11
ئونىنچى ئاپەت ــ پۈتۈن مىسىردىكى تۇنجى بالىلارنىڭ ئۆلۈشى. مۇسانىڭ پىرەۋنگە ئېيتقان ئاخىرقى سۆزلىرى
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ يەنە بىر ئاپەتنى پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ۋە مىسىرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن. ئاندىن ئۇ سىلەرنى بۇ يەردىن كېتىشكە يول قويىدۇ ۋە ئۇ سىلەرنى ھەممە نەرسىلىرىڭلار بىلەن قوشۇپ قويۇپ بېرىپ، بۇ يەردىن مۇتلەق قوغلاپ چىقىرىدۇ. ئەمدى سەن خەلققە تاپىلاپ: ــ ھەر بىرىڭلار، ئەر كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىدىن، ئايال كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز قوشنىسىدىن كۈمۈش بۇيۇملارنى، ئالتۇن بۇيۇملارنى سوراپ ئالسۇن، دېگىن، ــ دېدى    (پەرۋەردىگار خەلقىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقۇزدى. شۇنىڭدەك مۇسا دېگەن بۇ ئادەم مىسىر زېمىنىدا پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، پۇقرالارنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، ناھايىتى ئۇلۇغ زات بولدى). ئاندىن مۇسا يەنە: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن يېرىم كېچىدە چىقىپ مىسىرنى كېزىپ چىقىمەن. شۇ ۋاقىتتا تەختتە ئولتۇرۇۋاتقان پىرەۋننىڭ تۇنجى ئوغلىدىن تارتىپ يارغۇنچاق تارتىدىغان دېدەكنىڭ تۇنجى ئوغلىغىچە، شۇنداقلا بارلىق چارپايلارنىڭ تۇنجىلىرى، يەنى مىسىردىكى بارلىق تۇنجى جان ئىگىلىرى ئۆلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا قاتتىق بىر پەرياد كۆتۈرۈلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى شۇنداق پەرياد بولۇپ باقمىغانىدى، مۇندىن كېيىنمۇ بۇنداق پەرياد ئاڭلانمايدۇ. لېكىن ئىسرائىللارغا، مەيلى ئادەملىرى، مەيلى ھايۋاناتلىرىغا بولسۇن، ھەتتا بىر تال ئىتمۇ قاۋاپ قويمايدۇ. بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلار بىلەن ئىسرائىلنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر».
ــ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا تەزىم قىلىپ: «سىلى ئۆزلىرى ۋە سىلىگە ئەگەشكەن بارلىق قوۋملىرى چىقىپ كېتىشكەيلا!» دەپ ئېيتىدۇ، ئاندىن چىقىپ كېتىمەن» ــ دېدى-دە، قاتتىق غەزەپ بىلەن پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى.  
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىر زېمىنىدا مېنىڭ كارامەت مۆجىزىلىرىمنىڭ كۆپلەپ كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن پىرەۋن سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ، ــ دېگەنىدى.
10 مۇسا بىلەن ھارۇن بۇ كارامەت مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىسىنى پىرەۋننىڭ ئالدىدا كۆرسىتىپ بولدى؛ لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن ئۇ ئىسرائىللارنى ئۇنىڭ زېمىنىدىن كەتكىلى قويمىدى.
 
 
11:1 «يەنە بىر ئاپەتنى پىرەۋننىڭ ئۈستىگە ۋە مىسىرنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن...» ــ بۇ سۆزلەرنى مۇسا تېخى پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقماي تۇرۇپ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئېيتقان بولسا كېرەك (8-ئايەتنى كۆرۈڭ). 11:2 «خەلققە تاپىلاپ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «خەلقنىڭ قۇلاقلىرىغا سۆز قىلىپ...». 11:2 مىس. 3‏:22؛ 12‏:35 11:3 مىس. 12‏:36 11:4 مىس. 12‏:29 11:5 مىس. 12‏:12 11:8 «ــ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا تەزىم قىلىپ... ئاندىن چىقىپ كېتىمەن» ــ دېدى-دە، قاتتىق غەزەپ بىلەن پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى» ــ 1-8-ئايەتتە خاتىرىلەنگەنلەر مۇسا بىلەن پىرەۋننىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان جېدەل (10-بابتا خاتىرىلگەن)نىڭ داۋامى بولسا كېرەك. 11:8 مىس. 12‏:30 11:10 مىس. 9‏:16؛ رىم. 9‏:17