14
ئىسرائىلنىڭ كەلگۈسىدە توۋا قىلىشى، قۇتقۇزۇلۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى
ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يېنىغا ئىككىلەنمەي قايتىپ كەل!
چۈنكى ئۆز قەبىھلىكىڭ بىلەن پۇتلىشىپ يىقىلغانسەن.
ئۆزۈڭلار بىلەن بىللە سۆزلەرنى ئېپكېلىڭلار،
پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىڭلار؛
ئۇنىڭغا: ــ «بارلىق قەبىھلىكنى كەچۈرگەيسەن،
شاپائەت بىلەن بىزنى قوبۇل قىلغايسەن،
شۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا لەۋلىرىمىزدىكى «بۇقا قۇربانلىقلار»نى تۇتىمىز ــ دەڭلار.
ــ «ئاسۇرىيە بىزنى قۇتقۇزمايدۇ،
ئاتلارغا مىنمەيمىز؛
بىز ھەرگىز ئۆز قولىمىز ياسىغىنىغا: ــ «خۇدايىمىز!» دېمەيمىز؛
چۈنكى سەندىنلا يېتىم-يېسىرلار رەھىم-شەپقەت تاپىدۇ».
 
ــ مەن ئۇلارنى «ئارقىغا چېكىنىشلىرى»دىن ساقايتىمەن،
مەن ئۇلارنى چىن كۆڭلۈمدىن خالاپ سۆيىمەن؛
چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم ئۇنىڭدىن ياندى.
مەن ئىسرائىلغا شەبنەمدەك بولىمەن؛
ئۇ نىلۇپەردەك بەرق ئۇرىدۇ،
يىلتىزلىرى لىۋان كېدىر دەرىخىدەك يىلتىز تارتىدۇ؛
ئۇنىڭ بىخلىرى شاخلاپ يېيىلىدۇ،
ئۇنىڭ گۈزەللىكى زەيتۇن دەرىخىدەك،
پۇرىقى لىۋان كېدىرىنىڭكىدەك بولىدۇ.
خەلق قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ؛
ئۇلار زىرائەتلەردەك ياشنايدۇ،
ئۈزۈم تېلىدەك چېچەكلەيدۇ؛
لىۋاننىڭ شارابلىرى ئاغزىدا قالغاندەك، ئېسىدە شېرىن قالىدۇ.
ئەفرائىم: «مېنىڭ بۇتلار بىلەن يەنە نېمە كارىم!» ــ دەيدىغان بولىدۇ.
«مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالىمەن!»؛
«مەن ياپيېشىل بىر قارىغايدۇرمەن»؛
«سېنىڭ مېۋەڭ مەندىندۇر!»
كىم دانا بولۇپ، بۇ ئىشلارنى چۈشىنەر؟ چېچەن بولۇپ، بۇلارنى بىلەر؟
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرى دۇرۇستۇر،
ھەققانىيلار ئۇلاردا ماڭىدۇ؛
بىراق ئىتائەتسىزلەر ئۇلاردا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ.
14:1 ھوش. 12‏:7 14:2 «...«بۇقا قۇربانلىقلار»نى تۇتىمىز ــ «بۇقا قۇربانلىقلار» خۇداغا ئاتاپ بېغىشلىنىدىغان «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار ئىچىدە ئەڭ قىممەتلىك قۇربانلىق ئىدى. مۇشۇ يەردە كۆچمە مەنىدە ئىشلەتكەن، ئەلۋەتتە. ئۇ «لەۋلىرىمىزدىكى مول ئىبادەت-مەدھىيە»نى كۆرسىتىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «لەۋلىرىمىزدىكى مېۋىنى تۇتىمىز». 14:3 «چۈنكى سەندىنلا يېتىم-يېسىرلار رەھىم-شەپقەت تاپىدۇ»» ــ بۇ سۆز ھوشىيانىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆز دادىسى بىلەن بولغان كەچۈرمىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولىدۇ. 14:7 «لىۋاننىڭ شارابلىرى ئاغزىدا قالغاندەك، ئېسىدە شېرىن قالىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇنىڭ ئەسلەتمىسى لىۋاندىكى شارابنىڭكىدەك بولىدۇ». 14:8 «ئەفرائىم: «مېنىڭ بۇتلار بىلەن يەنە نېمە كارىم!» ــ دەيدىغان بولىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ (خۇدا ئەفرائىمغا) «ئى ئەفرائىم، مېنىڭ بۇتلار بىلەن نېمە ئالاقەم بولسۇن!» ــ دەيدۇ». 14:9 پەند. 29:10