23
ھەققانىيەت ۋە ئادىللىق
يالغان گەپنى يايمىغىن ۋە يا يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ رەزىل ئادەمگە يان باسمىغىن.
توپقا ئەگىشىپ رەزىل ئىشتا بولما ياكى دەۋا-دەستۇرلاردا گۇۋاھلىق بەرگەندە توپقا ئەگىشىپ ھەقىقەتنى بۇرمىلىما. كەمبەغەل دەۋا قىلسا، ئۇنىڭغا يان باسما.
دۈشمىنىڭنىڭ كالا يا ئېشىكى ئېزىپ كېتىپ، ساڭا ئۇچراپ قالسا، ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، ئىگىسىگە چوقۇم تاپشۇرۇپ بەر. ئەگەر ساڭا ئۆچ بولغاننىڭ ئېشىكى يۈكنى كۆتۈرەلمەي يۈكنىڭ ئاستىدا ياتقىنىنى كۆرسەڭ، ئۇنى ياردەمسىز تاشلىماي، بەلكى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئېشىكىنى قوپۇرۇشۇپ بېرىشىڭ زۆرۈر.
ئاراڭدىكى كەمبەغەلنىڭ دەۋاسىدا ئادالەتنى بۇرمىلىما.
ھەرقانداق ساختا ئىشتىن ئۆزۈڭنى نېرى تارت؛ بىگۇناھ ئادەم بىلەن ھەققانىي ئادەمنى ئۆلتۈرمىگىن؛ چۈنكى مەن رەزىل ئادەمنى ھەرگىز ئادىل دەپ ئاقلىمايمەن. شۇنىڭدەك ھېچقانداق پارا يېمە؛ چۈنكى پارا كۆزى ئوچۇقلارنى كور قىلىپ، ھەققانىيلارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلايدۇ.
مۇساپىر كىشىلەرگە زۇلۇم قىلما؛ چۈنكى ئۆزۈڭلار مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ تۇرغان بولغاچقا، مۇساپىرنىڭ روھىي ھالىنى بىلىسىلەر.
 
«شابات يىلى» ۋە شابات كۈنى
10 ئالتە يىل ئۆز يېرىڭنى تېرىپ، ھوسۇللىرىنى ئال. 11 لېكىن يەتتىنچى يىلى يەرگە ئارام بېرىپ ئۇنى بوش قوي؛ خەلقىڭنىڭ نامراتلىرى ئۇنىڭدىن يىغىپ يېسۇن، ئۇلاردىن ئاشقىنىنى جاڭگالدىكى ھايۋانلار يېسۇن؛ شۇنداقلا ئۈزۈمزارلىقىڭ بىلەن زەيتۇنزارلىقىڭنىمۇ شۇنداق قىلغىن.  
12 ئالتە كۈن ئىچىدە ئۆز ئىشىڭنى ئادا قىلىپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىشىڭ زۆرۈر. بۇنىڭ بىلەن كالا-ئېشەكلىرىڭ ئارام تاپىدۇ، دېدىكىڭنىڭ ئوغلى بىلەن مۇساپىر كىشىمۇ ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ.
13 مەن ساڭا ئېيتقىنىمنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل بۆلۈپ ئادا قىل؛ باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىنى تىلىڭغا ئالما؛ بۇلار ھەتتا ئاغزىڭغىمۇ چىقمىسۇن.  
 
ئۈچ مۇھىم ھېيت-بايرام
14 ھەر يىلدا ئۈچ قېتىم مېنىڭ ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزگىن. 15 ئالدى بىلەن «پېتىر نان ھېيتى»نى ئۆتكۈز؛ ساڭا ئەمر قىلغىنىمدەك ئابىب ئېيىدىكى بېكىتىلگەن كۈنلەردە يەتتە كۈن پېتىر نان يېگىن؛ چۈنكى شۇ ئايدا سەن مىسىردىن چىققانىدىڭ. شۇ ھېيتتا ھېچكىشى ئالدىمغا قۇرۇق قول كەلمىسۇن.
16 سەن ئەجىر قىلىپ تېرىغان ئېتىزدىكى زىرائىتىڭنىڭ تۇنجى ھوسۇلىنى ئورغاندا «ئورما ھېيتى»نى ئۆتكۈز؛ شۇنداقلا سەن ئەجىر سىڭدۈرۈپ يەردىن ئاخىرقى ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىڭنى يىل ئاخىرىدا يىغقاندا «ھوسۇل يىغىش ھېيتى»نى ئۆتكۈز.
17 يىلدا ئۈچ قېتىم ئەركەكلىرىڭنىڭ ھەممىسى رەب پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولسۇن.
18 سەن ماڭا ئاتالغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان نان بىلەن سۇنمىغىن؛ ھېيت قۇربانلىقىنىڭ يېغىنى بولسا كېچىچە قوندۇرۇپ ئەتىگىچىگە ساقلىما.
19 زېمىنىڭدىكى دەسلەپكى ھوسۇلنىڭ ئەڭ ياخشسىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەل.
ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرما.  
 
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ يوللارنى تەييارلىشى
20 مانا، مەن بىر پەرىشتىنى يولدا سېنى قوغداپ، مەن ساڭا تەييارلىغان يەرگە ئېلىپ بارسۇن دەپ، ئالدىڭدا يۈرۈشكە ئەۋەتىمەن. 21 سەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭگە ئاگاھ بول، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سال. ئۇنىڭ زىتىغا تەگمە؛ بولمىسا، ئۇ ئىتائەتسىزلىكلىرىڭنى كەچۈرمەيدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ نامىم ئۇنىڭدىدۇر. 22 لېكىن ئەگەر سەن ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ بارلىق بۇيرۇغانلىرىمغا ئەمەل قىلساڭ، مەن دۈشمەنلىرىڭگە دۈشمەن، كۈشەندىلىرىڭگە كۈشەندە بولىمەن. 23 چۈنكى مېنىڭ پەرىشتەم ئالدىڭدا يۈرۈپ، سېنى ئامورىي، ھىتتىي، پەرىززىي، قانائانىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنىغا باشلاپ كىرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن.
24 سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا باش ئۇرۇپ ئىبادەت قىلما ۋە ياكى ئۇلار قىلغاندەك قىلما؛ بەلكى ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل چېقىۋەت، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل كۇكۇم-تالغان قىلىۋەت؛ 25 لېكىن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئۇ نان بىلەن سۈيۈڭلارنى بەرىكەتلەيدۇ؛ مەن بارلىق كېسەللىكنى ئاراڭلاردىن چىقىرىپ تاشلايمەن. 26 بۇنىڭ بىلەن زېمىنىڭدا بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان ياكى تۇغماس ھېچبىر ئايال ياكى چارپاي بولمايدۇ؛ ئۆمرۈڭنىڭ كۈنلىرىنى تولۇق قىلىمەن.
27 مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ۋەھىمىمنى ئەۋەتىمەن، قايسى تائىپىگە يېقىنلاشساڭ شۇلارنى پاراكەندە قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ھەممە دۈشمەنلىرىڭنى كەينىگە ياندۇرۇپ قاچۇرىمەن. 28 ھىۋىيلار، قانائانىيلار ۋە ھىتتىيلارنى ئالدىڭدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشكە سېرىق ھەرىلەرنى ئالدىڭدا يۈرۈشكە ئەۋەتىمەن.    29 ئەمما زېمىننىڭ خارابىلىشىپ، دالادا ۋەھشىي ھايۋانلار ئاۋۇپ ساڭا خەۋپ بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، شۇ ئەللەرنى ئالدىڭدىن بىر يىلغىچە ھەيدىۋەتمەيمەن، 30 بەلكى سەن ئاۋۇپ، زېمىننى پۈتۈنلەي مىراس قىلىپ بولغۇچە، ئاز-ئازدىن ھەيدەپ تۇرىمەن.
31 سېنىڭ زېمىنىڭنىڭ چېگرىلىرىنى قىزىل دېڭىزدىن تارتىپ فىلىستىيلەرنىڭ دېڭىزىغىچە، شۇنىڭدەك چۆلدىن تارتىپ ئەفرات دەرياسىغىچە بېكىتىمەن؛ چۈنكى زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنى ھەيدىۋېتىپ يېرىنى ئىگىلىشىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن.    32 سەن ئۇلار بىلەن ۋە ياكى ئىلاھلىرى بىلەن ھېچقانداق بىر ئەھدە تۈزمە. 33 ئۇلارنىڭ سېنى ئالدىمدا گۇناھقا پاتقۇزماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى زېمىنىڭدا قەتئىي تۇرغۇزما. چۈنكى مۇبادا سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىدە بولساڭ، بۇ ئىش ساڭا تۇزاق بولىدۇ.
 
 
23:3 لاۋ. 19‏:15 23:4 قان. 22‏:1، 2؛ لۇقا 6‏:27؛ فىل. 2‏:4 23:5 قان. 22‏:4 23:6 قان. 27‏:19 23:8 قان. 16‏:19؛ 1سام. 8‏:3؛ پەند. 19‏:6؛ توپ. 7‏:7 23:9 مىس. 22‏:21؛ لاۋ. 19‏:33؛ قان. 24‏:17 23:11 «لېكىن يەتتىنچى يىلى يەرگە ئارام بېرىپ ئۇنى بوش قوي؛...» ــ خۇدا ئۆز خەلقىگە شۇنداق ئەمر بەرگەنىكەن، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن خەۋەر ئالىدۇ. بۇ ئەمرگە باغلىق ۋەدىلەر توغرىسىدا «لاۋ.» 1:25-7، 11، 12نى، بولۇپمۇ 20-22-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ. 23:11 لاۋ. 25‏:4، 5 23:12 مىس. 20‏:8؛ 31‏:13-17. 23:13 «مەن ساڭا ئېيتقىنىمنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل بۆلۈپ ئادا قىل» ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن سىلەرگە ئېيتقىنىم... ئادا قىلىڭلار» دېيىلىدۇ. 23:13 چۆل. 32‏:38؛ يە. 23‏:7؛ زەب. 16‏:4؛ ھوش. 2‏:19؛ زەك. 13‏:2 23:15 مىس. 12‏:15،14؛ 13‏:3؛ 34‏:20؛ قان. 16‏:16 23:16 «ئورما ھېيتى» ــ مۇشۇ ھېيت يەنە «ھەپتىلەر ھېيتى» ھەم «دەسلەپكى ئورما ھېيتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىڭ» ــ مۇشۇ «ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىڭ» ئاشلىقلارنى ھەم ھەرخىل مېۋە-چىۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ھوسۇل يىغىش ھېيتى» ــ مۇشۇ ھېيت يەنە «كەپىلەر ھېيتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 23:18 «قۇربانلىق» ــ بۇ سۆز ئادەتتە «ئىناقلىق قۇربانلىقى» ياكى «تەشەككۇر قۇربانلىقى»نى كۆرسىتىدۇ. 23:19 «ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرما» ــ بۇ ئەمر بەلكىم ئەتراپتىكى بۇتپەرەس خەلقلەرنىڭ مەلۇم ئۆرپ-ئادىتىگە ئەگەشمەسلىك كېرەكلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ توغرۇلۇق يەنە «لاۋىيلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 23:19 مىس. 34‏:26 23:20 مىس. 33‏:2 23:21 «ئۆزۈڭگە ئاگاھ بول» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆزۈڭگە قارا» («شامار») دېگەن پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 20-ئايەتتە پەرىشتىنىڭ ئۇلارنى «قوغدايدىغانلىقى» (ئىبرانىي تىلىدا «قارايدىغانلىقى») «شامار» دېگەن ئوخشاش پېئىل بىلەن ئىپادلىنىدۇ. 23:22 يار. 12‏:3 23:24 «ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل چېقىۋەت،...» ــ ياكى «ئۇلارنى (قانائانىيلارنىڭ) يوقىتىپ،...». 23:25 مىس. 15‏:26؛ قان. 7‏:15 23:26 قان. 7‏:14 23:27 مىس. 14‏:24؛ يە. 10‏:10 23:28 «سېرىق ھەرە» ــ بۇ ئىسىم ئىبرانىي تىلىدا ئادەتتىكى ھەرىدىن چوڭ ۋە تېخىمۇ چاققاق بىرخىل ھەرىنى كۆرسەتسە كېرەك. 23:28 قان. 7‏:20؛ يە. 24‏:12 23:31 «فىلىستىيلەرنىڭ دېڭىزى» ــ «ئوتتۇرا دېڭىز»نى كۆرسىتىدۇ. 23:31 چۆل. 34‏:3، 4 23:32 مىس. 34‏:15،12؛ قان. 7‏:2 23:33 يە. 23‏:13؛ ھاك. 2‏:3