39
بابىل پادىشاھىدىن كەلگەن ئەلچىلەر •••• چوڭ بىر خاتالىق
شۇ پەيتتە بالاداننىڭ ئوغلى بابىل پادىشاھى مېروداق-بالادان ھەزەكىيانىڭ كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ھەم ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغاچقا، ھەزەكىياغا خەتلەرنى ھەدىيە بىلەن ئەۋەتتى.

ھەزەكىيا ئەلچىلەرنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈپ، ئۇنىڭ خەزىنە-ئامبارلىرىدا ساقلانغان نەرسىلىرىنى كۆرسەتتى؛ يەنى كۈمۈشنى، ئالتۇننى، دورا-دەرمانلارنى، سەرخىل مايلارنى، ساۋۇت-قوراللارنى ساقلايدىغان ئۆينىڭ ھەممىسىنى ۋە بايلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى؛ ئۇنىڭ ئوردىسى ۋە ياكى پۈتكۈل پادىشاھلىقى ئىچىدىكى نەرسىلەردىن ھەزەكىيا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى. ئاندىن يەشايا پەيغەمبەر ھەزەكىيانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: ــ
«مۇشۇ كىشىلەر نېمە دېدى؟ ئۇلار سېنى يوقلاشقا نەدىن كەلگەن؟» ــ دەپ سورىدى.
ھەزەكىيا: ــ «ئۇلار يىراق بىر يۇرتتىن، يەنى بابىلدىن كەلگەن»، دېدى.
يەشايا يەنە: ــ «ئۇلار ئورداڭدا نېمىنى كۆردى؟» دەپ سورىدى.
ھەزەكىيا: ــ «ئوردامدا بار نەرسىلەرنى ئۇلار كۆردى؛ بايلىقلىرىمنىڭ ئارىسىدىن ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرىمۇ قالمىدى» ــ دېدى.
يەشايا ھەزەكىياغا مۇنداق دېدى: ــ
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويغىن: ــ
ــ مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ئورداڭدا بار نەرسىلەر ۋە بۈگۈنگە قەدەر ئاتا-بوۋىلىرىڭ توپلاپ، ساقلاپ قويغان ھەممە نەرسە بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ھېچنەرسە قالمايدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ھەمدە بابىللىقلار ئوغۇللىرىڭنى، يەنى ئۆزۈڭدىن بولغان ئەۋلادلىرىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ئاغۋات بولىدۇ.



شۇنىڭ بىلەن ھەزەكىيا ئۆز-ئۆزىگە: «ئۆز كۈنلىرىمدە بولسا ئامان-تىنچلىق، خۇدانىڭ ھەقىقەت-ۋاپالىقى بولىدىكەنغۇ» دەپ، يەشاياغا: ــ «سىز ئېيتقان پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇ سۆزى ياخشى ئىكەن» ــ دېدى.
 
 
39:1 «شۇ پەيتتە بالاداننىڭ ئوغلى بابىل پادىشاھى مېروداق-بالادان ھەزەكىيانىڭ كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ... ئاڭلىغاچقا، ھەزەكىياغا خەتلەرنى ھەدىيە بىلەن ئەۋەتتى» ــ مېروداق-بالادان ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب تەرىپىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 702-يىلى غۇلىتىلدى. مۇشۇ ئىشمۇ شۇ يىلدا بولغان بولۇشى كېرەك. دېمەك، 38-، 39-بابتا تەسۋىرلەنگەن ئىشلار 36- ۋە 37-بابتا تەسۋىرلەنگەن ئىشلاردىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن. ئەمدى نېمىشقا ئۇلاردىن كېيىن خاتىرىلەنگەن؟ بىلىمىزكى، «يەشايا» (دېگەن كىتاب)نىڭ 40-66-بابلىرىدىكى خەۋەر-بېشارەتلەر، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، كېيىنكى «بابىل ئىمپېرىيەسىگە ئەسىر بولۇپ چۈشكەنلەر»گە، يەنى سۈرگۈن بولغان ئىسرائىللارغا، يەنى ئۇلارنىڭ «قالدىسى» بولغان ئەۋلادلىرىغا قارىتىلىدۇ. ئۇنداقتا 39-باب مۇشۇ ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. 39:7 «...ھەمدە بابىللىقلار ئوغۇللىرىڭنى، يەنى ئۆزۈڭدىن بولغان ئەۋلادلىرىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ئاغۋات بولىدۇ» ــ كۆرۈنۈشتە ئاددىي كۆرۈنگەن مۇشۇ ۋەقە ئۈچۈن نېمىشقا مۇشۇ قاتتىق جازالىق سۆز (6-7-ئايەتلەر) چىقىدۇ؟ پىكرىمىزچە، ئۈچ سەۋەبى بار: ــ (1) ھەزەكىيا خۇداغا: «قەدەملىرىمنى ساناپ ماڭىمەن» دېگەن ۋەدىنى بەرگەنىدى، لېكىن بۇ قېتىم خۇدادىن ھېچ سورىماي شۇنداق قىلغان؛ (2) ئەلچىلەرنىڭ كەلگەنلىكىدىن ئۇ بەلكىم: «ھازىر مەن «جاھانغا داڭقى چىققان ئادەممەن»، «كىچىك دۆلىتىمىزنىڭ جاھاندا ئورنى بار» دەپ تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. (3) مۇشۇلاردىن سىرت، بىلىشىمىزچە مېروداق-بالادان ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىگە قارشى بىر ئىتتىپاقنى بەرپا قىلماقچى. ئۇ «تەكەللۇپ كۆرسىتىدىغان» مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھەزەكىيانى ئىتتىپاققا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان. ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزغانلىقىنى، قۇياشنىڭ نۇرىنىڭ «كەينىگە يانغانلىقى»دەك ئىنتايىن كارامەت مۆجىزىنى كۆرگەن، خۇدانىڭ «مەن سىلەرنى ئاسۇرىيەدىن قۇتقۇزىمەن» دېگەن ۋەدىسىنى ئاڭلىغان ھەزەكىيا قانداقمۇ خۇداسىز بىر ئەل-يۇرت بىلەن ئىتتىپاقلاشماقچى بولغاندۇ؟ «ئاغۋات» ــ پىچىۋېتىلگەن ئادەم، 56-باب، 4-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. 39:8 «...«سىز ئېيتقان پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇ سۆزى ياخشى ئىكەن»» ــ مۇشۇ ئايەتتە، ھەزەكىيانىڭ ئۆز-ئۆزىگە دېگەنلىرى باشقىلارغا، ھەتتا ئۆز جەمەتىگە بولغان بىرخىل بىغەم، كۆيۈمسىز پوزىتسىيەنى بىلدۈرىدۇ. يەشايا دېگەن بېشارەت ئەمەلىيەتتە يۈز يىلدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان؛ ۋاقىتنىڭ سوزۇلۇشى بولسا بەلكىم يەھۇدانىڭ كېيىنكى بىر پادىشاھى (يوسىيا)نىڭ قاتتىق توۋا قىلىشى تۈپەيلىدىن بولدى.