58
قۇرۇق دىنىي پائالىيەتلەر ئادەملەرنى دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ؛ •••• خۇداغا ياقىدىغان «روزىنى تۇتۇش»
ــ نىدا قىلىپ جاكارلىغىن،
ئاۋازىڭنى قويۇپ بېرىپ بولۇشىچە توۋلا،
ئاۋازىڭنى كانايدەك كۆتۈر،
مېنىڭ خەلقىمگە ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقىنى،
ياقۇپنىڭ جەمەتىگە گۇناھلىرىنى بايان قىلغىن.
بىراق ئۇلار مېنى ھەر كۈنى ئىزدەيدىغان،
ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزىدىغان،
مېنىڭ يوللىرىمنى بىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان،
خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-پەرمانلىرىنى تاشلىۋەتمەيدىغان بىر ئەلگە ئوخشايدۇ؛
ئۇلار مەندىن ھەققانىيلىقنى بېكىتىدىغان ھۆكۈم-پەرمانلارنى سورايدۇ؛
ئۇلار خۇداغا يېقىنلىشىشنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىدۇ.
ئاندىن ئۇلار: ــ «بىز روزا تۇتتۇق،
ئەمدى نېمىشقا سەن كۆزۈڭگە ئىلمىدىڭ؟
بىز جېنىمىزنى قىينىدۇق،
ئەمدى نېمىشقا بۇنىڭدىن خەۋىرىڭ يوق؟» ــ دەپ سورايدۇ.
ــ قاراڭلار، روزا كۈنى ئۆز كۆڭلۈڭلاردىكىنى قىلىۋېرىسىلەر،
خىزمەتچىلىرىڭلارنى قاتتىق ئىشلىتىسىلەر؛
سىلەرنىڭ روزا تۇتۇشلىرىڭلار جەڭگى-جېدەل چىقىرىش ئۈچۈنمۇ؟
قەبىھ قوللىرىڭلار مۇشت بىلەن ئادەم ئۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئوخشىمامدۇ؟
ھازىرقى روزا تۇتۇشلىرىڭلارنىڭ مەقسىتى ئاۋازىڭلارنى ئەرشلەردە ئاڭلىتىش ئەمەستۇر!
مەن تاللىغان شۇ روزا تۇتۇش كۈنى ــ
ئادەملەرنىڭ جېنىنى قىينايدىغان كۈنمۇ؟
بېشىنى قومۇشتەك ئېگىپ،
ئاستىغا بۆز ۋە كۈللەرنى يېيىش كېرەك بولغان كۈنمۇ؟
سىلەر مۇشۇنداق ئىشلارنى «روزا»،
«پەرۋەردىگار قوبۇل قىلغۇدەك بىر كۈن» دەۋاتامسىلەر؟
مانا، مەن تاللىغان روزا مۇشۇكى: ــ
رەزىللىك-زۇلۇمنىڭ ئاسارەتلىرىنى بوشىتىش،
بويۇنتۇرۇقنىڭ تاسمىلىرىنى يېشىش،
ئېزىلگەنلەرنى بوشىتىپ ھۆر قىلىش،
ھەرقانداق بويۇنتۇرۇقنى چېقىپ تاشلاش ئەمەسمىدى؟
ئاش-نېنىڭنى ئاچلارغا ئۈلەشتۈرۈشۈڭ،
ھاجەتمەن مۇساپىرلارنى ھىمايە قىلىپ ئۆيۈڭگە ئاپىرىشىڭ،
يالىڭاچلارنى كۆرگىنىڭدە، ئۇنى كىيدۈرۈشۈڭ،
ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ بىلەن بىر جان بىر تەن بولغانلاردىن قاچۇرماسلىقىڭدىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟
شۇنداق قىلغاندا نۇرۇڭ تاڭ سەھەردەك ۋاللىدە ئېچىلىدۇ،
سالامەتلىكىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىپ ياشنايسەن؛
ھەققانىيلىقىڭ ئالدىڭدا ماڭىدۇ،
ئارقاڭدىكى مۇھاپىزەتچىڭ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بولىدۇ.
سەن چاقىرساڭ، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىدۇ؛
نىدا قىلىسەن، ئۇ: «مانا مەن!» دەيدۇ.
ئەگەر ئاراڭلاردىن بويۇنتۇرۇقنى،
تەڭلەيدىغان بارماقنى،
ھەم تۆھمەت گەپلىرىنى يوق قىلساڭ،
10 جېنىڭنى ئاچلار ئۈچۈن پىدا قىلساڭ،
ئېزىلگەنلەرنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقساڭ،
شۇ چاغدا نۇرۇڭ قاراڭغۇلۇقتا كۆتۈرۈلىدۇ؛
زۇلمىتىڭ چۈشتەك بولىدۇ؛
11 ھەم پەرۋەردىگار سېنىڭ دائىملىق يېتەكلىگۈچىڭ بولىدۇ،
جېنىڭنى قۇرغاقچىلىق بولغان ۋاقتىدىمۇ قامدايدۇ،
ئۇستىخانلىرىڭنى كۈچەيتىدۇ؛
سەن سۇغىرىلىدىغان بىر باغ،
سۇلىرى ئۇرغۇپ تۈگىمەيدىغان، ئادەمنى ئالدىمايدىغان بىر بۇلاق بولىسەن؛
12 سەندىن تۆرەلگەنلەر كونا خارابىلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ؛
نۇرغۇن دەۋرلەر قالدۇرغان ئۇللارنى قايتىدىن كۆتۈرىسەن،
شۇنىڭ بىلەن «بۆسۈلگەن تاملارنى قايتىدىن ياسىغۇچى،
كوچا-يول ۋە تۇرالغۇلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى» دەپ ئاتىلىسەن.
13 ئەگەر سەن شابات كۈنىدە قەدەملىرىڭنى ساناپ ماڭساڭ،
يەنى مېنىڭ مۇقەددەس كۈنۈمدە ئۆزۈڭنىڭكى كۆڭلۈڭدىكىلەرنى قىلماي،
شاباتنى «خۇشاللىق»،
پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس كۈنىنى «ھۆرمەتلىك كۈن» دەپ بىلسەڭ،
ھەم ئۇنى ھۆرمەتلەپ،
ئۆز يوللىرىڭدا ماڭماي،
ئۆز بىلگىنىڭنى ئىزدىمەي،
قۇرۇق پاراڭ سالمىساڭ،
14 ئۇنداقتا پەرۋەردىگارنى كۆڭلۈڭنىڭ خۇشاللىقى دەپ بىلىسەن،
ھەم مەن سېنى يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارغا مىنگۈزۈپ ماڭدۇرىمەن؛
ئاتاڭ ياقۇپنىڭ مىراسى بىلەن سېنى ئوزۇقلاندۇرىمەن ــ
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق سۆز قىلدى.
 
 
58:4 «ئەرشلەردە» ــ ئىبرانىي تىلىدا «يۇقىرىدا». 58:5 زەك. 7‏:5 58:6 «ھەرقانداق بويۇنتۇرۇقنى چېقىپ تاشلاش ئەمەسمىدى؟» ــ «بويۇنتۇرۇق» بەلكىم ئىنسانلارغا ئۇلاغ ھايۋانلارنىڭ قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشنى بىلدۈرىدۇ. خۇدانىڭ يوليورۇقىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى بولسا، «بويۇنتۇرۇقنىڭ تاسمىلىرىنى يېشىش»؛ بىراق ھەققانىيلىقنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى بارلىق بويۇنتۇرۇقلارنى پاچاقلاپ تاشلاشتىن ئىبارەت بولۇش كېرەك. 58:7 ئ‍ەز. 18‏:7،16؛ مات. 25‏:35 58:9 «تەڭلەيدىغان بارماق» ــ ھىيلىگەرلىك ئىشارەتلەرنى ياكى ئەرز-شىكايەت قىلغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك. 58:11 «ئادەمنى ئالدىمايدىغان بىر بۇلاق» ــ چۆل-باياۋاندا يۈرگەن يولۇچىلار ئۈچۈن بۇلاقلار ئىنتايىن مۇھىم، ئەلۋەتتە. ھېلى بار، ھازىر يوق بولغان بۇلاقلار، «ئادەمنى ئالدايدىغان» بۇلاقلار دېيىلەتتى؛ بۇنداق بۇلاقلار يولۇچىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشى مۇمكىن. 58:13 «ھەم ئۇنى ھۆرمەتلەپ...» ــ مۇشۇ ئىبارىدە «ئۇنى» ياكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ياكى ئۇنىڭ «شابات كۈنى»نى كۆرسىتىدۇ. «ئۆز يوللىرىڭدا ماڭماي، ئۆز بىلگىنىڭنى ئىزدىمەي، قۇرۇق پاراڭ سالمىساڭ،...» ــ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىلغا بېرىلگەن «ئون پەرمان»نىڭ تۆتىنچىسى «شابات كۈنىنى مۇقەددەس كۈنى سۈپىتىدە ساقلاڭلار» دېگەن. شاباتنىڭ مۇھىم ئىشلىرى بولسا ئۆزىنىڭ ھېچقانداق خۇسۇسىي ئىش-خىزمەتلىرىنى قىلماي، خۇدانى سېغىنىشتۇر. 58:14 «يۇقىرى جايلارغا مىنگۈزۈپ ماڭدۇرىمەن» ــ بۇ ئاجايىب سىرلىق گەپ بولۇپ، مەنىسى (1) ئورنۇڭ ناھايىتى ئۈستۈن بولىدۇ؛ (2) ناھايىتى مۈشكۈل ھەم خەتەرلىك ئىشلار ساڭا ئاسان كېلىدۇ. ئەمدى خۇدا ئۆزىگە ئىتائەت قىلغانلارنى نېمىگە مىندۈرىدۇ؟ ــ مۇشۇ يەردە دېيىلمىدى. بەلكىم پەرىشتىلەرنىڭ كۈچ-قۇدرىتى كۆرسىتىلىشى مۇمكىن.