53
داۋامى
بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟
ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟

  
ئۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇددى يۇمران مايسىدەك،
ياكى خۇددى قاغجىراق تۇپراقتا تارتقان بىر يىلتىزدەك ئۆسىدۇ؛
ئۇنىڭدا جەزبىدارلىق ياكى ھەيۋە يوق بولىدۇ،
بىز ئۇنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ بىزنى جەلب قىلغۇدەك تەقى-تۇرقىمۇ يوق بولىدۇ.  
ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ؛
ئۇ كۆپ دەرد-ئەلەملىك ئادەم بولۇپ،
ئۇنىڭغا ئازاب-ئوقۇبەت يار بولىدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن يۈزلەر قاچۇرۇلىدۇ؛
ئۇ كەمسىتىلىدۇ، بىز ئۇنى ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەس دەپ ھېسابلىدۇق.  
بىراق ئەمەلىيەتتە بولسا،
ئۇ بىزنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىمىزنى كۆتۈردى،
ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
بىز بولساق، بۇ ئىشلارنى ئۇ ۋاباغا ئۇچرىغانلىقىدىن،
خۇدا تەرىپىدىن جازالىنىپ ئۇرۇلغانلىقىدىن،
شۇنداقلا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىدىن دەپ قارىدۇق!  
لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئاسىيلىقلىرىمىز تۈپەيلىدىن يارىلاندى،
بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن زەخىملەندى؛
ئۇنىڭ جازالىنىش بەدىلىگە، بىز ئارام-خاتىرجەملىك تاپتۇق،
ھەم قامچىدىن بولغان يارىلىرى ئارقىلىق بىز شىپامۇ تاپتۇق.   
ھەممىمىز خۇددى قويلاردەك يولدىن ئېزىپ،
ھەربىرىمىز ئۆزىمىز خالىغان يولغا ماڭغانىدۇق؛
بىراق پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ قەبىھلىكىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يىغىپ يۈكلىدى.
ئۇ قىينىلىپ، ئازاب چەككەن بولسىمۇ ئېغىز ئاچمىدى؛
ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان پاقلاندەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى،
شۇنداقلا يۇڭ قىرقىغۇچىلار ئالدىدا قوي ئۈن-تىنسىز ياتقاندەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى.   
ئۇ قاماپ قويۇلۇپ، ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولۇپ ئېلىپ كېتىلدى،
ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟!
چۈنكى ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن ئېلىپ كېتىلدى،
مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئاسىيلىقى ئۈچۈن ئۇ ۋابا بىلەن ئۇرۇلدى.  
كىشىلەر ئۇنى رەزىللەر بىلەن ئورتاق بىر گۆرگە بېكىتكەن بولسىمۇ،
لېكىن ئۇ ئۆلۈمىدە بىر باي بىلەن بىللە بولدى،
چۈنكى ئۇ ھېچقاچان زوراۋانلىق قىلىپ باقمىغان،
ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىرەر ئېغىزمۇ ھىيلە-مىكىرلىك سۆز تېپىلماس.  
10 بىراق ئۇنى ئېزىشنى لايىق كۆرگەن پەرۋەردىگاردۇر؛
ئۇ ئۇنى ئازابقا چۆمۈلدۈرگۈزدى.
گەرچە ئۇ ئۆز جېنىنى گۇناھنى يۇيىدىغان قۇربانلىق قىلغان بولسىمۇ،
لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىنى چوقۇم كۆرۈپ تۇرىدۇ،
شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆرىدىغان كۈنلىرى ئۇزارتىلىدۇ؛
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلى سۆيۈنىدىغان ئىشلار ئۇنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، راۋاج تېپىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.


  
11 ئۇ ئۆزى تارتقان جاپانىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولىدۇ؛
ھەققانىي بولغۇچى مېنىڭ قۇلۇم ئۆزىنىڭ بىلىملىرى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرگە ھەققانىيلىقنى يەتكۈزىدۇ.
چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ.  
12 بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن مەن شۇ «نۇرغۇن كىشىلەر»نى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىپ نېسىۋىسى قىلىمەن،
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى كۈچلۈكلەرنى غەنىمەت سۈپىتىدە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدىغان بولىدۇ؛
چۈنكى ئۇ تا ئۆلۈشكە قەدەر «شاراب ھەدىيە»نى تۆككەندەك، ئۆز جېنىنى تۇتۇپ بەردى،
شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا سانىلىشىغا يول قويدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى،
ئۆزىنى ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى».


  
 
 
53:1 «بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟ ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟» ــ مۇشۇ ئايەتتىن كۆرەلەيمىزكى: ــ (1) «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بىر شەخس بولىدۇ (2-، 3-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). تۆۋەندىكى 2-12-ئايەتلەرگىمۇ قارىغاندا، «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بىلەن «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» بىر گەپ. (2) پەرۋەردىگارنىڭ «ئايان قىلىشى» ياكى ۋەھىيسى بولمىسا، ھېچكىم ئۇنى تونىيالمايدۇ. 53:1 مىس. 6‏:6؛ 15‏:6؛ زەب. 98‏:1؛ يەش. 51‏:5، 9، 10؛ يـۇھ. 12‏:38؛ رىم. 10‏:16 53:2 «ئۇ ... خۇددى قاغجىراق تۇپراقتا تارتقان بىر يىلتىزدەك ئۆسىدۇ؛ ئۇنىڭدا جەزبىدارلىق ياكى ھەيۋە يوق بولىدۇ، بىز ئۇنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ بىزنى جەلب قىلغۇدەك تەقى-تۇرقىمۇ يوق بولىدۇ» ــ «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى»نىڭ تۇغۇلۇشى ھەم ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى گەرچە مۆجىزە بولسىمۇ، ھېچكىم ئۇنىڭ «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» ئىكەنلىكىنى بىلمەي، ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە مايسا ۋە يىلتىزلار قانداقمۇ قاغجىراق يەردىن ئۈنۈپ چىقسۇن؟! 53:2 ئايۇپ 8‏:11 53:3 «ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ،...» ــ كىشىلەر: ــ «كېلىپ چىقىشى، تۇرمۇشى ۋە تۇرقى جەھەتتىن مۇشۇنداق ئاددىي ئادەم قانداقمۇ «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولىدۇ؟» دەپ ئويلىشى مۇمكىن. 53:3 زەب. 22‏:6-8؛ يەش. 49‏:7؛ 52‏:14؛ مار. 9‏:12 53:4 «بىراق ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇ بىزنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىمىزنى كۆتۈردى، ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بىز بولساق، بۇ ئىشلارنى ئۇ ...خۇدا تەرىپىدىن جازالىنىپ ئۇرۇلغانلىقىدىن، شۇنداقلا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىدىن دەپ قارىدۇق!» ــ بۇ بېشارەتتە پېئىللار كۆپىنچە «ئۆتكەن زامان شەكلىدە» يېزىلغانلىقى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن بىر ئاز غەلىتە تۈيۇلۇشى مۇمكىن. بۇ بېشارەتلەر بولسا، كەلگۈسى، يەنى تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلارنى ئالدىن ئېيتقان بولسا، نېمىشقا «ئۆتكەن زامان شەكلىدە» ئىپادىلىنىدۇ؟ ئىشىنىمىزكى، ھەممىگە قادىر خۇدايىمىز ئالدىدا، كەلگۈسىدىكى، يەنى تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلار خۇددى بۇرۇنقى ياكى بۈگۈنكى ئىشلارغا ئوخشاشلا روشەن ھەم ئېنىق تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ بېشارەتلەردە، يەشايا پەيغەمبەر مۇقەددەس روھنىڭ قابىلىيىتى بىلەن كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر زاماندا بولۇپ ئۆتكىنىدەكلا، بېشارەت بېرىلگەن ئىشلارنى، ئاللىبۇرۇن يۈز بېرىپ بولغان ئىشلارنى كۆرگەندەك ئېنىق كۆرىدۇ. پېئىلنىڭ «ئۆتكەن زامان شەكلى»نى ئىشلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، خۇدانىڭ نەزىرىدىكى «ئۆزىنىڭ قۇلى»نىڭ ئۆلۈمى، ئەلمىساقتىن بۇيانقى ئەڭ ئەھمىيەتلىك، ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئۇلۇغ ئىش، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك بىر پاكىت. 53:4 مات. 8‏:17 53:5 «ۇنىڭ جازالىنىش بەدىلىگە، بىز ئارام-خاتىرجەملىك تاپتۇق» ــ ئىبرانىي تىلدا «بىزگە ئارام-خاتىرجەملىك يەتكۈزگۈچى جازا ئۇنىڭ بېشىغا چۈشتى». 53:5 رىم. 4‏:25؛ 1كور. 15‏:3؛ 1پېت. 2‏:24 53:6 1پېت. 2‏:25 53:7 «ئۇ قىينىلىپ، ئازاب چەككەن بولسىمۇ ئېغىز ئاچمىدى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ قىينالدى، بىراق ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ ئاغزىنى ئاچمىدى». «ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان پاقلاندەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى، شۇنداقلا يۇڭ قىرقىغۇچىلار ئالدىدا قوي ئۈن-تىنسىز ياتقاندەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى» ــ مۇشۇ پاقلانلار ۋە قويلار نېمە ئىشنىڭ ئۆز ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئەلۋەتتە؛ بىراق قۇل بىلىدۇ ھەم پۈتۈن ۋۇجۇدى ھەم ئىختىيارى بىلەن ئۆزىنى پەرۋەردىگارنىڭ خالىغىنى شۇ دەپ ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى پىدا قىلىدۇ. 53:7 مات. 26‏:63؛ 27‏:12،14؛ مار. 14‏:61؛ 15‏:5؛ روس. 8‏:32 53:8 «ئۇ قاماپ قويۇلۇپ، ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولۇپ ئېلىپ كېتىلدى» ــ باشقا بىر-ئىككى خىل تەرجىمىسى بار: ــ «ئۇ قاماپ قويۇلۇپ، سوراققا تارتىلىش بىلەن ئېلىپ كېتىلدى» ياكى «ئۇ رەھىمسىزلىك بىلەن، ھېچ سوراققا تارتىلمايلا ئېلىپ كېتىلدى»، ياكى «ئۇ خار قىلىنغاندا، ئۇ (ئادىل) سوت قىلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولدى». «ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۆزىنىڭ دەۋرىدىكىلەر بولسا، (ئۇلار ئارىسىدا) كىم (بۇ ئىشلارغا) ئەتىۋارلىدى». 53:8 زەب. 22‏:30؛ يەش. 53‏:10 53:9 «ئۇ ئۆلۈمىدە ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا مۇشۇ يەردىكى «ئۆلۈمى» دېگەن سۆز، «كۆپلۈك شەكلىدە»، «ئۆلۈملىرى» دەپ ئېلىنغان؛ بۇ سۆز «قۇل»نىڭ ئۆلۈمىنىڭ دەھشەتلىك بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك بولغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك. «ئۇ ئۆلۈمىدە بىر باي بىلەن بىللە بولدى» ــ مۇشۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى، ئىنجىل «مات.» 57:27-ئايەتتىن ياكى «يۇھ.» 38:19-ئايەتتىن ئېنىق تېپىلىدۇ. 53:9 1پېت. 2‏:22؛ مات. 27‏:57-60 53:10 «گەرچە ئۇ ئۆز جېنىنى گۇناھنى يۇيىدىغان قۇربانلىق قىلغان بولسىمۇ،...» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «گەرچە ئۇ (خۇدا) ئۇنىڭ جېنىنى گۇناھنى يۇيىدىغان قۇربانلىق قىلغان بولسىمۇ،...» مۇشۇ ئايەتتىكى «گۇناھنى يۇيىدىغان قۇربانلىق» (ئىبرانىي تىلىدا «ئاشام» دېيىلىدۇ)، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات 3-قىسىم، يەنى «قۇربانلىقنامە» سۈپىتىدە بولغان «لاۋىيلار» دېگەن كىتابتا، مۇشۇ خىل قۇربانلىق «ئادەم بىلەن خۇدا»نى ھەمدە «ئادەم بىلەن ئادەم»نى ئىناقلاشتۇرىدىغان، يەنى «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى» دەپ ئاتالغان («لاۋىيلار»، 55-بابنى كۆرۈڭ). «ئۇنىڭ كۆرىدىغان كۈنلىرى ئۇزارتىلىدۇ» ــ پەرۋەرەردىگارنىڭ قۇلى 8-ئايەتكە ئاساسەن پەرزەنتسىز «ئەۋلادى يوق» ھالدا ئۆلدى. بىراق مۇشۇ بايانلارغا ئاساسەن ئۇ ھازىر ھايات ھەمدە ئۇنىڭ بىر ئائىلىسى بولىدۇ. ئۇلار كىم؟ ئاۋۋالقى بابتىكى 15-ئايەتتە «قان چېچىلغان» نۇرغۇن «يات ئەللەر»، يەنى تۆۋەندىكى 11- ھەم 12-ئايەتتىكى ئۆزىگە ئىشەنگەن، «ھەققانىيلىق يەتكۈزۈلگەن» «نۇرغۇن كىشىلەر» بولماي كىم بولسۇن؟ ئۇ ئۆلگەن بولسا، مۇشۇ ئىش ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن بولۇشى كېرەك؛ دېمەك، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى ئۆلۈمدىن تىرىلىدۇ. «پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلى سۆيۈنىدىغان ئىشلار ئۇنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ... ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» ــ مۇشۇ بايانغا ئاساسەن، قۇل ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن خۇدا ئۇنىڭ قولىغا ئالەمدىكى بارلىق ئىشلارنى تاپشۇرىدۇ. 53:10 زەب. 22‏:30؛ يەش. 53‏:8؛ يەش. 8‏:18‏: زەب. 89‏:26-29؛ مات. 1‏:1؛ يـۇھ. 12‏:24؛ رىم. 5‏:18 ،19؛ 1پېت. 2‏:9 53:11 «ھەققانىي بولغۇچى مېنىڭ قۇلۇم ئۆزىنىڭ بىلىملىرى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرگە ھەققانىيلىقنى يەتكۈزىدۇ» ــ مۇشۇ يەردىكى «نۇرغۇن كىشىلەر» ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان مۆمىن بەندىلەر، يەنى ئۇنىڭ (10-ئايەتتىكى) «ئۇرۇق-ئەۋلادى» بولىدۇ. «نۇرغۇن كىشىلەر» دېيىلگىنى «ھەممە ئادەم» دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. 53:11 ئىبر.12‏:2؛ رىم.5‏:18، 19 53:12 «بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن مەن شۇ «نۇرغۇن كىشىلەر»نى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىپ نېسىۋىسى قىلىمەن» ــ «نۇرغۇن كىشىلەر» ئۆزىنىڭ ئائىلىسى (10-ئايەتتكى) «ئۇرۇق-ئەۋلادى»، خۇدا ئۇنىڭغا بەرگەن «روھىي پەرزەنتلىرى»، «ئۆزىنىڭ ئادەملىرى»دۇر. «شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى كۈچلۈكلەرنى غەنىمەت سۈپىتىدە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدىغان بولىدۇ» ــ مۇشۇ «كۈچلۈكلەر» بەلكىم 52-باب، 15-ئايەتتىكى «شاھ-پادىشاھلار» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. دېمەك، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى»، شاھىنشاھ بولىدۇ. «ئۇ تا ئۆلۈشكە قەدەر «شاراب ھەدىيە»نى تۆككەندەك، ئۆز جېنىنى تۇتۇپ بەردى» ــ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىلغا بېرىلگەن «قۇربانلىق تۈزۈمى»دە، پۈتۈنلەي خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرۈلىدىغان «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» ئۈستىگە «شاراب ھەدىيە» تۆكۈلىدۇ؛ بۇ «قۇربانلىقنىڭ تولۇقلىمىسى» دەپ قارىلىدۇ. «ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا سانالدى» ــ بەلكىم ئىككى مەنىسى تەڭ بولۇشى مۇمكىن؛ (1) ئۆزىنى ئاسىيلارغا ۋەكىل قىلىپ ئۇلار ئۈچۈن جازا تارتتى؛ (2) ئۆزى «جىنايەتچى» دەپ قارالدى (ئىبرانىي تىلىدا «ئاسىيلىق قىلغۇچىلار» ھەم «جىنايەتچىلەر» بىر سۆز). 53:12 مار. 15‏:28؛ لۇقا 22‏:37؛ 23‏:34؛ روس. 28‏:18؛ كول. 2‏:15؛ مات. 20‏:28