21
«قىلىچ» ھەققىدە
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى يېرۇسالېمغا قارىتىپ، «مۇقەددەس جايلار»نى ئەيىبلەپ، ئىسرائىل زېمىنىنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ، يەنى ئىسرائىل زېمىنىغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن؛ قىلىچىمنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ، سەندىن ھەم ھەققانىيلار ھەم رەزىللەرنى ئۈزۈپ تاشلايمەن.
مەن سەندىن ھەم ھەققانىيلار ھەم رەزىللەرنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى بولغىنىم ئۈچۈن، قىلىچىم بارلىق ئەت ئىگىلىرى، يەنى جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ھەممەيلەن بىلەن قارشىلىشىشغا غىلاپتىن چىقىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەت ئىگىلىرى مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قىلىچىمنى غىلاپتىن سۇغۇرغانلىقىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ قىلىچ غىلاپقا قايتىدىن يېنىپ كىرمەيدۇ.
ئەمدى ئۇھ تارتقىن، ئى ئىنسان ئوغلى؛ ئىچ-باغرىڭ ئېچىشقۇدەك دەرد-ئەلەم بىلەن ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇھ-زار قىل. ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار سەندىن: «نېمىشقا ئۇھ تارتىسەن؟» دەپ سورىغاندا، سەن ئۇلارغا: «بولغان شۇم خەۋەر تۈپەيلىدىن! مانا، ئۇ كېلىدۇ! بارلىق يۈرەكلەر ئېرىپ، بارلىق قوللار بوشاپ كېتىدۇ، بارلىق روھلار زەئىپلىشىپ، بارلىق تىزلار سۈيدۈك بىلەن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىدۇ؛ مانا ئۇ كېلىۋاتىدۇ! ئۇ يېتىپ كەلدى! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار» ــ دېگىن.  
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بىر قىلىچ، بىر قىلىچ، بىسلانغان، پارقىرىتىلغان! 10 ئۇ زور قىرغىنچىلىق ئۈچۈن بىسلانغان، ئۇنى يالتىراشقا پارقىراتقان؛ ئۆز ئوغلۇمنىڭ شاھانە ھاسىسى ھەرقانداق ئاددىي تاياقنى كەمسىتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، خۇشال بولۇپ كېتىشىمىزگە توغرا كېلەمدۇ؟
11 ئۇ قىلىچنى پارقىرىتىلىشقا، قول بىلەن تۇتۇشقا بېكىتكەن؛
قىلىچ بىلەنگەن، پارقىرىتىلغان،
قەتل قىلغۇچىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇشقا تەييارلانغاندۇر!
12 نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ پىغان چەككىن، ئى ئىنسان ئوغلى،
چۈنكى قىلىچ مېنىڭ خەلقىمگە قارشى چىققان؛
ئۇ ئىسرائىلنىڭ بارلىق شاھزادىلىرىگە قارشى چىققان؛
ئۇلار ئۆز خەلقىم بىلەن تەڭ قىلىچقا تاپشۇرۇلغان؛
شۇڭا يانپىشىڭغا قاتتىق ئۇرۇپ قويغىن!  
13 چۈنكى سىناق كەلدى؛ ئەمدى بۇ «شاھانە ھاسا» باشقا ياغاچلارنى كەمسىتكىنى بىلەن، ئۇ بەرىبىر تۈگىشىدۇ ئەمەسمۇ؟! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
14 ــ ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بەرگىن، چاۋاك چالغىن! قىلىچ ئىككى قېتىم، ئۈچ قېتىم ئۇرۇپ قىرسۇن! ئۇ قىرغۇچى قىلىچ، ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالغان زور قەتل قىلغۇچى قىلىچتۇر!
15 ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىنى ئېرىسۇن دەپ، ئۇلاردىن نۇرغۇنلىرى پۇتلىشىپ كەتسۇن دەپ، مەن ئۇلارنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرىغا تەھدىت سالغۇچى قىلىچنى قارىتىپ قويدۇم. ۋاي! ئۇ چاقماقتەك پارقىرىتىلغان، ئۇ قىرىشقا سۇغۇرۇلغان؛    16 ئى قىلىچ، ئوڭ تەرەپكە ئۆتكۈر بول! سول تەرەپكە بۇرۇلۇپ چاپ! بىسىڭنى قەيەرگە قاراتقان بولسا شۇ يەرگە چاپ! 17 مەنكى پەرۋەردىگار ئۆز قولۇم بىلەن چاۋاك چالىمەن، ئۆز قەھرىمنى تۆكۈپ پىغاندىن چىقىمەن؛ مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم.
 
خۇدانىڭ بابىلنىڭ پادىشاھىنى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا قارىتىپ قويىدىغانلىقى
18 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
19 سەن ئى ئىنسان ئوغلى، بابىل پادىشاھىنىڭ قىلىچىنىڭ مېڭىشىغا تەييارلانغان ئىككى يولنى بېكىتىپ قويغىن؛ ئىككىلىسى بىر زېمىندىن چىقىدىغان بولسۇن؛ يېرۇسالېم شەھىرىگە ماڭىدىغان يولنىڭ بېشىدا بىر يول بەلگىسىنى تىكلەپ قويغىن؛ 20 يەنى قىلىچنىڭ يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىگە بىر يول ھەمدە يەھۇداغا، يەنى ئىستىھكامى مەستەھكەم يېرۇسالېم شەھىرىگە يەنە بىر يولنى بېكىتىپ قويغىن؛ 21 چۈنكى بابىلنىڭ پادىشاھى ئاچا يولدا، يەنى ئىككى يولنىڭ بېشىدا پال ئاچقۇزىدۇ؛ ئۇ ئوقلارنى سىلكىيدۇ، «كۆچمە مەبۇدلار»دىن سورايدۇ، جىگەرنى تەكشۈرىدۇ.
22 ئەمدى سېپىلنى بۆسكۈچى بازغانلارنى تىكلەشنى، قان تۆكۈشكە پەرمان قىلىشنى، جەڭ ئېلان قىلىپ توۋلاشنى، دەرۋازىلارغا ئۇرۇلغۇچى بازغانلارنى تىكلەشنى، سېپىلغا چىقىدىغان دۆڭلۈكلەرنى ياساشنى، پوتەيلەرنى قۇرۇشنى، يېرۇسالېمنى مۇھاسىرىگە ئېلىشنى كۆرسىتىدىغان پال ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا چۈشىدۇ؛ 23 گەرچە بۇ پال ئۇلارغا يالغان كۆرۈنگىنى بىلەن، ئۇلار ئىچكەن قەسەملەر تۈپەيلىدىن، يەھۇدادىكىلەرنى چاڭگىلىغا ئالسۇن دەپ پادىشاھ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ.
24 ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنىڭ ئاسىيلىقىڭلار ئاشكارىلىنىپ، بارلىق قىلمىشلىرىڭلاردا گۇناھلىرىڭلار كۆرۈنگەچكە، قەبىھلىكىڭلارنى ئەسكە كەلتۈرگىنىڭلار تۈپەيلىدىن ــ يەنى ئۆزۈڭلار پاش قىلىنىپ ئەسكە ئېلىنغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، سىلەر قولغا ئېلىنىسىلەر. 25 ئەمدى سەن، ئى ئىسرائىلنىڭ مۇناپىق ھەم رەزىل شاھزادىسى، قەبىھلىكىڭنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقىنىدا، كۆرىدىغان كۈنىڭ كېلىدۇ!
26 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەللىنى ئۇنىڭدىن ئېلىۋەت، تاجنى ئېلىۋەت؛ ئىشلار ئۆز پېتىدا تۇرىۋەرمەيدۇ؛ پەس تۇرغاننى ئېگىز قىل، ئېگىز تۇرغاننى پەس قىل؛ 27 ئۇنىڭ تەختىنى ئۆرۈۋەت، ئۆرۈۋەت، ئۆرۈۋەت! ئۇنىڭ ھوقۇقىنىڭ ئىگىسى كەلمىگۈچە، ئۇ يەنە مەۋجۇت بولمايدۇ؛ مەن ئۇنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىمەن.
 
ئاممون خەلقى توغرۇلۇق بېشارەت
28 ئەمدى ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار ئاممونىيلار ۋە ئۇلارنىڭ مازاقلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «بىر قىلىچ، بىر قىلىچ قەتل قىلىشقا سۇغۇرۇلغان؛ ئۇ ئادەمنى يەۋېتىشكە، چاقماقتەك يالتىراشقا پارقىرىتىلغان!» ــ دېگىن!
29 چۈنكى پالچىلار سەن قىلىچ توغرۇڭدا قۇرۇق ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ، سەن ئۈچۈن يالغاندىن بىر پال سالىدۇ؛ رەزىللەرنىڭ كۆرىدىغان كۈنى كەلگەندە، قەبىھلىكنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، بۇلار سېنى شۇ قىرىلغان رەزىللەرنىڭ بويۇنلىرى ئۈستىگە قوشۇپ ياتقۇزىدۇ!
30 بۇ قىلىچنى ئۆز غىلاپىغا قايتۇرۇپ سال!
مەن سېنىڭ ئۈستۈڭگە ئۆزۈڭ يارىتىلغان جايدا، يەنى سەن تۆرۈلگەن جايدا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن.
31 شۇنىڭ بىلەن مەن ئۈستۈڭگە قەھرىمنى تۆكۈپ ياغدۇرۇپ،
غەزىپىمنىڭ ئوتى قىلىپ پۈۋلەيمەن؛
مەن سېنى قاتىللىققا ماھىر ياۋۇز ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن؛
32 سەن ئوتقا يېقىلغۇ بولىسەن؛
سېنىڭ قېنىڭ ئۆز زېمىنىڭدە تۆكۈلىدۇ؛
سەن قايتىدىن ئەسلەنمەيسەن؛
چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلغان.
 
 
21:7 «بارلىق تىزلار سۈيدۈك بىلەن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىدۇ» ــ دېمەك، قورقۇنچتىن شۇنداق بولىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «بارلىق تىزلار سۇدەك ئاجىز بولۇپ كېتىدۇ». 21:7 يەر. 6‏:24؛ 49‏:23؛ ئ‍ەز. 4‏:17؛ 7‏:17 21:10 «ئۇ زور قىرغىنچىلىق ئۈچۈن بىسلانغان، ... ئۆز ئوغلۇمنىڭ شاھانە ھاسىسى ھەرقانداق ئاددىي تاياقنى كەمسىتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، خۇشال بولۇپ كېتىشىمىزگە توغرا كېلەمدۇ؟» ــ ئوقۇرمەنلەر كۆپ خىل تەرجىمىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى مۇمكىن. بۇ جۈملىنىڭ ئەينى تېكىستىنى چۈشىنىش تەس. «ئۆز ئوغلۇم» مۇشۇ يەردە بەلكىم يەھۇدا ياكى يەھۇدانىڭ پادىشاھى زەدەكىيا بولۇشى مۇمكىن. زەدەكىيا ئۆزىنى «يېڭىلمەس» دەپ ھېسابلىغىنى بىلەن، ئۇنىڭ خۇدا مەخسۇس تەييارلىغان قىلىچنى «بىر تال ياغا تاياق»تەك ئاسانلا بىر تەرەپ قىلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. 21:12 «شۇڭا يانپىشىڭغا قاتتىق ئۇرۇپ قويغىن!» ــ «يانپاشقا ئۇرۇش» قاتتىق دەرد-ئەلەمنىڭ ئىپادىسى ئىدى. 21:12 ئ‍ەز. 6‏:11؛ 7‏:27 21:13 يەش. 1‏:5؛ يەر. 6‏:28-30 21:14 «بېشارەت بەرگىن، چاۋاك چالغىن!» ــ «چاۋاك چېلىش» بەلكىم پەيغەمبەرنىڭ خۇداغا ۋەكىل بولۇپ، خۇدانىڭ بۇ ئىشلارنى توغرا دېگەنلىكىنى ئىپادىلىشى ئىدى. 21:15 «ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىنى ئېرىسۇن دەپ، ... مەن ئۇلارنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرىغا تەھدىت سالغۇچى قىلىچنى قارىتىپ قويدۇم. ۋاي! ئۇ چاقماقتەك پارقىرىتىلغان، ئۇ قىرىشقا سۇغۇرۇلغان» ــ ئوقۇرمەنلەر باشقا نەچچە خىل تەرجىمىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى مۇمكىن. ئىبرانىي تىلىدا بۇ ئايەتتىكى بەزى سۆزنىڭ مەنىسىنى پەقەت پەرەز قىلىشقىلا بولىدۇ. 21:15 ئ‍ەز. 21‏:32 21:21 «كۆچمە مەبۇدلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «تەرافىم»؛ كىچىك، قول بىلەن كۆتۈرگىلى بولغان «قولايلىق بۇتلار». «جىگەرنى تەكۈشۈرۈش» ــ كونا زاماندىكى پالچىلىقنىڭ بىر ئۇسۇلى ئىدى. بىلىشىمىزچە ئۇلار بىر ھايۋاننى سويۇپ، ئاندىن ئۈچەي-قارنى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، كۆرگەن ئالامەتلەر بويىچە بىر قارارغا كېلەتتى. 21:22 ئ‍ەز. 4‏:2؛ 17‏:17 21:23 «گەرچە بۇ پال ئۇلارغا يالغان كۆرۈنگىنى بىلەن، ... يەھۇدادىكىلەرنى چاڭگىلىغا ئالسۇن دەپ پادىشاھ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ» ــ پۈتۈن بۇ ئايەتنىڭ ئەينى تېكىستنى چۈشىنىش تەس. «ئىچكەن قەسەملەر» بەلكىم زەدەكىيا نېبوقادنەسارغا ئىچكەن قەسەملەرنى كۆرسىتىدۇ. نېبوقادنەسارنىڭ مەسلىھەتچىلىرى بۇ پالنى يالغان دەپ قارىغىنى بىلەن، خۇدا يېرۇسالېمنى جازالانسۇن (نېبوقادنەسارنىڭ چاڭگىلىغا چۈشسۇن) دەپ قەتئىي بېكىتكەن بولغاچقا، نېبوقادنەسار بەرىبىر رابباھ شەھىرىگە ئەمەس، بەلكى يېرۇسالېمنىڭ ئاسىيلىقىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلىدۇ. 21:25 «ئى ئىسرائىلنىڭ مۇناپىق ھەم رەزىل شاھزادىسى» ــ «رەزىل شاھزادە» زەدەكىيا پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. ئەزاكىيال پەيغەمبەر ئۇنى «پادىشاھ» دېگۈسى كەلمەيدۇ. «قەبىھلىكىڭنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقىنىدا، كۆرىدىغان كۈنىڭ كېلىدۇ!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «قەبىھلىكىڭنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقىنىدا، كۆرىدىغان كۈنىڭ كەلدى!» دېيىلىدۇ. دېمەك، كۆرىدىغان كۈنىنىڭ يېقىن كەلگەنلىكىنى تەكىتىلەيدۇ. 21:27 «ئۇنىڭ ھوقۇقىنىڭ ئىگىسى كەلمىگۈچە، ئۇ يەنە مەۋجۇت بولمايدۇ؛ مەن ئۇنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىمەن» ــ بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى، زەدەكىيادىن كېيىن، داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى، ئىسرائىل ھەم ئالەمنىڭ تېگىشلىك پادىشاھى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ كەلگۈچە ئىسرائىلنىڭ تەختىگە ئۆز خەلقىدىن بولغان ھېچكىم پادىشاھ بولۇپ ئولتۇرمايدۇ. «يار.» 10:49-تىكى بېشارەتنىمۇ كۆرۈڭ. 21:28 «بىر قىلىچ، بىر قىلىچ قەتل قىلىشقا سۇغۇرۇلغان؛ ئۇ ئادەمنى يەۋېتىشكە، چاقماقتەك يالتىراشقا پارقىرىتىلغان!» ــ ئاممونىيلار ئۆزلىرىىنىڭ مۇشۇ قىلىچىنى ئىسرائىللارنى سويۇش ئۈچۈن سۇغۇرغان (كېيىنكى ئايەتلەتنى كۆرۈڭ). بىراق ئاخىرىدا ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.