25
ئىبادەت چېدىرى ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان ھەدىيەلەر
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ
سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئۇلار ماڭا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى كەلتۈرسۇن؛ كىمنىڭ كۆڭلى ھەدىيە سۇنۇشقا خۇش بولسا، ئۇنىڭدىن ماڭا سۇنۇلىدىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى تاپشۇرۇۋېلىڭلار.    سىلەر ئۇلاردىن تاپشۇرۇۋالىدىغان كۆتۈرمە ھەدىيە: ــ ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل رەڭلىك يىپ، كاناپ رەخت، تىۋىت، قىزىل بويالغان قوچقارنىڭ تېرىلىرى، دېلفىننىڭ تېرىلىرى، ئاكاتسىيە ياغىچى، چىراغ ئۈچۈن زەيتۇن مېيى، «مەسىھلەش مېيى» ۋە خۇشبۇي ئۈچۈن خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر، ئەفود بىلەن «قوشېن»غا ئورنىتىلىدىغان ئاق ھېقىق ۋە باشقا ئېسىل تاشلار بولسۇن.    مېنىڭ ئۆزلىرى ئارىسىدا ماكان قىلىشىم ئۈچۈن شۇلاردىن ماڭا بىر مۇقەددەس تۇرالغۇنى ياسىسۇن. ئۇنى مەن ساڭا بارلىق كۆرسەتمەكچى بولغىنىمغا ئاساسەن، يەنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ نۇسخىسى ۋە بارلىق ئەسۋاب-سايمانلىرىنىڭ نۇسخىسىغا ئوپئوخشاش قىلىپ ياساڭلار.
 
ئەھدە ساندۇقى
10 ئۇلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ساندۇق ياسىسۇن. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز بولسۇن.    11 سەن ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ ئىچى ۋە سىرتىنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقار. 12 ئۇنىڭغا ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيدۇرۇپ، تۆت چېتىقىغا بېكىتكىن. بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا، يەنە بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا بولسۇن. 13 سەن ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ھەر ئىككىسىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ 14 ئاندىن ساندۇق ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرۈلسۇن دەپ، بالداقلارنى ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ قويغىن. 15 بالداقلار ھەمىشە ساندۇقتىكى ھالقىدا تۇرسۇن؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن چىقىرىلمىسۇن.
16 مەن ساڭا بېرىدىغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ساندۇققا قويغىن.   17 ساندۇقنىڭ ياپقۇچى سۈپىتىدە سەن ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر «كافارەت تەختى» ياسىغىن.
  
18 ئىككى كېرۇبنى ئالتۇندىن سوقۇپ ياسىغىن. ئۇلارنى كافارەت تەختىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورناتقىن.    19 بىر كېرۇبنى بىر تەرىپىگە، يەنە بىر كېرۇبنى يەنە بىر تەرىپىگە ئورنىتىش ئۈچۈن ياسىغىن. ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كافارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلىڭلار. 20 كېرۇبلار بىر-بىرىگە يۈزلەنسۇن، قاناتلىرىنى كافارەت تەختىنىڭ ئۈستىگە كېرىپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى ياپسۇن؛ كېرۇبلارنىڭ يۈزى كافارەت تەختىگە قارىتىلسۇن.
21 سەن كافارەت تەختىنى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، مەن ساڭا بېرىدىغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويغىن. 22 مەن شۇ يەردە سەن بىلەن كۆرۈشىمەن؛ كافارەت تەختى ئۈستىدە، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ساڭا ئىسرائىللارغا يەتكۈزۈشكە تاپشۇرىدىغان بارلىق ئەمرلىرىم توغرىسىدا سۆز قىلىمەن.
 
شىرە
23 ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر شىرە ياسىغىن. 24 ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقار. 25 سەن شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت ئىلىك ئېگىزلىكتە بىر لەۋ ياسىغىن؛ بۇ لەۋنىڭ چۆرىسىگىمۇ ئالتۇندىن بىر گىرۋەك چىقار. 26 سەن ئۇ شىرەگە ئالتۇندىن تۆت ھالقا ياساپ، بۇ ھالقىلارنى شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى چېتىققا ئورناتقىن. 27 شىرەنى كۆتۈرۈشكە بالداقلار ئۆتكۈزۈلسۇن دەپ، ھالقىلار شىرە لېۋىگە يېقىن بېكىتىلسۇن. 28 بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ شىرە ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرىلىدۇ.
29 شىرەگە يانداپ لېگەن، قاچا-تەخسە، پىيالە ۋە «شاراب ھەدىيەلىرى»نى چاچىدىغان قەدەھلەرنى ياسىغىن؛ ئۇلارنى ساپ ئالتۇندىن ياسىغىن. 30 مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا تۇرۇشقا سەن شىرەگە ھەمىشە «تەقدىم نان»نى قويغىن.
 
چىراغدان
31 سەن ھەم ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغدان ياسىغىن. ئۇ چىراغدان سوقۇپ ياسالسۇن؛ چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، قەدەھلىرى، غۇنچە ۋە چېچەكلىرى پۈتۈن بىر ئالتۇندىن سوقۇلسۇن.    32 چىراغداننىڭ غولىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئالتە شاخچە چىقىرىلسۇن ــ چىراغداننىڭ بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە، چىراغداننىڭ يەنە بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە چىقىرىلسۇن؛ 33 بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلسۇن، يەنە بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلسۇن. چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالسۇن. 34 چىراغداننىڭ غولىدىن بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان تۆت قەدەھ چىقىرىلسۇن. 35 بۇلاردىن باشقا بىرىنچى ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، ئىككىنچى ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، ئۈچىنچى ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە بولسۇن؛ چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ئاستى ھەممىسى شۇنداق بولسۇن. 36 ئۇنىڭ شۇ غۇنچىلىرى ھەم شاخچىلىرى چىراغدان بىلەن بىر گەۋدە قىلىنسۇن ــ بىر پۈتۈن ساپ ئالتۇندىن سوقۇپ ياسالسۇن.
37 سەن چىراغداننىڭ يەتتە چىرىغىنى ياسىغىن؛ چىراغلار ئۇدۇلغا يورۇق چۈشۈرەلىشى ئۈچۈن ئۈستى تەرەپكە ئورنىتىلسۇن. 38 ئۇنىڭ پىلىك قايچىلىرى بىلەن كۈلدانلىرى ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن. 39 چىراغدان ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرى بىر تالانت ساپ ئالتۇندىن ياسالسۇن. 40 ساڭا تاغدا ئايان قىلىنغان نۇسخا بويىچە بۇلارنى ئېھتىيات بىلەن ياسىغىن.  
 
 
25:2 «كۆتۈرمە ھەدىيە» ــ كاھىن ياكى ھەدىيەنى سۇنغۇچى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئىككى قوللاپ ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاپىرىدىغان ئالاھىدە ھەدىيە. مۇشۇ ئايەتتە دېيىلگەن «كۆتۈرمە ھەدىيە» كۆپلىگەن خەلق ئېلىپ كېلىدىغان، چوڭ كۆلەملىك ھەدىيە بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، مەزكۇر «كۆتۈرمە ھەدىيە»نىڭ ھەربىر قىسمىنى سۇنغۇچى كىشى ئۆزى خۇدا ئالدىدا ئىككى قوللاپ كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئاتايدۇ (22:35، 24). 25:2 مىس. 35‏:5؛ 1تار. 29‏:14،9،5،3؛ ئەزرا 2‏:68؛ 3‏:5؛ نەھ. 11‏:2 25:5 «دېلفىننىڭ تېرىلىرى» ــ ياكى «دېڭىز ئېيىقىنىڭ تېرىلىرى» ياكى «بورسۇقنىڭ تېرىلىرى». 25:7 «ئەفود» ۋە «قوشېن» ــ بۇلار توغرۇلۇق 6-14-ئايەتلەرگە قارالسۇن. ئۇ جىلىتكىدەك بىرخىل ئالاھىدە كىيىم بولۇپ، ئىچىدە خۇدانىڭ كېرەك بولغان ئىشلار توغرۇلۇق يولىنى ياكى ئىرادىسىنى كۆرسىتىدىغان «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم» دېگەن ئالاھىدە ئىككى تاش ساقلاقلىق ئىدى. 25:7 مىس. 28‏:4-14 25:10 «ئاكاتسىيە ياغىچى» ــ ئىنتايىن قاتتىق، ئۇزۇنغىچە چىرىمايدىغان بىرخىل ياغاچتۇر. «گەز» ــ مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتىلگەن «گەز» ــ ئادەمنىڭ جەينىكىدىن بارمىقىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقىغا (تەخمىنەن 45 سانتىمېتر) باراۋەر كېلىدۇ. 25:10 مىس. 37‏:1؛ ئىبر. 9‏:1 25:12 «تۆت چېتىقىغا» ــ ياكى «تۆت پۇتىغا». 25:15 1پاد. 8‏:8 25:16 «ساڭا بېرىدىغان ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» ــ خۇدا مۇساغا تاپشۇرىدىغان «ئون پەرز» ياكى «ئون ئەمر» پۈتۈلىدىغان ئىككى تاش تاختاينى كۆرسىتىدۇ (18:31نى كۆرۈڭ). نېمىشقا «گۇۋاھلىق» دېيىلىدۇ؟ چۈنكى «ئون پەرز» خۇدانىڭ ھەققانىي تەبىئىتىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 25:16 ئىبر. 9‏:4 25:17 «كافارەت» ــ (ئىبرانىي تىلىدا «كافار» ياكى «كىپپۇر») دېگەننىڭ تۈپ مەنىسى «يېپىش»تىن ئىبارەت. گۇناھلارغا «كافارەت كەلتۈرۈش» دېگەنلىك «گۇناھلارنى يېپىش» دېگەنلىكتۇر. تەۋرات دەۋرىدە خۇدا گۇناھلارنى ۋاقىتلىق «ياپاتتى» ۋە شۇنىڭدەك شۇ گۇناھلاردىن توۋا قىلىپ قۇربانلىق كەلتۈرگەن بەندىلىرىنى كەچۈرۈم قىلاتتى. ئىنجىل دەۋرى كەلگەندە ئۇ مەسىھنىڭ قۇربانلىقى ۋاسىتىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى «ئېلىپ تاشلايدۇ» («يۇھ.» 29:1، 36نى كۆرۈڭ). مۇشۇ يەردە ساندۇقنىڭ ياپقۇچىنى «كافارەت تەختى» دەپ تەرجىمە قىلدۇق، چۈنكى 22-ئايەتتە: «مەن شۇ يەردە سەن بىلەن كۆرۈشىمەن؛ كافارەت تەختى ئۈستىدە... تۇرۇپ ساڭا ... سۆز قىلىمەن» دېيىلىدۇ. دېمەك، بۇ جاي خۇدانىڭ ئولتۇرغان بىر تەختىگە ئوخشاشتۇر. 25:17 مىس. 37‏:6 25:18 «كېرۇبلار» ــ بەلكىم ئالەمدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پەرىشتىلەر ياكى مەخلۇقلار بولۇشى مۇمكىن. «تەبىرلەر»نى ۋە مۇناسىۋەتلىك سېخمىنى كۆرۈڭ. 25:18 ئىبر. 9‏:5 25:19 «ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كافارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلىڭلار» ــ ياكى «ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلار بىلەن كافارەت تەختى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن ياسالسۇن». 25:20 ئىبر. 9‏:5 25:21 ئىبر. 9‏:4، 5 25:22 چۆل. 7‏:89 25:25 «ئېگىزلىكتە» ــ ياكى «كەڭلىكتە». مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ. «لەۋ» ۋە «لەۋنىڭ چۆرىسىگە چىقىرىلغان گىرۋەك» ــ بۇلارنىڭ رولى بەلكىم شىرەنىڭ ئۈستىدىكى نانلارنى چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلاشتۇر. 25:30 «تەقدىم نانلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھۇزۇرى نانلار» («خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى نانلار»). ئادەتتە جەمئىي ئون ئىككى پارچە نان قويۇلاتتى. بۇ ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. ئىسرائىل كاھىنلىرى نانلارنى تىزىپ قويۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاشنى خالايدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى ئېرىشكەن مول ھوسۇلنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى بىلدۈرۈش ئىدى («لاۋ.» 5:24-6). 25:31 «چىراغداننىڭ... قەدەھلىرى، غۇنچە ۋە چېچەكلىرى» ــ بۇلار چىراغدانغا چىقىرىلغان شۇ خىل نۇسخىلارنى كۆرسىتىدۇ. 32-40-ئايەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك سخېمىنى كۆرۈڭ. 25:31 مىس. 37‏:17 25:34 «غولىدىن» ــ يەنى غولىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىن. 35-ئايەتنى كۆرۈڭ. 25:39 «بىر تالانت ئالتۇن» ــ بەلكىم 4.4 كىلوگرامچە بولۇشى مۇمكىن. 25:40 روس. 7‏:44؛ ئىبر. 8‏:5