2
ئىككىنچى ۋەھىي ــ رىغبەتلەندۈرۈش
يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ «شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى، يەھۇدانىڭ ۋالىيىسى زەرۇببابەلگە، يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئاغا ھەمدە خەلقنىڭ قالدىسىغا سۆز قىلىپ ئۇلاردىن: ــ
«ئاراڭلاردىن ئەينى چاغدىكى شان-شەرەپتە بولغان بۇ ئۆينى كۆرگەنلەردىن كىم بار؟ سىلەر ھازىر ئۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟ نەزىرىڭلاردا ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟» ــ دەپ سورىغىن.
ــ بىراق ھازىر، ئى زەرۇببابەل، جاسارەتلىك بول، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەھوزاداكنىڭ ئوغلى، باش كاھىن يەشۇئا، جاسارەتلىك بول؛ زېمىندىكى بارلىق خەلق، جاسارەتلىك بولۇپ ئىشلەڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
ــ چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
ــ مىسىردىن چىققان ۋاقتىڭلاردا سىلەرگە ئەھدە قىلغان سۆزۈم ۋە مېنىڭ روھىم ئاراڭلاردا تۇرۇپ كەلدى؛ ھەرگىز قورقماڭلار.
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
ــ يەنە پەقەت ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن مەن ئاسمانلار، يەر يۈزى، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنى تەۋرىتىمەن؛   
مەن بارلىق ئەللەرنى تەۋرىتىمەن؛ نەتىجىدە ئەللەرنىڭ سەرخىل ئەتىۋار نەرسىلىرى ئېلىپ كېلىنىدۇ. مەن مۇشۇ ئۆينى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
ــ كۈمۈش مېنىڭكى، ئالتۇن مېنىڭكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
ــ بۇ ئۆينىڭ كېيىنكى شان-شەرىپى ئەسلىدىكىدىن زور بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ۋە مەن مۇشۇ يەردە ئاراملىك-خاتىرجەملىكنى ئاتا قىلىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار».   
 
ئۈچىنچى ۋەھىي ــ خۇدانىڭ شەپقىتى ۋە بەرىكىتى
10 دارىئۇس پادىشاھنىڭ ئىككىنچى يىلى، توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
11 «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
كاھىنلارغا سۆز قىلىپ ئۇلاردىن تەۋرات-قانۇنى توغرۇلۇق: ــ
12 «بىرسى تونىنىڭ ئېتىكىدە «خۇداغا ئاتالغان گۆش»نى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ ئېتىكى نانغا، ئۇماچقا، شارابقا، زەيتۇن مايغا ياكى ھەرقانداق ئاش-ئوزۇققا مۇنداقلا تېگىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇ نەرسىلەر «خۇداغا ئاتالغان» بولامدۇ؟» ــ دەپ سورىغىن».
كاھىنلار جاۋابەن: «ياق» ــ دېدى.
13 ۋە ھاگاي: «بىرسى جەسەتكە تېگىپ «ناپاك» بولغان بولسا، ئۇ بۇ ئاش-ئوزۇقنىڭ قايسىبىرىگە تەگسە، ئۇنداقتا ئاش-ئوزۇق ناپاك بولامدۇ؟» ــ دەپ سورىدى.
كاھىنلار جاۋابەن: «ئۇ ناپاك بولىدۇ» ــ دېدى.
14 ئاندىن ھاگاي جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ«پەرۋەردىگار: «ئەمدى بۇ خەلق، بۇ «يات ئەل» مېنىڭ ئالدىمدىمۇ شۇنداقتۇر، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئىشلەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداقتۇر، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ شۇ يەردە ماڭا ھەربىر سۇنغانلىرىمۇ ناپاكتۇر» ــ دەيدۇ.
15 ــ ئەمدى ھازىر كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار ــ
بۈگۈندىن باشلاپ، مۇشۇ ۋاقىتتىن تارتىپ كۆرۈڭلار ــ تاكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى تاش ئۈستىگە يەنە بىر تال تاش قويۇلغۇچە، 16 شۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە، بىرسى «يىگىرمە كۈرە»لىك بىر دۆۋە ئاشلىقنى ئالغىلى كەلگەندە، مانا پەقەت ئون كۈرىلا چىقتى؛ بىرسى شاراب كۈپىدىن ئەللىك كومزەك ئالغىلى كەلسە، مانا پەقەت يىگىرمە كومزەك چىقتى. 17 مەن قوللىرىڭلار بىلەن ئىشلىگەن بارلىق ئىشلىرىڭلاردا سىلەرنى جۇدۇن، ھال ۋە مۆلدۈر ئاپەتلىرى بىلەن ئۇرۇپ كەلدىم؛ بىراق سىلەر يېنىمغا قايتمىدىڭلار.   
18 ئەمدى ئۆتۈنىمەنكى، كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار ــ بۇ كۈن، يەنى توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنىدىن باشلاپ، مۇشۇ ۋاقىتتىن تارتىپ، ــ يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى باشلىغان كۈنىدىن كېيىنكى ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار؛ 19 دانلار ئامبارغا يىغىلدىمۇ؟ ئۈزۈم تاللىرى، ئەنجۈر، ئانار ھەم زەيتۇن دەرەخلىرى ھېچ مېۋە بەرمىدى. بىراق مەن بۇ كۈندىن باشلاپ سىلەرنى بەرىكەتلەيمەن».
 
‘تۆتىنچى ۋەھىي ــ ‘ئاخىرقى زامان •••• زەرۇببابەل توغرۇلۇق
20 ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى شۇ ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى ھاگايغا ئىككىنچى قېتىم كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
21 ــ يەھۇداغا ۋالىي بولغان زەرۇببابەلگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ
ــ «مەن ئاسمانلارنى، زېمىننى تەۋرىتىشكە تەمشىلىۋاتىمەن؛
22 پادىشاھلىقلارنىڭ تەختىنى ئۆرۈۋېتىمەن، ئەللەرنىڭ پادىشاھلىقلىرىنىڭ كۈچىنى يوقىتىمەن؛ جەڭ ھارۋىلىرى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلارنى ئۆرۈۋېتىمەن؛ ئاتلار ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنىڭ قىلىچى بىلەن موللاق ئاتقۇزۇلىدۇ.
23 شۇ كۈنىدە ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ
مەن سېنى، يەنى شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەلنى ئالىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ئاندىن سېنى خۇددى مۆھۈرلۈك ئۈزۈكۈمدەك قىلىمەن؛ چۈنكى مەن سېنى تاللىۋالدىم، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار».
2:1 «يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى» ــ بۇ كۈن «كەپىلەر ھېيتى» («كەپە تىكىش ھېيتى»)نىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ، خەلقنىڭ كۆپ بىر قىسمى يېرۇسالېمدا بولغان بولۇش كېرەك. 2:3 ««ئاراڭلاردىن ئەينى چاغدىكى شان-شەرەپتە بولغان بۇ ئۆينى كۆرگەنلەردىن كىم بار؟ سىلەر ھازىر ئۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟ نەزىرىڭلاردا ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟» ــ سۇلايمان پادىشاھ سالغان ھەيۋەتلىك مۇقەددەس ئىبادەتخانا (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 587-يىلى) بابىل تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان. بۇ ۋەقە ھاگاي سۆز قىلغان ۋاقىتتىن 67 يىل ئىلگىرى بولغاچقا، ئەسلى ئىبادەتخانىنىڭ شان-شەرىپى يېڭى ئىبادەتخانىغا قارايدىغان بەزى بوۋايلارنىڭ ئېسىدىن چىقمىغان بولۇشى كېرەك. «ئەينى چاغدىكى شان-شەرەپتە بولغان بۇ ئۆي» ۋە «ئۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟» دېگەن سۆزلەر ئىسپاتلايدۇكى، خۇدا نەزىرىدە مەيلى سۇلايمان قۇرغان ياكى بۇ ۋاقىتتىكى خەلق قۇرغان ئىبادەتخانا بولسۇن، ھەر ئىككىسىنى «بىر» دەپ ھېسابلايدۇ. 2:6 «... ئاسمانلار، يەر يۈزى، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنى تەۋرىتىمەن» ــ مۇشۇنداق سۆزلەر باشقا پەيغەمبەر يازمىلىرىدىمۇ تېپىلىدۇ (مەسىلەن، «يەشايا» 13-باب، «يەرەمىيا» 4- ھەم 10-باب، «يوئېل» 2-باب، «ناھۇم» 1-بابتا). شۈبھىسىزكى، بۇلار «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»، يەنى ئاخىرقى زاماننى كۆرسىتىدۇ. 2:6 ئىبر. 12‏:26،27 2:8 «كۈمۈش مېنىڭكى، ئالتۇن مېنىڭكى، ــ دەيدۇ ... پەرۋەردىگار» ــ شۇ دەۋردە دۇنيادىكى كۆپ قىسىم ئالتۇن-كۈمۈش پارس ئىمېرىيەسىنىڭ قولىدا ئىدى. مەزكۇر بېشارەتتىن ئازراقلا بىر مەزگىلدىن كېيىن، پارس ئىمپېراتورى دارىئۇس تەرىپىدىن: «ئىسرائىلنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتلاردىن ئىمپېراتورغا ئېلىنغان باجلارنىڭ چوڭ بىر قىسمىنى ئايرىپ، بۇ پۇلنى «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى چىرايلىق ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىش كېرەك...»» دېگەن بىر يارلىق چۈشۈرۈلدى («ئەزرا» 4-6-بابنى، شۇنداقلا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ). 2:9 «بۇ ئۆينىڭ كېيىنكى شان-شەرىپى ئەسلىدىكىدىن زور بولىدۇ» ــ بۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ناھايىتى ئاجايىب بولدى. سۆز كۆپ بولغاچقا، شەرھىنى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزگە قويدۇق. 2:9 مىس. 23‏:20-22؛ يەر. 31‏:31-34؛ ئ‍ەز. 36‏:26-28؛ مات. 3‏:11-12؛ 11‏:10؛ 24‏:12-16؛ مار. 1‏:2؛ لۇقا 1‏:76؛ 7‏:27؛ يـۇھ. 2‏:13-17؛ يەش. 40‏:3؛ ئىبر. 8‏:6؛ 12‏:24 2:12 «بىرسى تونىنىڭ ئېتىكىدە «خۇداغا ئاتالغان گۆش»نى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ ئېتىكى .. ھەرقانداق ئاش-ئوزۇققا مۇنداقلا تېگىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇ نەرسىلەر «خۇداغا ئاتالغان» بولامدۇ؟» ــ «خۇداغا ئاتالغان گۆش» (ياكى «مۇقەددەس گۆش») ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، بىرسى خۇداغا «گۇناھ قۇربانلىقى» («گۇناھنى تىلىدىغان قۇربانلىق»)، «ئىناق قۇربانلىقى» ياكى « قۇربانلىقى»نى قىلغاندا، بۇ قۇربانلىقلاردىن مەلۇم پارچە گۆش قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ ياردىمىدە بولغان كاھىنغا ئايرىپ بېرىلگەن. بۇ گۆش «خۇداغا ئاتالغان گۆش» (ياكى «مۇقەددەس گۆش») دەپ ئاتالغان، بۇ گۆشنى پەقەت كاھىن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېيىشكە بولىدۇ. 2:13 «بىرسى جەسەتكە تېگىپ «ناپاك» بولغان بولسا، ئۇ بۇ ئاش-ئوزۇقنىڭ قايسىبىرىگە تەگسە، ئۇنداقتا ئاش-ئوزۇق ناپاك بولامدۇ؟» ــ «ناپاك بولغان» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، بىرسى جەسەتكە ياكى جەسەت قويۇلغان جايغا تەگسە، ياكى بەزى خىل كېسەل كىشىلەرگە تەگسە، «ناپاك» دەپ ھېسابلانغان. ئۇ بىر مەزگىل (بەزىدە بىر كۈن، بەزىدە بىر ھەپتە) ئايرىم تۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئايرىم تۇرغاندىن كېيىن غۇسۇل قىلىپ (پۈتۈنلەي يۇيۇنۇپ) ئاندىن «پاك» دەپ ھېسابلانغان. 2:14 «پەرۋەردىگار: «ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئىشلەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداقتۇر (ناپاك، دېمەك)، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ شۇ يەردە ماڭا ھەربىر سۇنغانلىرىمۇ ناپاكتۇر» ــ دەيدۇ» ــ «شۇ يەردە» دېگەن سۆز بەلكىم «ناپاك قوللىرىدا» دېگەننى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «پەرۋەردىگار: «ئەمدى بۇ خەلق، بۇ «يات ئەل» مېنىڭ ئالدىمدىمۇ شۇنداقتۇر، ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئىشلەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسىمۇ شۇنداقتۇر، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ شۇ يەردە ماڭا ھەربىر سۇنغانلىرىمۇ ناپاكتۇر» ــ دەيدۇ» ــ بۇ تولۇق سۆز ئىسرائىلغا ناھايىتى ئېغىر ئىدى. ئىسرائىل ئۆزى كاپىر بىر «يات ئەل» بولغان ئوخشايدۇ. ئۇلاردىكى خارەبە بولغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ «پەرۋايىم پەلەك» دېگەندەك بىخۇدلۇق گۇناھلىرىغا گۇۋاھ بېرىدۇ. مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، گۇناھلار پەقەت «قان تۆكۈلۈپ قىلىنغان قۇربانلىق»لار ئارقىلىق «يېپىلغان» بولىدۇ. بىراق مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ ئۆزى خارابە بولۇپ، ئۇلار سۇنغان قۇربانلىقلارنى ئۆزلىرىنىڭ «ناپاك قوللىرى» تۈپەيلىدىن «ناپاك بولدى» دېسەك، ئەمدى ئۇلار قانداقمۇ پاك بولالايدۇ؟ «كىم ناپاك نەرسىلەردىن پاك نەرسىنى چىقىرالايدۇ؟ ــ ھېچكىم!» («ئايۇپ» 4:14). پەقەت رەھىم-شەپقەتلىك بىر خۇدا ئۆزى ناپاك خەلقى ئۈچۈن بىر ئىش قىلسا، ئاندىن قۇتقۇزۇلغىلى بولىدۇ. ئەمدى خۇدا (15-ئايەت) ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئۇلارغا ئۈمىد بېرىدۇ. ئۇنىڭ قانداق يول بىلەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلغانلىقى ئېيتىلمىدى. بۇ مەسىلىلەرگە بولغان جاۋاب (يەنى خۇدانىڭ ئاخىرىدا ئادەملەرنى گۇناھدىن پاكلاش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلغانلىقى) پەقەت ئىنجىلدىن تېپىلىدۇ. 2:15 «ئىبادەتخانىسىدىكى تاش ئۈستىگە يەنە بىر تال تاش قويۇلغۇچە...» ــ ھاگاي پەيغەمبەر سۆز قىلغاندىن كېيىن، خەلق قايتا قۇرۇلۇشنىڭ خىزمىتىنى يېڭىۋاشتىن باشلىغان كۈنگىچە، يەنى «ئىككىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى» (27-سېنتەبر)گىچە دېگەنلىكتۇر. 2:16 «شۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە، بىرسى «يىگىرمە كۈرە»لىك بىر دۆۋە ئاشلىقنى ئالغىلى كەلگەندە...» ــ «ئىلگىرىكى» ــ ئىبرانىي تىلىدىكى بۇ سۆز بەزىدە «ئىلگىرىكى»، بەزىدە «كېيىنكى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. قوشۇمچە سۆزلىرىمىزدە «ئىلگىرىكى» دېگەن تەرجىمىمىزنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىمىز. 2:17 «مەن قوللىرىڭلار بىلەن ئىشلىگەن بارلىق ئىشلىرىڭلاردا سىلەرنى جۇدۇن، ھال ۋە مۆلدۈر ئاپەتلىرى بىلەن ئۇرۇپ كەلدىم؛ بىراق سىلەر يېنىمغا قايتمىدىڭلار» ــ ھاگاي پەيغەمبەر مۇشۇ يەردە تەۋرات «ئام.» 9:4نى نەقىل كەلتۈرىدۇ. 2:17 ھاگ. 1‏:11 2:19 «...دانلار ئامبارغا يىغىلدىمۇ؟ ئۈزۈم تاللىرى... ھېچ مېۋە بەرمىدى. بىراق مەن بۇ كۈندىن باشلاپ سىلەرنى بەرىكەتلەيمەن» ــ بۇ 16-19-ئايەتلەرنى قوشۇمچە سۆزلىرىمىزدە تەھلىل قىلىمىز. 2:21 «مەن ئاسمانلارنى، زېمىننى تەۋرىتىشكە تەمشىلىۋاتىمەن» ــ بۇ سۆزلەر (ۋە 22-ئايەت) 6-7-ئايەتتلەردىكىگە ئوخشاش، بەلكىم ئاخىرقى زاماندىكى ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 2:22 دان. 2‏:44-45؛ يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ يەش. 2‏:12-22؛ 13‏:6-13؛ 24‏:23؛ ئام.8 ‏:9؛ مات. 24:29؛ روس. 2‏:20؛ ۋەھ. 6‏:12-13. 2:23 «مەن سېنى، يەنى شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەلنى ئالىمەن،... ئاندىن سېنى خۇددى مۆھۈرلۈك ئۈزۈكۈمدەك قىلىمەن؛ چۈنكى مەن سېنى تاللىۋالدىم» ــ بۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە تىلغا ئالىمىز.