10
خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئىبادەتخانىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ
مەن قارىدىم، مانا، كېرۇبلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى گۈمبەز ئۈستىدە، كۆك ياقۇتنىڭ قىياپىتىدەك بىر تەختنىڭ كۆرۈنۈشى تۇراتتى؛ ۋە تەختكە ئولتۇرغۇچى كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىگە: «كېرۇبلارنىڭ ئاستىدىكى چاقلارنىڭ ئارىسىغا كىر، قوللىرىڭنى كېرۇبلار ئارىسىدا كۆيۈۋاتقان چوغلارغا تولدۇرۇپ، ئۇلارنى شەھەر ئۈستىگە چېچىۋەت» ــ دېدى. مەن قارىدىم، ئۇ شۇنداق قىلىشقا باشلىدى.
بۇ كىشى كىرگەندە كېرۇبلار ئۆينىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇراتتى؛ شان-شەرەپلىك بۇلۇت ئۆينىڭ ئىچكى ھويلىسىنى تولدۇردى. ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى كېرۇب ئۈستىدىن چىقىپ، ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەنىدى؛ ئۆي بۇلۇتقا تولدى، ھويلا بولسا پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنىڭ جۇلالىقىغا چۆمگەن. كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ ساداسى ھەممىدىن قادىرنىڭ سۆزلىگەن چاغدىكى ئاۋازىدەك بولۇپ، سىرتتىكى ھويلىغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
ۋە شۇنداق بولدىكى، رەب كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىگە: «چاقلار ئارىسىدىن، يەنى كېرۇبلار ئارىسىدىن ئوت ئالغىن» ــ دەپ بۇيرۇغىنىدا، ئۇ كىرىپ بىر چاقنىڭ يېنىدا تۇردى. ۋە كېرۇبلاردىن بىرى ئۆز قولىنى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوتقا سوزۇپ ئۇنىڭدىن ئوت ئېلىپ، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىنىڭ قوللىرىغا سالدى؛ ئۇ بۇنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى (كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى ئاستىدا، ئادەمنىڭ قوللىرىنىڭ قىياپىتى كۆرۈنۈپ تۇراتتى).
مەن قارىدىم، مانا، كېرۇبلارنىڭ يېنىدا تۆت چاق بار ئىدى، بىر كېرۇبنىڭ يېنىدا بىر چاق، يەنە بىر كېرۇبنىڭ يېنىدا يەنە بىر چاق تۇراتتى؛ چاقلارنىڭ قىياپىتى بولسا بېرىل ياقۇتنىڭ كۆرۈنۈشىدە ئىدى. 10 ئۇلارنىڭ شەكلى بولسا، تۆتىلىسىنىڭ ئوخشاش ئىدى، يەنى چاق ئىچىدە چاق باردەك كۆرۈنەتتى. 11 كېرۇبلار ماڭغاندا، ئۇلار يۈزلەنگەن تۆتىلا تەرەپكە ئۇدۇل قاراپ ماڭاتتى؛ ماڭغاندا ئۇلار ھېچ بۇرۇلمايتتى، بەلكى بېشى قايسى تەرەپكە قارىغان بولسا، ئۇلار شۇ تەرەپكە ماڭاتتى؛ ئۇلار ماڭغاندا ھېچ بۇرۇلمايتتى. 12 ئۇلارنىڭ پۈتۈن تېنى، دۈمبىلىرى، قوللىرى، قاناتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ چاقلىرىمۇ، يەنى تۆتىسىگە تەۋە چاقلارنىڭ ئەتراپى كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. 13 چاقلارنى بولسا: «پىرقىرايدىغان چاقلار!» ــ دەپ ئاتىغىنىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم. 14 ھەربىر كېرۇبنىڭ تۆت يۈزى بار ئىدى؛ بىرىنچىسى كېرۇبنىڭ يۈزى، ئىككىنچىسى ئادەمنىڭ يۈزى، ئۈچىنچىسى شىرنىڭ يۈزى، تۆتىنچىسى بۈركۈتنىڭ يۈزى ئىدى.
15 كېرۇبلار يۇقىرىغا ئۆرلىدى. بۇلار دەل مەن كېۋار دەرياسى بويىدا كۆرگەن ھايات مەخلۇقلار ئىدى. 16 كېرۇبلار ماڭغاندا، چاقلارمۇ ئۇلارغا ياندىشىپ ماڭاتتى؛ كېرۇبلار يەردىن ئۆرلەشكە قاناتلىرىنى كۆتۈرگىنىدە، چاقلارمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدىن بۇرۇلۇپ كەتمەيتتى. 17 ئۇلار تۇرغاندا، چاقلارمۇ تۇراتتى؛ ئۇلار كۆتۈرۈلگەندە، چاقلارمۇ ئۇلار بىلەن كۆتۈرۈلەتتى؛ چۈنكى ھايات مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردا ئىدى. 18 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينىڭ بوسۇغىسى ئۈستىدىن چىقىپ، كېرۇبلار ئۈستىدە تۇردى؛ 19 كېرۇبلار قاناتلىرىنى كېرىپ، كۆز ئالدىمدا يەردىن كۆتۈرۈلدى؛ ئۇلار ئۆيدىن چىققاندا، چاقلارمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدا تۇراتتى؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يۇقىرى تۇراتتى.
20 بۇلار بولسا دەل مەن كېۋار دەرياسى بويىدا كۆرگەن، ئىسرائىل خۇداسىنىڭ ئاستىدا تۇرغان مەخلۇقلار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ كېرۇبلار ئىكەنلىكىنى بىلدىم. 21 ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تۆتتىن يۈزى، ھەربىرىنىڭ تۆتتىن قانىتى، قاناتلىرى ئاستىدا ئىنسان قولى سىياقىدىكى قوللىرى بار ئىدى. 22 ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنىڭ قىياپىتى بولسا، ئۇلار مەن كېۋار دەرياسى بويىدا كۆرگەن يۈزلەر ئىدى؛ ئۇلارنىڭ تۇرقى ۋە يۈزلىرى مەن كۆرگەنگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۇدۇلىغا قاراپ ماڭاتتى.
 
 
10:3 «شان-شەرەپلىك بۇلۇت ئۆينىڭ ئىچكى ھويلىسىنى تولدۇردى» ــ «شان-شەرەپلىك بۇلۇت»، 4:1نى كۆرۈڭ. 10:9 ئ‍ەز. 1‏:16 10:14 «ھەربىر كېرۇبنىڭ تۆت يۈزى بار ئىدى؛ بىرىنچىسى كېرۇبنىڭ يۈزى...» ــ 10:1-ئايەتتە، «كېرۇبنىڭ يۈزى»نىڭ ئورنىدا، «بۇقىنىڭ يۈزى» كۆرۈنىدۇ. شۇڭا مۇمكىنچىلىكى باركى، «كېرۇب»لار ئۆزى بۇقىنىڭ قىياپىتىدە كۆرۈنىدۇ. 10:16 ئ‍ەز. 1‏:19 10:17 ئ‍ەز. 1‏:20 10:20 ئ‍ەز. 1‏:3 10:21 ئ‍ەز. 1‏:6، 8؛ 10‏:8، 14