6
ئىسرائىلنىڭ يۈزەكى جاۋابى
«كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتايلى؛
چۈنكى ئۇ تىتما-تىتما قىلىۋەتتى، بىراق ساقايتىدۇ؛
ئۇرۇۋەتتى، بىراق بىزنى تېڭىپ قويىدۇ.
ئۇ ئىككى كۈندىن كېيىن بىزنى جانلاندۇرىدۇ؛
ئۈچىنچى كۈنى ئۇ بىزنى تىرىلدۈرىدۇ،
بىز ئۇنىڭ يۈزى ئالدىدا ھايات ياشايمىز!
ۋە بىز ئۇنى بىلىدىغان بولىمىز!
بىز پەرۋەردىگارنى تونۇش ھەم بىلىش ئۈچۈن ئىنتىلىپ قوغلايمىز!
ئۇنىڭ بىزنى قۇتقۇزۇشقا چىقىشى تاڭ سەھەرنىڭ بولۇشىدەك مۇقەررەر؛
ئۇ يېنىمىزغا يامغۇردەك، يەر-زېمىننى سۇغىرىدىغان «كېيىنكى يامغۇر»دەك چۈشۈپ كېلىدۇ!».
 
خۇدانىڭ داد-پەريادى
ئى ئەفرائىم، سېنى قانداق قىلسام بولار؟
ئى يەھۇدا، سېنى قانداق قىلسام بولار؟
چۈنكى ياخشىلىقىڭلار سەھەردىكى بىر پارچە بۇلۇتتەك،
تېزدىن يوقاپ كېتىدىغان شەبنەمدەكتۇر.
شۇڭا مەن پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۇلارنى چېپىۋەتكەن؛
ئاغزىمدىكى سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنمەن؛
مېنىڭ ھۆكۈمۈم تاڭ نۇرىدەك چىقىدۇ.
چۈنكى مەن قۇربانلىقلاردىن ئەمەس، بەلكى مېھىر-مۇھەببەتتىن،
كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن كۆرە، خۇدانى تونۇش ھەم بىلىشتىن خۇرسەنلىك تاپىمەن.  
بىراق ئۇلار ئادەمئاتىدەك ئەھدىگە ئىتائەتسىزلىك قىلغان؛
ئۇلار مانا شۇ يول بىلەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغان.
گىلېئاد بولسا قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ شەھىرى؛
ئۇ قان بىلەن بويالغان.
قاراقچىلار ئادەمنى پايلىغاندەك،
كاھىنلار توپى شەكەمگە بارىدىغان يولدا قاتىللىق قىلماقتا؛
بەرھەق، ئۇلار ئىپلاسلىق قىلماقتا.
10 ئىسرائىل جەمەتىدە يىرگىنچلىك بىر ئىشنى كۆردۈم؛
ئەفرائىمنىڭ پاھىشىلىكى شۇ يەردە تېپىلىدۇ،
ئىسرائىل بۇلغاندى.
11 يەنە ساڭىمۇ، ئى يەھۇدا، تېرىغان گۇناھلىرىڭنىڭ ھوسۇلى بېكىتىلگەندۇر!
 
 
6:3 «ئۇ يېنىمىزغا يامغۇردەك، يەر-زېمىننى سۇغىرىدىغان «كېيىنكى يامغۇر»دەك چۈشۈپ كېلىدۇ!» ــ «كېيىنكى يامغۇر» بولسا قانائاندا (پەلەستىندە) 3- ياكى 4-ئايدا ياغىدۇ، ئۇ ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنىڭ پىشىشىدا ھالقىلىق رولىنى ئوينايدۇ. بۇ يامغۇرلار بولمىسا ھوسۇل بولمايدۇ. «بىز ئۇنى بىلىدىغان بولىمىز!... ئۇ ... «كېيىنكى يامغۇر»دەك چۈشۈپ كېلىدۇ!» ــ ئالىملارنىڭ بۇ ئۈچ ئايەت (1-3) ئۈستىدە ئۈچ خىل پىكرى بار: ــ (1) بۇ ئىسرائىلنىڭ ئاخىرقى زاماندا توۋا قىلىدىغان دۇئاسى (چۈنكى ئىسرائىللار ھوشىيانىڭ دەۋرىدە توۋا قىلغان ئەمەس)؛ (2) بۇ ھوشىيا پەيغەمبەرنىڭ: «پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتايلى» دېگەن دەۋىتى؛ (3) بۇ ئىسرائىلنىڭ شۇ چاغدىكى يۈزەكى بىر ئىنكاسى، خالاس. سۆزلەر چىرايلىق بولسىمۇ خۇدا ئۇنى يۈزەكى دەپ قارايدۇ (4-ئايەتنى كۆرۈڭ). شۇڭا بىز ئۈچىنچى ئىمكانىيەتكە قايىلمىز. چۈنكى بۇ سۆزلەردە ئۆز گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىدىغان كونكرېت گەپ كەمچىل. ئەگەر دۇئادا توۋا قىلىدىغان سۆزلەر بار بولغان بولسا ئىنتايىن ياخشى بىر دۇئا بولاتتى؛ 14-بابتا ھەقىقىي توۋا قىلىدىغان دۇئا تېپىلىدۇ. 6:5 «مەن پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۇلارنى چېپىۋەتكەن...» ــ خۇدا پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق نۇرغۇن قېتىم ئىسرائىلغا جازاسىنى ئېلىپ بارىدىغان ھۆكۈملىرىنى ئۇقتۇرغانىدى؛ دېمەك، ئۇ دەرھال جازالىرىنى ئەۋەتمەيدۇ، بەلكى ئاۋۋال پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇپ، توۋا قىلىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ؛ پەقەت توۋا قىلمىسا جازاسىنى چۈشۈرىدۇ. جازالار چۈشكەندە ئىسرائىللار «چېپىۋېتىلگەن، ...ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن» ئىدى. يۇقىرىدا (3-ئايەتتە) ئىسرائىل ساختىپەزلىك بىلەن «خۇدانىڭ بىزنى قۇتقۇزۇزقا چىقىشى ... تاڭ سەھەرنىڭ بولۇشىدەك مۇقەررەر» دېگەنىدى، بىراق ھازىر خۇدا: «مېنىڭ ھۆكۈملىرىم تاڭ نۇرىدەك چىقىدۇ» دەيدۇ. 6:6 «مەن قۇربانلىقلاردىن ئەمەس، بەلكى مېھىر-مۇھەببەتتىن، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن كۆرە، خۇدانى تونۇش ھەم بىلىشتىن خۇرسەنلىك تاپىمەن» ــ خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق قۇربانلىقلارنى تەلەپ قىلغان. بىراق كېيىنكى كۆپ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق، بۇلار مېنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىم ئەمەس، بەلكى: (1) ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا قاراتقان چىڭ كۆڭلىدىكى ئىبادەت ۋە مۇھەببىتىنى ئىزدەيمەن (شۇنداق ئىشلار پەقەت مەسىھنىڭ نىجاتى ۋە مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، ئەلۋەتتە)؛ (2) قۇربانلىقلار سۇنۇلغاندا، ئەگەر ئىخلاسمەنلىك ۋە مۇھەببەت بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇلارنى قىلمىغىنىڭلار تۈزۈك، دەپ ئۇقتۇرغان. 6:6 مات. 9‏:13؛ 12‏:7 6:7 ھوش. 8‏:1