2
ئەزاكىيالنىڭ ۋەزىپىسى
ۋە ئۇ ماڭا: ئى ئىنسان ئوغلى، ئورنۇڭدىن دەس تۇر، ۋە مەن ساڭا سۆز قىلىمەن، ــ دېدى.
ئۇ ماڭا سۆز قىلغاندا، روھ ماڭا كىرىپ، مېنى دەس تۇرغۇزدى؛ ۋە مەن ماڭا سۆز قىلغۇچىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردۇم.    ۋە ئۇ ماڭا: ــ «ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنى ئىسرائىل بالىلىرىغا، يەنى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئاسىي «يات ئەللەر»گە ئەۋەتىمەن؛ بۈگۈنگە قەدەر ھەم ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋلىرى ماڭا يۈز ئۆرۈپ ئاسىيلىق قىلىپ كەلمەكتە»، ــ دېدى.  
ــ «بۇ بالىلار بولسا نومۇسسىز ۋە كۆڭلى قاتتىقتۇر؛ مەن سېنى ئۇلارغا ئەۋەتىمەن؛ سەن ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ!» ــ دېگىن ــ
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەيلى قۇلاق سالسۇن، سالمىسۇن (چۈنكى ئۇلار ئاسىيلىق قىلىدىغان بىر جەمەت) ــ ئۆزلىرى ئارىسىدا ھەقىقىي بىر پەيغەمبەرنىڭ تۇرغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.
ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، گەرچە ساڭا تىكەن-جىغانلار ھەمراھ بولسىمۇ، ۋە سەن چايانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرساڭمۇ، ئۇلاردىن قورقما، ۋە سۆزلىرىدىنمۇ قورقما؛ شۇنداق، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن قورقما، ۋە زەردىلىك قاراشلىرىدىن دەككە-دۈككىگە چۈشمە؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر.    سەن ئۇلار تىڭشىسۇن، تىڭشىمىسۇن مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈز؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىيلىق قىلغۇچىلاردۇر. ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ساڭا ئېيتقان سۆزلىرىمگە قۇلاق سال؛ بۇ ئاسىي جەمەتتەك تەتۈر بولمىغىن؛ ئاغزىڭنى ئېچىپ، مەن ساڭا بەرگىنىمنى يېگىن».
ــ مەن قارىسام، مانا ماڭا سوزۇلغان بىر قول تۇرۇپتۇ؛ ۋە مانا، ئۇنىڭدا بىر ئورام يازما تۇرۇپتۇ. 10 ئۇ كۆز ئالدىمدا ئۇنى ئېچىپ يېيىپ قويدى؛ ئۇنىڭ ئالدى-كەينىنىڭ ھەممە يېرىگە خەت يېزىلغانىدى؛ ئۇنىڭغا يېزىلغانلىرى مەرسىيە، ماتەم سۆزلىرى ۋە دەرد-ئەلەملەردىن ئىبارەت ئىدى.
 
 
2:2 «ئۇ ماڭا سۆز قىلغاندا، روھ ماڭا كىرىپ، مېنى دەس تۇرغۇزدى» ــ «روھ»، مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ روھىنى كۆرسىتىدۇ. 2:2 ئ‍ەز. 3‏:24؛ دان. 10‏:10 2:3 «ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئاسىي «يات ئەللەر»» ــ مۇشۇ يەردە «يات ئەللەر» كىنايىلىك گەپ بولۇپ، شۈبھىسىزكى «ئىسرائىل» (شىمالىي پادىشاھلىق) ۋە يەھۇدا (جەنۇبىي پادىشاھلىق) دېگەن ئىككى ئەلنى كۆسىتىدۇ. ئۇلار خۇداغا «يات»، ئۇلار چەتئەللىكلەردەك بۇتقا چوقۇندى. «ئىسرائىل» (شىمالىي پادىشاھلىق) 125 يىل ئىلگىرى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن سۈرگۈن بولغانىدى. ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى غۇلىغاندىن كېيىن، بەلكىم سۈرگۈن بولغان كۆپ ئىسرائىللار بابىلدا قېلىپ، سۈرگۈن بولغان «يەھۇدا»دىكىلەر بىلەن ئارىلىشىپ بىر بولۇپ كەتكەن. 2:3 يەر. 3‏:25 2:5 ئ‍ەز. 33‏:33 2:6 «گەرچە ساڭا تىكەن-جىغانلار ھەمراھ بولسىمۇ، ۋە سەن چايانلارنىڭ ئارىسىدا تۇرساڭمۇ،...» ــ «تىكەن-جىغانلار» ۋە «چايانلار» دېگەنلەر شۈبھىسىزكى، ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ. 2:6 يەر. 1‏:8، 17؛ ئ‍ەز. 3‏:9؛ لۇقا 12‏:4؛ 1پېت. 3‏:1 2:8 ۋەھ. 10‏:9 2:10 «ئۇ كۆز ئالدىمدا ئۇنى ئېچىپ يېيىپ قويدى؛ ئۇنىڭ ئالدى-كەينىنىڭ ھەممە يېرىگە خەت يېزىلغانىدى» ــ ئادەتتە، «ئورام يازمىلار»دا پەقەت ئىچىدىلا خەت يېزىقلىق بولاتتى. ئالىملارنىڭ بۇ ئورام يازمىنىڭ «ئالدى-كەينى»گە خەت يېزىلغانلىقى توغرۇلۇق ھەرخىل پىكرى بار. شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ بىر ئەھمىيىتى شۇكى، خۇدانىڭ ساپ سۆزلىرىگە ھېچكىمنىڭ قوشۇمچە سۆزلەرنى يېزىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىدى؛ بىزنىڭچە، بۇ ئىش يەنە خۇدانىڭ ئۇلارنى ئەيىبلەيدىغان سۆزلىرىنىڭ نۇرغۇنلىقىنى تەكىتلەيدۇ.