20
مىسىر توغرۇلۇق يەنە بىر بېشارەت
ئاسۇرىيەنىڭ سەردارى بولغان «تارتان» ئاشدود شەھىرىگە كېلىپ مۇھاسىرە قىلغان يىلى ئاسۇرىيە پادىشاھى سارگون ئۇنى ئەۋەتكەن (ئۇ ئاشدودقا قارشى جەڭ قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى): ــ
ــ شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا ئارقىلىق سۆز قىلغانىدى.
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ
«چاترىقىڭدىن بۆز ئىچ تامبىلىڭنى سېلىۋەت، پۇتۇڭدىكى كەشىڭنى سېلىۋەت» ــ دېگەنىدى؛
ئۇ شۇنداق قىلدى؛ يالىڭاچ ۋە يالاڭ ئاياغ مېڭىپ يۈردى.
ۋە پەرۋەردىگار ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ــ
«مېنىڭ قۇلۇم يەشايا مىسىر ۋە ئېفىئوپىيە توغرۇلۇق خەۋەر بېرىدىغان بېشارەت ھەم كارامەت سۈپىتىدە بولۇش ئۈچۈن يالىڭاچ ھەم يالاڭ ئاياغ ئۈچ يىل مېڭىپ يۈرگەندەك، ئوخشاشلا مىسىرلىق ئەسىرلەر ۋە ئېفىئوپىيەلىك سۈرگۈنلەر ياش بولسۇن، قېرى بولسۇن، يالىڭاچ ھەم يالاڭ ئاياغ، كاسىسى ئوچۇق ھالدا ئاسۇرىيە پادىشاھى تەرىپىدىن مىسىرنى شەرمەندىلىكتە قالدۇرۇپ، يالاپ ئېپكېتىلىدۇ. ئۇلار بولسا قورقۇشۇپ، ئۆز تايانچىسى بولغان ئېفىئوپىيەدىن ۋە پەخرى بولغان مىسىردىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ دېڭىز بويىدىكىلەر: ــ
«مانا بۇ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ ۋەسۋەسىدىن قورقۇپ باشپاناھلىق ئىزدەپ بارغان تايانچىمىزغۇ، بىزلەر ئەمدى قانداقمۇ قۇتۇلالايمىز؟» ــ دېيىشىدۇ»».
 
 
20:1 «ئاسۇرىيەنىڭ سەردارى بولغان «تارتان» ئاشدود شەھىرىگە كېلىپ مۇھاسىرە قىلغان يىلى» ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 715-يىلى فىلىستىيلەرنىڭ بىر پايتەختى بولغان ئاشدود مىسىرنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىدىكى ئاسارەتلەرنى بۇزۇپ ئىسيان كۆتۈردى. ئىككى يىل ئىچىدە ئۇلار يەنە مەغلۇپ بولدى. مىسىر توختىماي ئۇلارنى قۇترىتىپ، قوراللىق ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلىپ، ئەلچىلەرنى موئابقا، ئېدوم ھەم يەھۇداغا ئەۋەتتى، ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىگە قارشى بىر ئىتتىپاقنى ئوتتۇرىغا چىقارماقچى بولدى. بىراق مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 711-يىلى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى ئاشدود شەھىرىنى ئىشغال قىلدى. مىسىر ئۇلارغا ھېچ ياردەم قىلمىدى. خۇدا يەشايا ئارقىلىق ئىسرائىلغا خۇداسىز، تايانچىسىز مىسىرغا تايىنىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ھەم مۇنداق قىلىشنىڭ بىھۇدە ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 20:2 «شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا ئارقىلىق سۆز قىلغانىدى..» ــ مۇشۇ 20-بابتىكى بېشارەت ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشىنى كۆرگەن كىشىلەر يۇقىرىقى 19-بابتىكى ئاخىرقى زامانلارنى كۆرسىتىدىغان (ئاسۇرىيە ۋە مىسىر توغرۇلۇق) بېشارەتنىڭ ئاخىرىدا مۇقەررەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىدىن ھېچ گۇمان قىلماسلىقى كېرەك. «پەرۋەردىگار ... ئۇنىڭغا: ــ «چاترىقىڭدىن بۆز ئىچ تامبىلىڭنى سېلىۋەت...» دېگەنىدى. ئۇ شۇنداق قىلدى؛ يالىڭاچ ۋە يالاڭ ئاياغ مېڭىپ يۈردى» ــ بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، يەشايا ئادەتتە بۆز كىيىم كىيىپ يۈرىدىغان بولۇشى مۇمكىن. يەشايانىڭ ھەقىقەتەن «قىپيالىڭاچ» ياكى پەقەت «كالتە ئىشتانلىق» ئىكەنلىكىگە بىر نېمە دېيىش تەس. 20:4 «مىسىرلىق ئەسىرلەر ۋە ئېفىئوپىيەلىك سۈرگۈنلەر ياش بولسۇن، قېرى بولسۇن... كاسىسى ئوچۇق ھالدا ئاسۇرىيە پادىشاھى تەرىپىدىن ... يالاپ ئېپكېتىلىدۇ» ــ شۇ بېشارەت بەلكىم 701-يىلى، يەنى ئاسۇرىيە بىلەن مىسىر سوقۇشقان ئەلتەكەھ دېگەن يەردە بولغان جەڭدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ئاسۇرىيە مىسىردىكى ھەم ئېفىئوپىيەدىكى نۇرغۇن ئەسىرلەرنى ئېپكەتكەن. 20:6 «بۇ دېڭىز بويىدىكىلىرى ــ فىلىستىيەلىكلەر ھەم يەھۇدالىقلارنى كۆرسىتىدۇ.