33
پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى سىناي تېغىدىن كېتىشكە بۇيرۇشى
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۆزۈڭ مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ كەلگەن خەلق بىلەن بىللە مۇشۇ يەردىن كېتىپ: «مەن سېنىڭ نەسلىڭگە ئۇنى بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلىپ ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارغىن. شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئالدىڭدا بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ، قانائانىي، ئامورىي، ھىتتىي، پەرىززىيلەرنى، ھىۋىي بىلەن يەبۇسىيلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، سېنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا كەلتۈرىمەن. چۈنكى سىلەر بوينى قاتتىق بىر خەلق بولغاچقا، يولدا سىلەرنى ھالاك قىلىۋەتمەسلىكىم ئۈچۈن، ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولۇپ، شۇ زېمىنغا بىللە چىقمايمەن، ــ دېدى.  
خالايىق بۇ قاتتىق سۆزنى ئاڭلاپ، قايغۇغا چۆمۈپ ھېچقايسىسى ئۆز زىبۇ-زىننەتلىرىنى تاقىمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: ــ سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا: «پەرۋەردىگار: ــ سىلەر بوينى قاتتىق بىر خەلق ئىكەنسىلەر؛ ئەگەر مەن پەرۋەردىگار ئاراڭلارغا چىقىپ بىر دەقىقىلا تۇرسام، سىلەرنى يوقىتىۋەتكەن بولاتتىم. ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلاردىكى زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېلىۋېتىڭلار؛ شۇ چاغدا مەن سىلەرگە نېمە قىلىدىغىنىمنى بىلىمەن، دېدى»، دەپ ئېيتقىن، ــ دېگەنىدى.
شۇڭا ئىسرائىللار ھورەب تېغىدىن ئايرىلىپلا زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئۆزلىرىدىن ئېلىۋەتتى.
 
«كۆرۈشۈش چېدىرى»
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۆز چېدىرىنى ئېلىپ، ئۇنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا، چېدىرگاھدىن نېرىراق بىر جايغا تىكىپ، ئۇنى «كۆرۈشۈش چېدىرى» دەپ ئاتىدى. كىمكى پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ، يول سورىماقچى بولسا چېدىرگاھنىڭ سىرتىدىكى «كۆرۈشۈش چېدىرى»غا باراتتى. شۇنداق بولاتتىكى، ھەر قېتىم مۇسا چېدىرغا چىقسا، پۈتكۈل خالايىق قوپۇپ، ھەربىرى ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە ئۆرە تۇرۇپ، مۇسا چېدىرغا كىرىپ بولغۇچە ئۇنىڭ كەينىدىن قارىشىپ تۇراتتى. ئاندىن مۇسا ھەر قېتىم چېدىرغا كىرىپ كەتسە شۇنداق بولاتتىكى، بۇلۇت تۈۋرۈكى چۈشۈپ، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىدا توختايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن سۆزلىشەتتى. 10 پۈتكۈل خالايىق بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا توختىغىنىنى كۆرەتتى؛ ئۇنى كۆرگىنىدە خەلقنىڭ ھەممىسى قوپۇپ، ھەربىرى ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە تۇرۇپ سەجدە قىلىشاتتى.
11 شۇ چاغلاردا پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن كىشىلەر ئۆز دوست-بۇرادىرى بىلەن سۆزلەشكەندەك، يۈزمۇيۈز سۆزلىشەتتى. ئاندىن مۇسا چېدىرگاھغا يېنىپ كېلەتتى؛ لېكىن ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا دېگەن ياش يىگىت چېدىرنىڭ ئىچىدىن چىقمايتتى.
 
مۇسانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرۈشى
12 مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: ــ مانا، سەن دائىم ماڭا: «بۇ خەلقنى ئېلىپ چىققىن» دەپ كەلدىڭ؛ لېكىن ئۆزۈڭ ماڭا: «مەن سېنى ئىسمىڭنى بىلىپ تونۇيمەن»، ۋە شۇنىڭدەك «نەزىرىم ئالدىدا ئىلتىپات تاپتىڭ» دېگەن بولساڭمۇ، سەن مېنىڭ بىلەن بىرگە كىمنى ئەۋەتىدىغىنىڭنى ماڭا ئايان قىلمىدىڭ. 13 ئەگەر مەن راستتىنلا نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۆزۈمنىڭ سېنى تونۇشۇم ئۈچۈن، نەزىرىڭدە ئىلتىپات تېپىۋېرىشىم ئۈچۈن ماڭا ئۆز يولۇڭنى ئايان قىلغايسەن؛ مانا، بۇ خەلقنىڭ ئۆز خەلقىڭ بولغىنىنى نەزىرىڭدە تۇتقايسەن! ــ دېدى.
14 ئۇ جاۋاب بېرىپ: مەن ئۆزۈم سەن بىللە بىللە بېرىپ، ساڭا ئارام ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى.
15 مۇسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئەگەر سەن ئۆزۈڭ بىز بىلەن بىللە ماڭمىساڭ، بىزنى بۇ يەردىن چىقارمىغايسەن؛ 16 چۈنكى، مەن ۋە خەلقىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقىنىمىز نېمىدىن بىلىنىدۇ؟ ئەجەبا، ئۆزۈڭنىڭ بىز بىلەن بىللە ماڭغىنىڭدىن بىلىنمەمدۇ؟ شۇ سەۋەبتىن مەن ۋە خەلقىڭ يەر يۈزىدىكى ھەربىر تائىپىلەردىن ئالاھىدە پەرقلەنمەمدۇق؟! ــ دېدى.
17 پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مۇشۇ ئىلتىجايىڭنىمۇ ئىجابەت قىلىمەن؛ چۈنكى سەن نەزىرىمدە ئىلتىپات تاپتىڭ ۋە مەن سېنى ئىسمىڭنى بىلىپ تونۇيمەن، دېدى.
18 شۇنىڭ بىلەن مۇسا: ــ ئۆز شان-شەرپىڭنى ماڭا كۆرسەتكەيسەن، ــ دېدى.
19  پەرۋەردىگار: ــ ئۆزۈمنىڭ پۈتكۈل مېھرىبانلىقىمنى سېنىڭ كۆز ئالدىڭدىن ئۆتكۈزىمەن ۋە ئالدىڭدا «ياھۋەھ» دېگەن نامنى جاكارلايمەن. كىمگە شاپائەت قىلماقچى بولسام شۇنىڭغا شاپائەت كۆرسىتىمەن، كىمگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتمەكچى بولسام، شۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن، دېدى.  
20 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ سەن يۈزۈمنى كۆرەلمەيسەن؛ چۈنكى ھېچ ئادەمزات مېنى كۆرسە تىرىك قالمايدۇ، دېدى.
21 ئاندىن پەرۋەردىگار: ــ مانا، يېنىمدا بىر جاي باردۇر؛ سەن شۇ يەردىكى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرغىن. 22 مېنىڭ شان-شەرىپىم ئۆتىدىغان ۋاقىتتا، شۇنداق بولىدۇكى، مەن سېنى شۇ قورام تاشنىڭ يېرىقىدا تۇرغۇزۇپ، مەن ئۆتۈپ بولغۇچە سېنى قولۇم بىلەن يېپىپ تۇرىمەن. 23 ئاندىن قولۇمنى تارتىۋالىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ ئارقا تەرىپىمنى كۆرىسەن، لېكىن يۈزۈم كۆرۈنمەيدۇ، ــ دېدى.
 
 
33:1 يار. 12‏:7؛ 26‏:4؛ 28‏:13 33:2 «سېنىڭ ئالدىڭدا بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ، ...» ــ شۈبھىسىزكى، 34:32دە تىلغا ئېلىنغان پەرىشتە. 33:3 «ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولۇپ، شۇ زېمىنغا بىللە چىقمايمەن» ــ دېمەك، خۇدا ئۆزى «مۇقەددەس چېدىر»نى ماكان قىلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرماي، ئۇلار بىلەن بىللە بارمايدۇ، ئۆز ئورنىغا ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشقا «ئۆز پەرىشتەم»نى ئەۋەتىدۇ. ئەمەلىيەتتە «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز ھۇزۇرىغا باراۋەر ئىدى؛ لېكىن مۇسا پەيغەمبەر ۋە خەلق بۇ نۇقتىنى تېخى چۈشەنمەيتتى (4-ئايەتنى كۆرۈڭ). 2:3-3، ئىزاھات ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. 33:3 مىس. 32‏:9؛ قان. 9‏:13 33:6 «شۇڭا ئىسرائىللار ... زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئۆزلىرىدىن ئېلىۋەتتى» ــ ياكى «شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىللار ھورەب (سىناي) تېغىدىن ئايرىلغاندىن تارتىپ، زىننەت بۇيۇملارنى زادى تاقىمىدى». 33:7 «مۇسا ئۆز چېدىرىنى ئېلىپ، ...» ــ ياكى «مۇسا چېدىرنى ئېلىپ، ...». بىزنىڭچە «مۇقەددەس چېدىر» تېخى ياسالمىغانىدى. «كۆرۈشۈش چېدىرى» ــ چوڭ مۇقەددەس چېدىر ياسالغاندىن كېيىن ئۇمۇ «كۆرۈشۈش چېدىرى» ياكى «جامائەت چېدىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. «كىمكى پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ، يول سورىماقچى بولسا چېدىرگاھنىڭ سىرتىدىكى «كۆرۈشۈش چېدىرى»غا باراتتى» ــ خۇدانىڭ 3- ۋە 5-ئايەتتىكى سۆزىگە قارىغاندا، مۇسا: «خۇدا ئەمدى ئارىمىزدا، يەنى چېدىرگاھ ئوتتۇرىسىدىكى «مۇقەددەس چېدىر»دا تۇرماقچى ئەمەس؛ شۇڭا چېدىرنى ياسىغىنىمىز بىكار بولىدۇ، خۇدا ئۇنىڭدا بەرىبىر تۇرمايدۇ» ــ دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك. شۇڭا خۇدا بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇ چېدىرنىڭ ئورنىدا چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا ئۆز چېدىرىنى تىككەن. 33:9 «بۇلۇت تۈۋرۈكى چۈشۈپ، ... توختايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن سۆزلىشەتتى» ــ دېمەك، خۇدانىڭ ھۇزۇرى بۇلۇت تۈۋرۈكىدە تۇراتتى. 33:12 «مەن سېنى ئىسمىڭنى بىلىپ تونۇيمەن» ــ بۇ سۆزلەر خۇدانىڭ مەلۇم بىر كىشىنى (مۇشۇ يەردە مۇسانى) ئالاھىدە سۆيىدىغىنىنى ياكى تاللىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 33:14 «...مەن ساڭا ئارام ئاتا قىلىمەن» ــ يۇقىرىدا، 10:32دە خۇدا مۇساغا: «مېنى توسما» (ئىبرانىي تىلىدا «ماڭا ئارام بەرگىن!» ياكى «مېنى قويغىن») دېگەنىدى؛ لېكىن ئۇ ھازىر مۇساغا «مەن ساڭا ئارام ئاتا قىلىمەن» دەيدۇ. 33:16 قان. 4‏:7 33:17 «...مەن سېنى ئىسمىڭنى بىلىپ تونۇيمەن» ــ 12-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. 33:19 «ياھۋەھ» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىنكى، «ياھۋەھ» خۇدانىڭ ئالاھىدە نامىدۇر، مەنىسى «مەڭگۈ بار بولغۇچى» دېگەندەك. بىز بۇ نامنى ئادەتتە «پەرۋەردىگار» دەپ تەرجىمە قىلىمىز. 33:19 رىم. 9‏:15 33:23 «... سەن مېنىڭ ئارقا تەرىپىمنى كۆرىسەن» ــ «... سەن مېنىڭ كەينىمدە قالغان ئىزنالىرىمنى كۆرىسەن» دېگەندەك تەرجىمىلىرىمۇ ئۇچرىشى مۇمكىن. «لېكىن يۈزۈم كۆرۈنمەيدۇ» ــ ياكى «لېكىن يۈزۈمنىڭ كۆرۈلۈشى بولمايدۇ».