22
يېرۇسالېم توغرۇلۇق بىر بېشارەت
ئالامەت كۆرۈنۈش بېرىلگەن جىلغا توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ
سىلەر ھەممىڭلار ئۆگزىلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغىنىڭلار زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟
سىلەر خۇشاللىق دەبدەبىسىنى كۆتۈرىدىغان،
ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان يۇرت،
شادلىنىدىغان شەھەر؛
سىلەردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر قىلىچ بىلەن چېپىلغان ئەمەس،
ياكى جەڭلەردە ئۆلگەن ئەمەس؛
ئەمىرلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا قېچىشتى؛
ئۇلار ئوقياسىز ئەسىر بولدى؛
يىراققا قاچقان بولسىمۇ،
سىلەردىن تېپىۋېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە ئەسىر بولدى.
شۇڭا مەن: ــ
«نەزىرىڭلارنى مېنىڭدىن ئېلىڭلار؛
مېنى قاتتىق يىغلاشقا قويۇڭلار؛
خەلقىمنىڭ بۇلىنىپ كېتىشى توغرۇلۇق ماڭا تەسەللى بېرىشكە ئالدىراپ ئۆزۈڭلارنى ئۇپراتماڭلار» ــ دېدىم.  
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگاردىن «ئالامەت كۆرۈنۈش بېرىلگەن جىلغا»نىڭ بېشىغا بىر كۈن چۈشىدۇ،
ئۇ بولسا ئاۋارىچىلىك بولىدىغان،
ئاياغ ئاستى قىلىنىپ پېتىقدىلىدىغان،
ئادەملەر قايمۇقتۇرۇلىدىغان،
سېپىل سوقۇلۇپ چېقىلىدىغان،
تاغلارغا قاراپ يالۋۇرۇپ چىرقىرايدىغان بىر كۈنى بولىدۇ.
ئېلام جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئادەملىرى بىلەن، ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن ئوقداننى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ،
كىر بولسا قالقاننى ئېچىپ تەييار قىلىدۇ.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى،
ئەڭ گۈزەل جىلغىلىرىڭ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن تولۇپ كېتىدۇ،
ئاتلىق ئەسكەرلەر دەرۋازاڭ ئالدىدا سەپ تارتىپ تۇرىدۇ.
ئۇلار يەھۇدانىڭ ئۈستىدىكى قالقاننى ئېلىپ تاشلايدۇ؛
بىراق سەن زىئون شۇ كۈنىدە «ئورمان سارايى»دىكى قوراللارغا ئۈمىد باغلىغانسەن؛
سىلەر داۋۇتنىڭ شەھىرىنىڭ بۆسۈلگەن جايلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،
پەستىكى كۆلچەك سۇلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ سۇ ئامبىرى قىلدىڭلار؛
10 يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەرنى ساناپ، ئۇلاردىن بەزىلىرىنى بۇزۇپ سېپىلنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتتىڭلار،
11 شۇنداقلا كونا كۆلچەكتىكى سۇلارنى ئىككى سېپىل ئوتتۇرىسىغا يىغىپ ئامبار قىلدىڭلار؛
بىراق مۇشۇلارنى ياراتقۇچىغا ھېچ قارىمىدىڭلار،
بۇرۇندىن بۇرۇن بۇلارنى شەكىللەندۈرۈپ بېكىتكۈچىگە ھېچ ئۈمىد باغلىمىدىڭلار!
12 شۇ كۈنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار سىلەرنى يىغلاپ ماتەم تۇتۇشقا،
چاچنى چۈشۈرۈپ پاينەكباش بولۇشقا،
بۆز كىيىم كىيىشكە مۇراجىئەت قىلدى.
13 بىراق بۇلارنىڭ ئورنىدا، مانا خۇشاللىق ۋە شادلىق،
كالىلارنى سويۇش، قويلارنى بوغۇزلاش،
گۆشلەرنى يېيىش، شارابلارنى ئىچىش،
«يەيلى، ئىچەيلى، چۈنكى ئەتە دۇنيادىن كېتىمىز» ــ دېيىشلەر بولدى!
14 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قۇلىقىمغا ئايان قىلىندىكى،
«بەرھەق، مۇشۇ گۇناھ سىلەر ئۆلمىگۈچە كەچۈرۈلمەيدۇ» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار.
 
ئوردىدىكى غوجىدار شەبناغا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇش
15 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار مانا شۇنداق دەيدۇ: ــ
«بارغىن، مۇشۇ غوجىدار،
ئوردىنى باشقۇرىدىغان مۇشۇ شەبنانىڭ يېنىغا كىرگىن، ئۇنىڭغا: ــ
16 ساڭا مۇشۇ يەردە نېمە بار؟
ياكى مۇشۇ يەردە كىمىڭ بار؟
بىرسى ئېگىزلىككە ئۆزى ئۈچۈن بىر گۆر قازغاندەك،
ئۆزى قورام تاشتىن بىر قونالغۇنى يونۇغاندەك،
ئۆزۈڭ ئۈچۈن بىر گۆر كولىدىڭمۇ؟
17 مانا ھەي پالۋان، پەرۋەردىگار سېنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىپ، چىڭ سىقىمداپ،
18 ئاندىن پومداقتەك سېنى بىپايان، يىراق بىر زېمىنغا تاشلىۋېتىدۇ.
سەن ئاشۇ يەردە ئۆلىسەن،
ھەم ئاشۇ يەردە ھەيۋەتلىك جەڭ ھارۋىلىرىڭمۇ قالىدۇ،
ئى غوجاڭنىڭ جەمەتىگە شەرمەندىلىك كەلتۈرگۈچى!
19 مەن سېنى مەنسىپىڭدىن ئېلىۋېتىمەن،
شۇنىڭ بىلەن سېنى ئورنۇڭدىن چۈشۈرىۋېتىمەن.
 
بېشارەتنىڭ داۋامى ــ ئېلىئاكىم، ئىشەنچلىك ئادەم
20 شۇ كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇكى،
مەن ھىلقىيانىڭ ئوغلى ئۆز قۇلۇم بولغان ئېلىئاكىمنى چاقىرىمەن؛
21 سېنىڭ تونۇڭنى كىيدۈرىمەن،
سېنىڭ پوتاڭ بىلەن ئۇنىڭ بېلىنى چىڭ قىلىمەن؛
ھۆكۈمرانلىقىڭنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛
شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرۇسالېمدىكىلەرگە ۋە يەھۇدا جەمەتىگە ئاتا بولىدۇ.
22 داۋۇت جەمەتىنىڭ ئاچقۇچىنى مەن ئۇنىڭ مۈرىسىدە قويىمەن؛
ئۇ ئاچسا، ھېچكىم ئېتەلمەيدۇ،
ئەتسە، ھېچكىم ئاچالمايدۇ.
23 مەن ئۇنى مۇقىم بىر جايغا قوزۇق قىلىپ بېكىتىمەن؛
ئۇ بولسا ئاتىسىنىڭ جەمەتى ئۈچۈن شەرەپلىك ھوقۇق-تەخت بولىدۇ؛
24 خەلق ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتىسىنىڭ جەمەتىنىڭ بارلىق شۆھرەتلىرىنى يۈكلەيدۇ؛
يەنى بارلىق ئۇرۇق-نەسىللىرىنى،
بارلىق كىچىك قاچا-قۇچىلارنى،
پىيالە-جاملاردىن تارتىپ بارلىق كۈپ-ئىدىشلارغىچە ئاسىدۇ.
25 شۇ كۈنىدە ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ مۇقىم جايغا بېكىتىلگەن قوزۇق بولسا، ئېگىلىپ كېتىدۇ ۋە كېسىپ تاشلىنىدۇ؛
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېسىلغان يۈكلەر ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ»،
ــ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق دېگەنىدى.
 
 
22:1 «ئالامەت كۆرۈنۈش بېرىلگەن جىلغا» ــ ئىنتايىن سىرلىق بىر ئىبارە. شۈبھىسىزكى، ئۇ يېرۇسالېمغا قارىتىلىدۇ (10-ئايەتنى ۋە تۆۋەندىكىلەرنىمۇ كۆرۈڭ). يېرۇسالېم زىئون تېغىنىڭ ئۈستىدە بولسىمۇ، تاغلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، جىلغىغا جايلاشقان دەپ ھېسابلىغىلى بولىدۇ. بىراق بۇ ئىبارە نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ يەشايا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەر ئەلۋەتتە يېرۇسالېمدا نۇرغۇن «غايىبانە ئالامەتلەر» ياكى «ئالامەت كۆرۈنۈشلەر»نى كۆرگەن. شۇڭا مەزكۇر ئىبارە نۇرغۇن «غايىبانە ئالامەتلەر» ۋە بېشارەتلەرنىڭ تېمىسى بولغان، خۇدا سۆيگەن يېرۇسالېم»نى كۆرسىتىدۇ؛ يەنە كېلىپ، «جىلغا» تۆۋەن بولۇپ، «خار بولۇش» ياكى «كىچىك پېئىللىك»نى بىلدۈرىدۇ؛ خۇدا بېشارەتلەر ۋەھىي قىلسا، ئۇلارنى پەقەت كىچىك پېئىللارغىلا يەتكۈزىدۇ. بىراق 2-14-ئايەتلەر بويىچە، يېرۇسالېمدىكىلەر خۇدانىڭ ئاگاھلىرىغا كىچىك پېئىل بولماي، ئەكسىچە ئېرەن قىلماي تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن. 22:4 «خەلقىمنىڭ بۇلىنىپ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ بۇلىنىپ...». «خەلقىمنىڭ بۇلىنىپ كېتىشى توغرۇلۇق ماڭا تەسەللى بېرىشكە ئالدىراپ ئۆزۈڭلارنى ئۇپراتماڭلار» ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىنىڭكىدۇر؛ بىراق، شۈبھىسىزكى، خۇدا ئۇلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. 22:4 يەر. 8‏:23 22:6 «ئېلام» ــ بابىلنىڭ قوشنىسى، بېشارەتتىكى ۋاقىتلاردا ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان («كىر»نىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز). بۇ بېشارەت بەلكىم يەشاياغا كەلگۈسىدە بابىل ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن يېرۇسالېمغا قاتتىق ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. 22:8 «ئورمان سارايى» ــ «ئورمان سارايى»نى سۇلايمان پادىشاھ قۇرغان، شۇ يەردە كۆپ ساۋۇت-قوراللار ساقلانغانىدى («1پاد.» 7-بابنى ۋە 14:10-17-ئايەتنى كۆرۈڭ). 22:11 «...سۇلارنى ئىككى سېپىل ئوتتۇرىسىغا يىغىپ ئامبار قىلدىڭلار؛ بىراق ... بۇرۇندىن بۇرۇن بۇلارنى شەكىللەندۈرۈپ بېكىتكۈچىگە ھېچ ئۈمىد باغلىمىدىڭلار» ــ 8-12-ئايەتلەرگە قارىغاندا، يېرۇسالېمدىكىلەر دۈشمەن قوشۇنىنىڭ مۇھاسىرىسىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى (مەسىلەن، ساۋۇتلارنى، قالقانلارنى تەييارلاش، سېپىلنى مۇستەھكەملەش، يېڭى سۇ ئامبىرىنى قۇرۇش قاتارلىقلار)نى قوللانغانلىقىنى تەبرىكلەشمەكتە ئىدى، بەلكىم بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس بىر كۈننى ئايرىغان بولۇشى مۇمكىن (12-ئايەتنى كۆرۈڭ ــ «شۇ كۈنى...»). يەشايا پەيغەمبەر ئۇلارنى «تەدبىرلەر»گە تايانماي، «مۇشۇلارنى ياراتقۇچى» خۇداغىلا تايىنىش كېرەك دەپ دەۋەت قىلسىمۇ، ئۇلار قەتئىي ئاڭلىمايدۇ. 22:12 «يىغلاپ ماتەم تۇتۇش...، چاچنى چۈشۈرۈپ پاينەكباش بولۇش...، بۆز كىيىم كىيىش...» ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى توۋا قىلىشنىڭ ئىپادىلىرى ئىدى. 22:13 يەش. 56‏:12؛ 1كور. 15‏:32 22:14 «مۇشۇ گۇناھ سىلەر ئۆلمىگۈچە كەچۈرۈلمەيدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سىلەر ئۆلمىگۈچە مۇشۇ گۇناھ ئۈچۈن كافارەت قىلىنمايدۇ». 22:15 «بارغىن، مۇشۇ غوجىدار، ئوردىنى باشقۇرىدىغان مۇشۇ شەبنانىڭ يېنىغا كىرگىن..» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «غوجىدار» (ياكى «خەزىنىچى») «ئايالچە رود» بىلەن كەلگەن بولۇپ، بەلكىم شەبنانىڭ خېلى بىر خۇشامەتچى، كۆتۈرمىچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. 22:18 «غوجاڭ» ــ ئىسرائىل پادىشاھى ھەزەكىيانى كۆرسىتىدۇ. «2پاد.» 18-بابنى كۆرۈڭ. 22:20 2پاد. 18‏:18،26،37 22:22 ۋەھ. 3‏:7 22:25 «مۇقىم جايغا بېكىتىلگەن قوزۇق بولسا،...» ــ بەزى شەرھچىلەر مۇشۇ سۆزلەر ئېلىئاكىمنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ ــ دېمەك، «ئۇ ئىشەنچلىك ئادەم بولغىنى بىلەن، بەرىبىر يىقىلىپ كېتىدۇ؛ پەقەت خۇداغىلا تايانغىلى بولىدۇ». بىراق مۇشۇ ئىش ئوخشاشلا «شۇ كۈنىدە» بولىدۇ، دېيىلىدۇ. پىكرىمىزچە يەشايا يەنە شەبنانىمۇ كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ ئەسلىدە «مۇقىم جايغا بېكىتىلگەن» بىر قوزۇق، يەنى ئوردىدىكى ئىشلارنى باشقۇرغۇچى ئىدى. ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ھوقۇقىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئېلىئاكىم، يەنى خۇدا ئېيتقان «مېنىڭ قۇلۇم»، ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدۇ.