى «خۇدا لەنەت قىلدى»، «خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغان» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. 27:20 «ئاتىسىنىڭ يوتقىنىنى ئاچقان...» ــ بۇ سۆزلەر توغرۇلۇق 30:22نى ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. 27:26 گال. 3‏:10