3
بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار
ئاخىرىدا، ئى قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلاركى، رەبنىڭ سۆزى خۇددى سىلەرگە يەتكەن چاغدىكىگە ئوخشاش، ھەرقانداق يەردە تېز تارقالسۇن ۋە شان-شەرەپلىك دەپ ئۇلۇغلانسۇن؛   شۇنىڭدەك بىزنىڭ قەبىھ ۋە رەزىل ئادەملەردىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى ھەممىلا ئادەم ئىشەنچ-ئېتىقادلىق بولۇۋەرمەيدۇ. ئەمما رەب ئۆزى ئىشەنچلىكتۇر؛ ئۇ سىلەرنى مۇستەھكەم قىلىدۇ ھەم رەزىل بولغۇچىدىن ساقلايدۇ.
  
ئەمما رەبدە، سىلەرگە تاپىلىغىنىمىزنى قىلىۋاتىسىلەر، شۇنداقلا داۋاملىق قىلىۋېرىدۇ، دەپ خاتىرجەممىز. ئەمدى رەب قەلبىڭلارنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ھەم مەسىھنىڭ سەۋر-چىداملىقىغا چۆمكەشكە يېتەكلىگەي.
 
ئىشلىگەن چىشلەيدۇ
ئەمدى قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا شۇنى تاپىلايمىزكى، بىزدىن ئالغان تەلىملەرگە رىئايە قىلماي، تەرتىپسىز يۈرگەنلەردىن ئۆزۈڭلارنى نېرى تۇتۇڭلار.   بىزدىن قانداق ئۈلگە ئېلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر؛ چۈنكى بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا تەرتىپسىز يۈرمىگەنىدۇق. ھېچكىمنىڭ نېنىنى بىكارغا يېمەيتتۇق؛ بەلكى بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈزلەپ تىرىشىپ-تىرمىشىپ جاپالىق ئىشلەيتتۇق. بۇنداق قىلىشىمىز، سىلەردىن ياردەم كۈتۈشكە ھەقلىق بولمىغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنى سىلەرگە بىزدىن ياخشى ئۈلگە قالدۇرۇپ، سىلەرنىڭ بىزگە ئەگىشىشىڭلار ئۈچۈن ئىدى. 10 چۈنكى بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولغىنىمىزدا سىلەرگە: «بىرسى ئىشلىمەيمەن دېسە، ئۇ يېمىسۇن!» دەپ تاپىلىغانىدۇق. 11 چۈنكى بىز ئاراڭلاردا بەزىلەرنىڭ تەرتىپسىز لاغايلاپ، ھېچ ئىشلىمەي باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرىدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. 12 بىز مۇشۇنداقلارغا رەب ئەيسا مەسىھدە شۇنداق بۇيرۇيمىز ۋە ئۇلاردىن ئۆتۈنۈپ سورايمىزكى، تىنچ ياشاپ، ئەمگىكىڭلار بىلەن ئۆز نېنىڭلارنى تېپىپ يەڭلار.    13 لېكىن سىلەر، ئى قېرىنداشلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ئېرىنمەڭلار.
14 ئەمما ئەگەر ئۇشبۇ خېتىمىزدىكى سۆزلەرگە ئىتائەت قىلمايدىغان بىرسى بولسا، ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەڭلار ۋە ئۇنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلماڭلار. 15 بىراق، ئۇنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەي، ئەكسىچە ئۇنىڭغا بىر قېرىنداش سۈپىتىدە نەسىھەت قىلىڭلار.
 
تىلەكلەر
16 خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان رەب ھەر ۋاقىت ھەر يولدا شەخسەن سىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلغاي. رەب ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي!  
17 مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالىمىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم؛ بۇ، مېنىڭ ھەممە خەتلىرىمنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسىدۇر. مانا بۇ مېنىڭ ئۆز قەلىمىمدۇر.    18 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي!
3:1 «... بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلاركى، رەبنىڭ سۆزى خۇددى سىلەرگە يەتكەن چاغدىكىگە ئوخشاش، (ھەرقانداق يەردە) تېز تارقالسۇن ۋە شان-شەرەپلىك دەپ ئۇلۇغلانسۇن» ــ «تېز تارقالسۇن» گرېك تىلىدا «يۈگۈرسۇن» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 3:1 مات. 9‏:38؛ ئ‍ەف. 6‏:19؛ كول. 4‏:3. 3:2 يـۇھ. 6‏:44؛ رىم. 15‏:31. 3:3 «ئۇ (رەب) سىلەرنى مۇستەھكەم قىلىدۇ ھەم رەزىل بولغۇچىدىن ساقلايدۇ» ــ «رەزىل بولغۇچى» شەيتان، ئىبلىس. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇ (رەب) سىلەرنى رەزىللىكتىن ساقلايدۇ». 3:3 يـۇھ. 17‏:15؛ 1تېس. 5‏:24. 3:5 «ئەمدى رەب قەلبىڭلارنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ھەم مەسىھنىڭ سەۋر-چىداملىقىغا چۆمكەشكە يېتەكلىگەي» ــ «خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى» ئاۋۋال ئۇنىڭ بىزگە بولغان مۇھەببىتى، ئاندىن بىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمىز؛ «مەسىھنىڭ سەۋر-چىداملىقى» ئاۋۋال مەسىھنىڭ ئۆزىنىڭ سەۋر-چىداملىقى، ئاندىن بىزنىڭ ئۇنىڭدا ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن سەۋر-چىداملىق بولۇشىمىز. 3:6 «ئەمدى قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا شۇنى تاپىلايمىزكى، بىزدىن ئالغان تەلىملەرگە رىئايە قىلماي، تەرتىپسىز يۈرگەنلەردىن ئۆزۈڭلارنى نېرى تۇتۇڭلار» ــ «تەرتىپسىز يۈرگەنلەر» كېيىنكى ئايەتلەردىن ئېنىقكى، «بىكار تەلەپلەر»نى كۆرسىتىدۇ. 3:6 1كور. 5‏:11؛ 2تېـس. 2‏:15؛ 3‏:14؛ تىت. 3‏:10. 3:7 1كور. 11‏:1؛ 1تېس. 1‏:6، 7؛ 2تېـس. 2‏:10. 3:8 روس. 18‏:3؛ 20‏:34؛ 1كور. 4‏:12؛ 2كور. 11‏:9؛ 12‏:13؛ 1تېس. 2‏:9. 3:9 1كور. 4‏:16؛ 9‏:3، 6؛ 11‏:1؛ فىل. 3‏:17؛ 1تېس. 1‏:6؛ 2‏:9. 3:11 «چۈنكى بىز ئاراڭلاردا بەزىلەرنىڭ تەرتىپسىز لاغايلاپ، ھېچ ئىشلىمەي باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرىدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق» ــ گرېك تىلىدا روسۇل پاۋلۇس چاقچاق قىلىپ: «... ھېچ ئىش قىلمايدە، لېكىن ھەرتەرەپتە باشقىلارنىڭ ئىشلىرىدا بولغانلىقىنى ئاڭلىدۇق» دەيدۇ. 3:12 «بىز مۇشۇنداقلارغا رەب ئەيسا مەسىھدە شۇنداق بۇيرۇيمىز ۋە ئۇلاردىن ئۆتۈنۈپ سورايمىزكى...» ــ «مۇشۇنداقلار» ــ دېمەك، 11-ئايەتتىكى «تەرتىپسىز لاغايلاپ، ھېچ ئىشلىمەي باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرىدىغانلار». «كىرىش سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. 3:12 ئ‍ەف. 4‏:28؛ 1تېس. 4‏:11. 3:13 گال. 6‏:9. 3:14 مات. 18‏:17؛ 1كور. 5‏:9؛ 2تېـس. 3‏:6. 3:16 «خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان رەب ھەر ۋاقىت ھەر يولدا شەخسەن سىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلغاي» ــ «خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان رەب» گرېك تىلىدا: «خاتىرجەملىكنىڭ رەببى» ياكى «خاتىرجەملىك بەرگۈچى رەب» ــ دېمەك، خاتىرجەملىك بەرگۈچى ھەم ئۆزى ھەردائىم خاتىرجەملىكتە تۇرغۇچى رەبدۇر. 3:16 رىم. 15‏:33؛ 16‏:20؛ 1كور. 14‏:33؛ 2كور. 13‏:11؛ فىل. 4‏:9؛ 1تېس. 5‏:23. 3:17 «مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالىمىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم. بۇ، مېنىڭ ھەممە خەتلىرىمنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسىدۇر. مانا بۇ مېنىڭ ئۆز قەلىمىمدۇر» ــ پاۋلۇسنىڭ ھەربىر خېتىدىكى بىرنەچچە قۇرنى ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىش ئادىتى بار ئىدى؛ بۇ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ نامىدا ساختا خەتلەرنى يېزىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن ئىدى. ئۆزىنىڭ كۆزى ئاجىز بولغاچقا، خەتلىرىنى ئادەتتە كاتىپقا يازدۇراتتى. («گالاتىيالىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى ھەم 11:6دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. 3:17 1كور. 16‏:21؛ كول. 4‏:18.