15
ئېلىفاز يەنە سۆزلەيدۇ ــ يامانلارنىڭ ئاقىۋىتى
تېمانلىق ئېلىفاز بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
دانىشمەن كىشىنىڭ قۇرۇق شامالدەك سەپسەتە بىلەن جاۋاب بېرىشى توغرىمۇ؟
دانىشمەن قورسىقىنى ئىسسىق مەشرىق شامىلى بىلەن تويغۇزسا بولامدۇ؟
پايدىسىز سۆزلەر بىلەن،
تايىنى يوق گەپلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشى مۇۋاپىقمۇ؟
بەرھەق، سەن ئىمان-ئىخلاسنى يوق قىلىۋەتمەكچىسەن،
خۇدانىڭ ئالدىدا دۇئا-ئىستىقامەتكە توسالغۇ بولىسەن.
چۈنكى قەبىھلىكىڭ ئاغزىڭغا سۆز سالىدۇ،
سەن مەككارلارنىڭ تىلىنى تاللاپ قوللىنىسەن.
مەن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئاغزىڭ ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىڭنى بېكىتىدۇ،
ئۆز لەۋلىرىڭ ساڭا قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
سەن ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ تۇغۇلغانمۇ؟
سەن تاغ-داۋانلاردىن ئاۋۋال ئاپىرىدە بولغانمۇ؟
تەڭرىنىڭ مەخپىي كېڭىشىنى ئاڭلاپ كەلگەنمۇسەن؟
دانالىق سەن بىلەنلا چەكلىنەمدۇ؟
سەن بىلگەنلەرنى بىزنىڭ بىلمەيدىغانلىرىمىز بارمۇ؟
سەن چۈشەنگەننى بىزنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىمىز بارمۇ؟
10  ئاقساقاللار ھەم قېرىلار بىزنىڭ تەرىپىمىزدە تۇرىدۇ،
ئۇلار سېنىڭ ئاتاڭدىنمۇ ياشتا چوڭدۇر.  
11  تەڭرىنىڭ تەسەللىلىرى،
يەنى ساڭا مۇلايىملىق بىلەن ئېيتقان مۇشۇ سۆز سەن ئۈچۈن ئازلىق قىلامدۇ؟
12  نېمىشقا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىسەن؟
كۆزۈڭنى نېمىگە پارقىرىتىسەن؟
13  شۇنداق قىلىپ سەن روھىڭنى تەڭرىگە قارشى تۇرغۇزدۇڭ،
ئېغىزىڭدىن شۇنداق سۆزلەرنىڭ چىقىشىغا يول قويۇۋاتىسەن!
14  ئىنسان نېمە ئىدى؟ ئۆز-ئۆزىنى پاكلىيالىغۇدەك؟
ئانىدىن تۇغۇلغان ئادەم بالىسى نېمە ئىدى؟ ھەققانىي بولالىغۇدەك؟
15  قارا، خۇدا ئۆز مۇقەددەسلىرىگىمۇ ئىشەنمىگەن يەردە،
ئاسمانلارمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە پاك بولمىغان يەردە،  
16  يىرگىنچلىك بولغان، سېسىپ كەتكەن،
قەبىھلىكنى سۇ ئىچكەندەك ئىچىدىغان ئىنسان بالىسى زادى قانداق بولار؟
17  مەن ساڭا كۆرسىتەي، ماڭا قۇلاق سال؛
كۆزۈم كۆرگەننى بايان قىلماقچىمەن.
18  دانىشمەنلەر ئاتا-بوۋىلىرىدىن بۇلارنى ئاڭلىغان،
يوشۇرماي بۇلارنى بايان قىلغان: ــ
19  (پەقەت شۇلارغىلا، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىغىلا يەر-زېمىن تاپشۇرۇلغانىدى،
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يات ئادەم ئۆتۈشكە پېتىنالمايتتى)
20  ــ رەزىل ئادەم بارلىق كۈنلىرىدە ئازابلىنىدۇ،
زالىم كىشىگە يىللار ساناقلىقلا بېكىتىلگەندۇر.
21  ئۇنىڭ قۇلىقىغا ۋەھىمىلەرنىڭ ئاۋازى كىرىدۇ،
باياشاتلىقىدا بۇلاڭچى ئۇنىڭ ئۇستىگە بېسىپ چۈشىدۇ.
22  قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇشقا ئۇنىڭ كۆزى يەتمەيدۇ،
ئۇ قىلىچ بىلەن چېپىلىشقا ساقلانغاندۇر.
23  ئۇ ئاش ئىزدەپ: «زادى نەدىن تېپىلار؟» دەپ يولدا تېنەپ يۈرىدۇ،
ئۇ زۇلمەت كۈنىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلىدۇ.  
24  دەرد-ئەلەم ھەم ئازاب ئۇنىڭغا ۋەھىمە قىلىدۇ،
ھۇجۇمغا تەييار بولغان پادىشاھتەك ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ.
25  چۈنكى ئۇ تەڭرىگە قارشى قولىنى كۆتۈرگەن،
ھەممىگە قادىرغا كۈچ كۆرسەتمەكچى بولغان،
26  شۇڭا ئۇ بوينىنى قاتتىق قىلىپ،
كۆپ قەۋەتلىك قالقاننى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلىدۇ.
27  يۈزىنى ياغ باسقان بولسىمۇ،
بېقىنلىرى سەمرەپ كەتكەن بولسىمۇ،
28  ئۇ خارابە شەھەرلەردە،
ئادەم قونغۇسى كەلمەيدىغان،
كېسەك دۈۋىلىرى بولۇشقا بېكىتىلگەن ئۆيلەردە ياشايدۇ؛
29  ئۇ ھېچ بېيىمايدۇ،
ئۇنىڭ مال-مۈلكى بولسا ئۈزۈلۈپ قالىدۇ،
ئۇنىڭ تەئەللۇقاتلىرى زېمىن ئۈستىدە كېڭەيمەيدۇ.
30  ئۇ قاراڭغۇلۇقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ،
يالقۇن ئۇنىڭ شاخلىرىنى كۆيدۈرۈپ قۇرۇتىدۇ،
خۇدانىڭ بىر نەپىسى بىلەن ئۇ دۇنيادىن كېتىدۇ.
31  ئۇ ساختىلىققا تايانمىسۇن!
ئۇ ئالدىنىپ كەتكەن، شۇڭا ساختىلىقنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئىنئامى بولىدۇ؛
32  ئۇنىڭ كۈنى تېخى توشماي تۇرۇپلا،
ئۇنىڭ شېخى تېخى كۆكىرىپ بولمايلا، بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
33  ئۈزۈم تېلى سىلكىنىپ، توڭ ئۈزۈملەر چۈشۈرۈۋېتىلگەندەك،
زەيتۇن دەرىخىنىڭ چېچىكى ئېچىلىپلا تۆكۈلۈپ كەتكەندەك بولىدۇ.
34  چۈنكى ئىپلاسلارنىڭ جەمەتى تۇغماس بولىدۇ،
ئوت پارا يېگەنلەرنىڭ چېدىرلىرىنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ.
35  بىراق ئۇلار ھەردائىم يامانلىقنى ئويلاپ، قەبىھلىك تۇغدۇرىدۇ،
كۆڭلىدە ھامان ھىيلە-مىكىر تەييارلايدۇ.
 
 
15:6 «ئۆز لەۋلىرىڭ ساڭا قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ» ــ ئېلىفاز مۇشۇ يەردە ئايۇپنىڭ خۇدا ئالدىدا جازالانغان گۇناھى ھەم ھاكاۋۇرلۇقى ئۇنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن قىلغان ئاچچىق ھەم ئۆتكۈر سۆزلىرىدە كۆرۈنىدۇ، دېمەكچى. بىراق ئېلىفاز بىلەن ئىككى دوستىنىڭ ئايۇپنىڭ ئاغزىدىن چىققان شۇ ئاچچىق ئۆتكۈر سۆزلەرگە مەسئۇلىيىتى بار. 15:8 رىم. 11‏:34 15:10 «ئاقساقاللار ھەم قېرىلار بىزنىڭ تەرىپىمىزدە تۇرىدۇ... » ــ ئېلىفاز ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ كۆزقارىشىنى ئۆزىنىڭكىگە ئوخشاش دەپ قاراۋاتىدۇ. 15:10 ئايۇپ 32‏:7 15:14 1پاد. 8‏:46؛ 2تار. 6‏:36؛ ئايۇپ 14‏:4؛ زەب. 14‏:2-3؛ 51‏:5؛ پەند. 20‏:9؛ توپ. 7‏:20؛ 1يۇھ. 1‏:8،10 15:15 «قارا، خۇدا ئۆز مۇقەددەسلىرىگىمۇ ئىشەنمىگەن يەردە...» ــ مۇشۇ يەردىكى «مۇقەددەسلەر» خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنى كۆرسەتسە كېرەك. ئېلىفاز يامان روھنىڭ ئەسلىدە ئۇنىڭغا دېگەن گەپلىرگە (15:4-21) ئىشىنىپ، قايتىلايدۇ. 15:15 ئايۇپ 4‏:18؛ 25‏:5 15:16 «قەبىھلىكنى سۇ ئىچكەندەك ئىچكەن بىر ئادەم» ــ مۇشۇ گەپ، شۈبھىسىزكى، ئايۇپنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. 15:19 «پەقەت شۇلارغىلا، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىغىلا يەر-زېمىن تاپشۇرۇلغانىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يات ئادەم ئۆتۈشكە پېتىنالمايتتى» ــ ئېلىفاز بۇ سۆز بىلەن بۇ ئاتا-بوۋىلارنىڭ خۇدا ئالدىدا ھەققانىي بولغانلىقىنى، شۇڭا خۇدا ئۇلارنىڭ يەر-زېمىنىنى يات ئادەملەرنىڭ باستۇرۇپ كىرىشىدىن قوغدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتى ئۇرۇش-جېدەلنىڭ دەخلىگە ئۇچرىماي، تەدرىجى تەرەققىي قىلىپ، بىلىمى پەللىگە يەتكەنىدى، دېمەكچى بولۇشى مۇمكىن. 15:20 «رەزىل ئادەم بارلىق كۈنلىرىدە ئازابلىنىدۇ، زالىم كىشىگە يىللار ساناقلىقلا بېكىتىلگەندۇر» ــ بۇ سۆز ھەم تۆۋەندىكى 35-ئايەتكىچە بولغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئايۇپقا بىۋاسىتە قارىتىلىپ دېيىلگەن بولۇشى مۇمكىن. 15:21 1تېس. 5‏:3 15:23 «ئۇ ئاش ئىزدەپ: «زادى نەدىن تېپىلار؟» دەپ يولدا تېنەپ يۈرىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ يولدىن تېنىپ كېتىپ، قورۇلتازلار ئۈچۈن يەم بولىدۇ». 15:23 ئايۇپ 18‏:12؛ زەب. 109‏:10 15:28 «ئۇ خارابە شەھەرلەردە...، كېسەك دۈۋىلىرى بولۇشقا بېكىتىلگەن ئۆيلەردە ياشايدۇ» ــ قەدىمدە بەزى شەھەرلەر خۇدانىڭ لەنىتى بىلەن ۋەيران بولغان بولۇپ، خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان بۇ جايلاردا ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇلارنى قايتىدىن قۇرۇپ ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىشقا پېتىنالمايتتى. بىراق (ئېلىفازنىڭ دېيىشىچە) بۇ رەزىل كىشىلەر (جۈملىدىن ئايۇپنىڭ ئۆزى؟) خۇدادىن قورقماي ئۇنداق يەرلەردە تۇرۇشتىن باش تارتمايتتى. 15:30 «خۇدانىڭ بىر نەپىسى بىلەن ئۇ دۇنيادىن كېتىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ بىر نەپىسى بىلەن ئۇ دۇنيادىن كېتىدۇ». 15:32 ئايۇپ 22‏:16؛ زەب. 55‏:23 15:33 «ئۈزۈم تېلى سىلكىنىپ، توڭ ئۈزۈملەر چۈشۈرۈۋېتىلگەندەك...» ــ ئادەتتە ئۈزۈم تېلى پىشمىغان ئۈزۈملىرىنى تاشلىمايدۇ. بىراق ئېلىفاز شۇ ئوخشىتىشى بىلەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ ئىشلىرى تېخى ھېچ پىشمىغان بولۇپ بىكارغا كېتىدۇ، دېمەكچى. 15:35 زەب. 7‏:14؛ يەش. 59‏:4؛ ھوش. 10‏:13