4
يېرۇسالېمنىڭ مۇھاسىرىگە ئېلىنىشى
ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، بىر كېسەكنى ئېلىپ ئۆز ئالدىڭغا قويغىن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر شەھەرنى ــ يەنى يېرۇسالېمنى ئويۇپ قويغىن. ئاندىن ئۇنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا پوتەيلەرنى قۇرۇپ، سېپىلغا چىقىدىغان بىر دۆڭلۈك ياساپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا بارگاھلارنى تىكىپ ۋە سېپىلنى بۆسكۈچى بازغانلارنى تىكلەپ قويغىن. بىر تۆمۈر تاختىنى ئېلىپ، ئۇنى ئۆزۈڭ بىلەن شەھەرنىڭ ئارىسىغا تىكلە؛ يۈزۈڭنى ئۇنىڭغا قارىتىپ تىكلە؛ ئۇ مۇھاسىرىگە ئېلىنىدۇ، سەن ئۆزۈڭ ئۇنى مۇھاسىرىگە ئالىسەن؛ بۇ ئىشنىڭ ئۆزى ئىسرائىل جەمەتىگە بېشارەت بولىدۇ.
ۋە سەن، سول يېنىڭغا يانپاشلاپ ياتقىن؛ ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى ئۆز ئۈستۈڭگە قوي؛ سولغا يانپاشلاپ قانچە كۈن ياتساڭ، سەن شۇنچە كۈن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن. مەن ساڭا يېتىش كېرەك بولغان كۈنلەرنى ئۇلارنىڭ قەبىھلىك قىلغان يىللىرى بويىچە، يەنى ئۈچ يۈز توقسان كۈن قىلىپ بېكىتكەنمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن.
بۇ كۈنلەر تۈگىگەندىن كېيىن، سەن يەنە ئوڭ يانپاشلاپ يېتىپ، يەھۇدا جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن؛ ساڭا قىرىق كۈننى بېكىتكەنمەن، ھەربىر كۈن بىر يىلنى ئىپادىلەيدۇ. ۋە سەن يۈزۈڭنى يېرۇسالېمنىڭ مۇھاسىرىسىگە قارىتىپ، يېڭىڭنى تۈرگەن ھالدا، ئۇنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىسەن؛ ۋە مانا، مەن ئۈستۈڭگە ئارغامچىلارنى سالىمەنكى، سەن مۇھاسىرىنىڭ كۈنلىرىنى تۈگەتمىگۈچە ئۇيان-بۇيانغا ھېچ ئۆرۈلمەيسەن.
ۋە سەن ئۆزۈڭگە بۇغداي، ئارپا، پۇرچاق، قىزىل ماش تېرىق ۋە قارا بۇغدايلارنى ئېلىپ بىر ئىدىش ئىچىگە سال؛ ۋە بۇنىڭدىن ئۆزۈڭ ئۈچۈن تاماق تەييارلايسەن؛ سەن بۇنى يانپاشلاپ ياتقان كۈنلەردە، يەنى ئۈچ يۈز توقسان كۈندە يەيسەن؛ 10 سەن يەيدىغان تاماق بولسا مىقدارى بويىچە ھەر كۈنى يىگىرمە شەكەلدىن بولۇشى كېرەك؛ سەن ئۇنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا يەيسەن؛ 11 ۋە ھەر كۈنى سۇنىمۇ نورما بويىچە، يەنى ئالتىدىن بىر ھىن ئىچىسەن؛ ھەر كۈندىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا ئىچىسەن.
12 سەن ئۇنى ئارپا كۆمىچى شەكلىدە قىلىپ يەيسەن؛ سەن ئۇنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىنسان نىجاسىتى ئۈستىدە پىشۇرىسەن».
13 پەرۋەردىگار: «ئىسرائىللار مەن ئۇلارنى ھەيدەپ چىقىرىدىغان ئەللەر ئارىسىدا تۇرۇپ شۇ ھارام يولدا ئۆز نېنىنى ھارام يەيدۇ» ــ دېدى.  
14 ئاندىن مەن: «ئى پەرۋەردىگار! مەن ئۆزۈمنى ھېچقاچان بۇلغاپ قويمىدىم، ۋە ياشلىقىمدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر مەن ئۆزى ئۆلگەندىن، ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان نەرسىدىن ھېچ يېمىگەنمەن؛ ھېچقانداق يىرگىنچلىك گۆشكە ئاغزىم تېگىپ باقمىغان!» ــ دېدىم.
15 ۋە ئۇ ماڭا: «مانا، مەن ساڭا ئىنساننىڭ نىجاسىتىنىڭ ئورنىغا كالىنىڭ تېزىكىنى بەردىم؛ سەن نېنىڭنى شۇنىڭ ئۈستىدە پىشۇرىسەن» ــ دېدى.
16 ۋە ئۇ ماڭا: «ئى ئىنسان ئوغلى، مانا مەن يېرۇسالېمدا ئۇلارغا يۆلەنچۈك بولغان ناننى قۇرۇتىۋېتىمەن؛ ئۇلار ناننى تارازىغا سېلىپ، ئۇنى تەشۋىش ئىچىدە يەيدۇ، سۇنى ئۆلچەم بىلەن ئالاقزىدىلىك ئىچىدە ئىچىدۇ؛    17 چۈنكى نان ۋە سۇ ئۇلاردىن قالىدۇ؛ ئۇلار بىر-بىرىگە قارىشىپ دەھشەت باسىدۇ، ئۆز قەبىھلىكىدىن قۇرۇپ كېتىدۇ».
 
 
4:1 «بىر كېسەكنى ئېلىپ ئۆز ئالدىڭغا قويغىن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر شەھەرنى ــ يەنى يېرۇسالېمنى ئويۇپ قويغىن» ــ كېيىنكى ئايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ «كېسەك» يېرۇسالېم شەھىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ كېسەك بولۇش كېرەك ئىدى. 4:2 2پاد. 25‏:1 4:4 «ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى ئۆز ئۈستۈڭگە قوي» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئىسرائىل جەمەتى» بولسا، «شىمالىي پادىشاھلىق» (ئون قەبىلە ئىتتىپاقى)نى كۆرسىتىدۇ. 7-ئايەتتە «يەھۇدا» «جەنۇبىي پادىشاھلىق»نى كۆرسىتىدۇ. 4:5 چۆل. 14‏:34 4:6 «مەن ساڭا يېتىش كېرەك بولغان كۈنلەرنى .. ئۈچ يۈز توقسان كۈن قىلىپ بېكىتكەنمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن؛ (5-ئايەت)... كېيىن، سەن يەنە ئوڭ يانپاشلاپ يېتىپ، يەھۇدا جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن؛ ساڭا قىرىق كۈننى بېكىتكەنمەن، ھەربىر كۈن بىر يىلنى ئىپادىلەيدۇ» ــ ئىسرائىلنىڭ 390 يىللىق جازانى ۋە يەھۇدانىڭ 40 يىللىق جازانى كۆرۈشى توغرۇلۇق قوشۇمچە سۆزىمىزنى كۆرۈڭ. 4:8 «مانا، مەن ئۈستۈڭگە ئارغامچىلارنى سالىمەنكى، سەن مۇھاسىرىنىڭ كۈنلىرىنى تۈگەتمىگۈچە ئۇيان-بۇيانغا ھېچ ئۆرۈلمەيسەن» ــ يەنە 3-باب، 25-ئايەتنى كۆرۈڭ. بۇ «ئارغامچىلار» كۆرۈنگەن ياكى غايىبتىن بولسۇن، ئەزاكىيالنىڭ سول يانجىلىپ ئاندىن ئوڭ يانجىلىپ يېتىشىغا ياردەم بەردى. بەلكىم كەچتە (كۆرۈۋاتقان خەلق ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن) ئۇ ئۆز مەيلىگە قويۇلغان. 4:10 «يىگىرمە شەكەل» ــ يەنى يېرىم قاداق ــ تەخمىنەن 230 گرام. 4:11 «ئالتىدىن بىر ھىن» ــ ئوندىن ئالتە لىتر ئەتراپىدا. «ھەر كۈندىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا ئىچىسەن» ــ دېمىسەكمۇ، بۇنداق يېمەك-ئىچمەك ئاچارچىلىققا يۈزلەنگەن ئەھۋالدا بولىدۇ. 4:13 «ئىسرائىللار مەن ئۇلارنى ھەيدەپ چىقىرىدىغان ئەللەر ئارىسىدا تۇرۇپ شۇ ھارام يولدا ئۆز نېنىنى ھارام يەيدۇ» ــ خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چوڭ-كىچىك تەرەتلەر ھەردائىم ئادەمزات تۇرغان جايلاردىن نېرى قىلىنىشى كېرەك دەپ بۇيرۇغان (مەسىلەن، «قان» 13:23-14). شۇڭا «ئىنسان نىجاسىتى ئوتىدا» تاماق ئېتىش مۇشۇ قانۇن بويىچە بولمايتتى، ئەلۋەتتە. 4:13 ھوش. 9‏:3 4:14 «مەن ئۆزۈمنى ھېچقاچان بۇلغاپ قويمىدىم... ھېچقانداق يىرگىنچلىك گۆشكە ئاغزىم تېگىپ باقمىغان» ــ خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىللارغا بەزى گۆشلەر (مەسىلەن، چوشقا گۆشى)نى مەنئى قىلغان («لاۋ.» 11-باب، «قان.» 14-باب). ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزلىكىدىن ئۆلگەن، ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگۈن ھايۋانلارنىڭ گۆشلەرنىمۇ يېيىشكە بولمايتتى («لاۋ.» 8:22). ئەزاكىيال ئۆزى كاھىن بولغاچقا، مۇشۇ تەلەپلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق بولغان. 4:15 «مەن ساڭا ئىنساننىڭ نىجاسىتىنىڭ ئورنىغا كالىنىڭ تېزىكىنى بەردىم» ــ ئالىملار خۇدانىڭ مۇشۇ سۆزلىرى ئۈستىدە ئىككى خىل پىكىردە بولغان: (1) خۇدا ئەزاكىيال پەيغەمبەرگە بەرگەن بۇيرۇقىنى سىلىقلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا نىجاسىتىنىڭ ئورنىدا كالا تېزىكىنىڭ ئوتىدا (ھالال دەپ ھېسابلانغان) تاماق ئېتىشكە رۇخسەت قىلغان؛ (2) خۇدا پەيغەمبىرى ئۈچۈن مۆجىزە يارىتىپ، ئۇنىڭ نىجاسىتىنى كالا تېزىكىگە ئايلاندۇرغان؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھالال ھالدا تاماق يەيدىغان بولدى. بىزنىڭچە 2-پىكىر توغرىدۇر. چۈنكى شۇنىڭ بىلەن ئۇنى كۆزىتىپ يۈرگەن يۇرتداشلار بۇنى بىلمەي، ئۇنىڭ مۇشۇ «ئاشنى ھارام ھالدا يېگەنلىكى»گە قاراپ ناھايىتى چۆچۈپ كېتەتتى. بولمىسا، پەيغەمبەرنىڭ ئادەمنى ئاگاھلاندۇرىدىغان ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى يوق بولاتتى. 4:16 «مەن يېرۇسالېمدا ئۇلارغا يۆلەنچۈك بولغان ناننى قۇرۇتىۋېتىمەن» ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا «مەن يېرۇسالېمدا «نان بولغان ھاسا»نى سۇندۇرىۋېتىمەن». «يۆلەنچۈك» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا ئادەتتە «تاياق» ياكى «ھاسا»نى بىلدۈرىدۇ. مۇمكىنچىلىكى باركى، قەدىمكى زامانلاردا يەھۇدىي خەلقى ئۆز نانلىرىنى بىر تاياقتا (زىخقا تىزىلغاندەك) كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. ھەرھالدا ئومۇمىي مەنىسى بىزنىڭ تەرجىمە قىلغىنىمىزدەك بولىدۇ. 4:16 لاۋ. 26‏:26؛ يەش. 3‏:1؛ ئ‍ەز. 5‏:16؛ 14‏:13