30
مىسىر توغرۇلۇق ئېيتىلغان مەرسىيە
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر داد-پەرياد سېلىپ: «ۋاي شۇ كۈنى!» ــ دەڭلار!» ــ دېگىن.
چۈنكى كۈن يېقىنلاشتى؛ بەرھەق، پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى، بۇلۇتلار قاپلانغان كۈن يېقىنلاشتى؛ ئۇ ئەللەرنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان كۈندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر قىلىچ مىسىر ئۈستىگە چۈشىدۇ؛ ئۆلتۈرۈلگەنلەر مىسىردا يىقىلغاندا، ئۇنىڭ زور بايلىقلىرى بۇلىنىپ كەتكەندە، ئۇنىڭ ئۇللىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، ئېفىئوپىيەلىكلەر دەرد-ئەلەم تارتىدۇ.
ئېفىئوپىيە، پۇت، لۇد، بارلىق ئەرەبىيە، لىۋىيە ۋە ئەھدە قىلىنغان زېمىندىكىلەرمۇ مىسىر بىلەن بىللە قىلىچلىنىدۇ.
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مىسىرنى قوللايدىغانلار يىقىلىدۇ؛ ئۇنىڭ كۈچىدىن بولغان پەخرى يەرگە چۈشىدۇ؛ مىگدولدىن سەۋەنگىچە بولغان خەلق قىلىچلىنىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
ــ ئۇلار ۋەيران قىلىنغان زېمىنلار ئارىسىدا ۋەيران قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ شەھەرلىرى خارابە قىلىنغان شەھەرلەر ئارىسىدا ياتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، مەن مىسىرغا ئوت سالغىنىمدا، ئۇنىڭ ياردىمىدە بولغانلار سۇندۇرۇلغاندا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ شۇ كۈنى ئەلچىلەر ئېفىئوپىيەنى قورقىتىش ئۈچۈن كېمىلەردە ئولتۇرۇپ مەندىن چىقىدۇ؛ مىسىرنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈندەك ئۇلارغىمۇ ئازاب-ئوقۇبەت چۈشىدۇ؛ مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ!
10 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەنە مىسىرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولى بىلەن تۈگىتىمەن. 11 ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن خەلقى، يەنى ئەللەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ دەھشەتلىكى زېمىننى ھالاك قىلىشقا ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئۇلار مىسىر بىلەن قارشىلىشقا قىلىچلارنى سۇغۇرۇپ، زېمىننى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن تولدۇرىدۇ.  
12 مەن نىل دەريالىرىنى قۇرۇتىمەن،
ۋە زېمىننى رەزىل ئادەملەرنىڭ قولىغا سېتىۋېتىمەن؛
زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرغان ھەممىنى يات ئادەملەرنىڭ قولىدا ۋەيرانە قىلىمەن؛ مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلغان».
13 رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن نوف شەھىرىدىن بۇتلارنى يوقىتىمەن، ئويغان مەبۇدلارنىمۇ يوقىتىمەن؛ مىسىر زېمىنىدىن قايتىدىن شاھزادە بولماس؛ مەن مىسىر زېمىنىنى قورقۇنچقا چۈشۈرىمەن. 14 مەن پاتروس شەھىرىنى ۋەيرانە قىلىپ، زوئان شەھىرىدە ئوت سالىمەن، نو شەھىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. 15 مىسىرنىڭ ئىستىھكامى بولغان سىن شەھىرىنىڭ ئۈستىگە قەھرىمنى تۆكىمەن؛ نو شەھىرىنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنى قىرىۋېتىمەن.
16 مەن مىسىردا بىر ئوت سالىمەن؛ سىن ئازابلاردىن تولغىنىپ كېتىدۇ؛ نو شەھىرى بۆسۈلىدۇ، نوف شەھىرى ھەر كۈنى ياۋلارغا يۈزلىنىدۇ. 17 ئاۋەن ۋە پىبەسەت شەھەرلىرىدىكى يىگىتلەر قىلىچلىنىدۇ؛ بۇ شەھەرلەر سۈرگۈن قىلىنىدۇ. 18 مېنىڭ شۇ يەردە مىسىرنىڭ بويۇنتۇرۇقلىرىنى سۇندۇرغىنىمدا، تاھپانەس شەھىرىدە كۈن قاراڭغۇلىشىدۇ؛ ئۇنىڭدا ئۆز كۈچىدىن بولغان پەخرى يوقىلىدۇ؛ بىر بۇلۇت ئۇنى قاپلايدۇ؛ ئۇنىڭ قىزلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ.
19 مەن شۇنداق قىلىپ مىسىر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ ۋە شۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ».
 
پىرەۋن توغرۇلۇق يەنە بىر بېشارەت
20 ئون بىرىنچى يىلى، بىرىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
21 ئى ئىنسان ئوغلى، مەن مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ بىلىكىنى سۇندۇردۇم؛ ۋە مانا، ئۇ داۋالىنىشقا تېڭىلمىدى، ياكى قىلىچ تۇتۇشقا تېڭىق بىلەن كۈچەيتىلمىدى.
22 ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە قارشىمەن؛ مەن ئۇنىڭ بىلەكلىرىنى، ھەم كۈچلۈك بولغىنىنى ھەم سۇندۇرۇلغان بىلىكىنى ئۈزۈۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن قىلىچىنى قولىدىن چۈشۈرمەن؛ 23 مىسىرلىقلارنى ئەللەرگە تارقىتىۋېتىمەن، مەملىكەتلەر ئارىسىغا تارىتىمەن. 24 مەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىنى كۈچەيتىپ، قىلىچىمنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزىمەن؛ مەن پىرەۋننىڭ بىلەكلىرىنى سۇندۇرىمەنكى، ئۇ بابىل پادىشاھى ئالدىدا ئەجىلى توشقان يارىلانغان ئادەمدەك ئاھ-زارلار بىلەن ئىڭرايدۇ.
25 مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بىلەكلىرىنى كۈچەيتىمەن، ۋە پىرەۋننىڭ بىلەكلىرى ساڭگىلاپ قالىدۇ؛ مەن ئۆز قىلىچىمنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تۇتقۇزغىنىمدا، ئۇ ئۇنى مىسىر زېمىنى ئۈستىگە سوزغىنىدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ 26 ۋە مەن مىسىرلىقلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىمەن، مەملىكەتلەر ئىچىگە تارىتىمەن؛ ۋە ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىمنى تونۇپ يېتىدۇ».
 
 
30:3 «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» ــ ئادەتتە ئاخىرقى زاماندىكى، ھەر ئەل-مىللەتنى باسقان ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈنلەرنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ يەردە «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» بەلكىم ھەم يېقىن ئارىغا بولىدىغان ۋە يىراق كەلگۈسىدە بولىدىغان (ئاخىرقى زاماندىكى) ئىشلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ. 30:5 «بارلىق ئەرەبىيە» ــ ياكى، «ئارىلىشىپ كەتكەن توپ-توپ ئادەملەر». «لىۋىيە» ــ (ياكى «لىبيا») ئىبرانىي تىلىدا «لۇبىيلار». بەزى كۆچۈرمىلەردە «قۇبدىكىلەر» دېيىلىدۇ. ئادەتتە «پۇت» «لىۋىيە»نى كۆرسىتىدۇ. «ئەھدە قىلىنغان زېمىندىكىلەر» ــ بەلكىم (خۇدانىڭ يوليورۇقلىرىغا خىلاپ) مىسىرغا قېچىپ كەتكەن يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («يەر.» 44-بابنى كۆرۈڭ). 30:10 «مەن يەنە مىسىرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولى بىلەن تۈگىتىمەن» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «يەنە» بېشارەتنىڭ ھەم يېقىن ئارىنى (نېبوقادنەسار ئارقىلىق) ھەم يىراق كەلگۈسىنى (ئاخىرقى زامانلارنى)مۇ كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. 30:11 «ئۇ (نېبوقادنەسار) ... ئېلىپ كېلىنىدۇ» ــ دېمەك، نېبوقادنەسارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كېلىشى خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر. 30:11 ئ‍ەز. 28‏:7 30:13 «نوف شەھىرى» ــ ھازىرقى مەمفىس شەھىرى. 30:14 «نو شەھىرى» ــ ھازىرقى تېبېس شەھىرى. 30:21 «...مەن مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ بىلىكىنى سۇندۇردۇم؛ ۋە مانا، ئۇ ... قىلىچ تۇتۇشقا تېڭىق بىلەن كۈچەيتىلمىدى» ــ بۇ بېشارەت بەلكىم «يەر.» 1:37-10 ئايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەنى كۆرسىتىدۇ. خوفنا پىرەۋننىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېمنى مۇھاسىرىگە ئالغان بابىل قوشۇنىغا قارشى جەڭگە چىققاندا، مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ مىسىرغا چېكىنگەن.