31
ئىبادەت جايىنى ياسىغۇچى ئۇستىلارنىڭ تاللىنىشى
پەرۋەردىگار خۇدا مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ
مانا، مەن ئۆزۈم يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بەزالەلنى ئىسمىنى ئاتاپ چاقىردىم؛
  
ئۇنى خۇدانىڭ روھى بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇنىڭغا دانالىق، ئەقىل-پاراسەت، ئىلىم-ھېكمەت ئىگىلىتىپ، ئۇنى ھەرتۈرلۈك ئىشنى قىلىشقا قابىلىيەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك-تۈرلۈك ھۈنەرلەرنى قىلالايدىغان، يەنى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس ئىشلىرىنى قىلالايدىغان، ياقۇتلارنى كېسىپ-ئويالايدىغان، ئۇلارنى زىننەت بۇيۇملىرىغا ئورنىتالايدىغان، ياغاچلارغا نەقىش چىقىرالايدىغان، ھەرخىل ھۈنەر ئىشلىرىنى قاملاشتۇرالايدىغان قىلدىم.
شۇنىڭدەك مانا، مەن يەنە دان قەبىلىسىدىن ئاھىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىيابنى ئۇنىڭغا ياردەمچىلىككە تەيىنلىدىم، شۇنداقلا مەن ساڭا بۇيرۇغان ھەممە نەرسىلەرنى ياسىسۇن دەپ، بارلىق پەم-پاراسەتلىك كىشىكەرنىڭ كۆڭلىگە تېخىمۇ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدىم؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جامائەت چېدىرىنى، ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كافارەت تەختىنى، چېدىرىنىڭ ھەممە ئەسۋابلىرىنى، شىرە بىلەن ئۇنىڭ قاچا-قۇچىلىرىنى، ساپ ئالتۇندىن ياسىلىدىغان چىراغدان بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، خۇشبۇيگاھنى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇش دېسى بىلەن ئۇنىڭ تەگلىكىنى ياسىيالايدىغان، 10 خىزمەت كىيىملىرى، يەنى كاھىنلىق خىزمىتىدە كىيىلىدىغان، ھارۇن كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاھىنلىق كىيىملىرىنى توقۇيالايدىغان، 11 مەسىھلەش مېيى ۋە مۇقەددەس جايغا تەييارلىنىدىغان ئېسىل دورا-دەرمەكلەردىن خۇشبۇينى ياسىيالايدىغان بولدى. مەن ساڭا ئەمر قىلغىنىم بويىچە ئۇلار بارلىق ئىشنى بەجا كەلتۈرىدۇ.
 
شابات كۈنى، يەنى «دەم ئېلىش كۈنى»نى تۇتۇش كېرەك
12 پەرۋەردىگار مۇساغا ئەمر قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
13 سەن ئىسرائىللارغا ئەمر قىلىپ ئۇلارغا: ــ «سىلەر مېنىڭ شابات كۈنلىرىمنى چوقۇم تۇتۇڭلار؛ چۈنكى بۇلار سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردىكى بىر نىشانە-بەلگە بولىدۇ. 14 شابات كۈنى سىلەرگە مۇقەددەس قىلىپ بېكىتىلگىنى ئۈچۈن، ئۇنى تۇتۇڭلار؛ كىمكى ئۇنى بۇزسا، ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلمىسا بولمايدۇ؛ بەرھەق، كىمكى ئۇ كۈنىدە ھەرقانداق ئىشنى قىلسا، ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن. 15 ئالتە كۈن ئىچىدە ئىش قىلىنسۇن؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس كۈن بولۇپ، ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولىدۇ؛ كىمكى شابات كۈنىدە بىرەر ئىش قىلسا، ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلمىسا بولمايدۇ. 16 ئىسرائىللار شابات كۈنىنى تۇتۇشى كېرەك؛ ئۇلار ئەبەدىي ئەھدە سۈپىتىدە ئۇنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە تۇتسۇن. 17 بۇ مەن بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەبەدىي بىر نىشانە-بەلگە بولىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئالتە كۈن ئىچىدە ئاسمان بىلەن زېمىننى يارىتىپ، يەتتىنچى كۈنىدە ئارام ئېلىپ راھەت تاپقانىدى»، ــ دېگىن.
18 خۇدا سىناي تېغىدا مۇساغا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق تاختىيىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. تاختايلار تاشتىن بولۇپ، سۆزلەر خۇدانىڭ بارمىقى بىلەن ئۇلارغا پۈتۈلگەنىدى.
 
 
31:2 «ئىسمىنى ئاتاپ چاقىردىم» ــ مۇشۇ سۆزلەر خۇدانىڭ مەلۇم بىر كىشىنى مەلۇم مۇھىم بىر ئىش ئۈچۈن ئالاھىدە تاللاپ چاقىرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «يەش.» 3:45، 4نى كۆرۈڭ. «بەزالەل» ــ مەنىسى «خۇدانىڭ سايىسىدە» ياكى «خۇدانىڭ باشپاناھىدا». 31:2 مىس. 35‏:30؛ 1تار. 2‏:20 31:10 «خىزمەت كىيىملىرى» ــ ياكى «كاھىنلىق خىزمەت كىيىملىرى». 31:14 مىس. 20‏:8؛ قان. 5‏:12؛ ئ‍ەز. 20‏:12 31:17 يار. 1‏:31؛ 2‏:2، 3؛ مىس. 20‏:11 31:18 مىس. 32‏:16