4
داۋامى
شۇ كۈنى يەتتە ئايال بىر ئەرنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن: ــ «بىز ئۆز نېنىمىزنى يەيمىز، ئۆز كىيىم-كېچەكلىرىمىزنى كىيىمىز؛ پەقەت بىزنى رەسۋالىقتىن خالاس قىلىش ئۈچۈن، بىزنى نامىڭىزغا تەۋە قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز!» ــ دەيدۇ.
 
شۇ كۈنى «پەرۋەردىگارنىڭ شېخى» ئۇنىڭ گۈزەللىكى ھەم شەرىپىنى كۆرسەتكۈچى بولىدۇ،
زېمىن بەرگەن مېۋە بولسا،
قېچىپ قۇتۇلغان ئىسرائىلدىكىلەرگە شۆھرەت ۋە گۈزەللىك كەلتۈرىدۇ.
ھەم شۇنداق ئىش بولىدۇكى،
زىئوندا قالغانلار، يېرۇسالېمدا توختىتىلغانلار،
يەنى يېرۇسالېمدا ھايات دەپ تىزىملانغانلارنىڭ ھەممىسى پاك-مۇقەددەس دەپ ئاتىلىدۇ.
شۇ چاغدا رەب ئادالەت يۈرگۈزگۈچى روھ ھەم كۆيدۈرگۈچى روھ بىلەن،
زىئون قىزلىرىنىڭ پاسىقلىقىنى يۇيۇپ،
يېرۇسالېمنىڭ قان داغلىرىنى تازىلايدۇ.
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار كۈندۈزدە زىئون تېغىدىكى ھەربىر ئۆي،
شۇنداقلا بارلىق ئىبادەت سورۇنلارنىڭ ئۈستىگە ئىس-تۈتەك ۋە بۇلۇت،
كەچتە بولسا ئوت يالقۇنىنىڭ جۇلاسىنى يارىتىدۇ؛
چۈنكى شان-شەرەپنىڭ ئۈستىدە سايىۋەن بار بولىدۇ.
شۇ كۈنى، كۈندۈزدە تومۇز ئىسسىققا سايە قىلىدىغان،
خەتەردىن پاناھلىنىدىغان، بوران-يامغۇرلارغا دالدا بولىدىغان بىر سايىۋەنلىك كەپە بولىدۇ».
 
 
4:1 «بىزنى نامىڭىزغا تەۋە قىلىشىڭىز» ــ شۇ دەۋردە، توي قىلغاندىن كېيىن، ئايال ئېرىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدىغان ئادەت بار ئىدى. 4:2 «پەرۋەردىگارنىڭ شېخى» ــ چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىدىن چىققان بىر زاتنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدى ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكى تۆۋەندە ئېنىقلىنىدۇ. «پەرۋەردىگارنىڭ شېخى» ئۇنىڭ گۈزەللىكى ھەم شەرىپىنى كۆرسەتكۈچى بولىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا ««پەرۋەردىگارنىڭ شېخى» گۈزەللىك ۋە شان-شەرەپ ئۈچۈن بولىدۇ». 4:3 «...يېرۇسالېمدا ھايات دەپ تىزىملانغانلارنىڭ ھەممىسى پاك-مۇقەددەس دەپ ئاتىلىدۇ» ــ ئاخىرقى زاماندا يەھۇدىيلارنىڭ «قالدى»سى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. 4:5 «شان-شەرەپنىڭ ئۈستىدە سايىۋەن بار بولىدۇ» ــ دېمەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى يېرۇسالېمدا تۇرىدۇ.