17
مېنىڭ روھىم سۇنۇق،
كۈنلىرىم تۈگەي دەيدۇ،
گۆرلەر مېنى كۈتمەكتە.
ئەتراپىمدا ئالدامچى مازاق قىلغۇچىلار بار ئەمەسمۇ؟
كۆزۈمنىڭ ئۇلارنىڭ ئېچىتقۇلۇقىغا تىكىلىپ تۇرۇشتىن باشقا ئامالى يوقتۇر.
ئاھ، جېنىم ئۈچۈن ئۆزۈڭ خالىغان كاپالەتنى ئېلىپ ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدا ماڭا بورۇن بولغايسەن؛
سەندىن باشقا كىم مېنى قوللاپ بورۇن بولسۇن؟

  
چۈنكى سەن دوستلىرىمنىڭ كۆڭلىنى يورۇقلۇقتىن قالدۇرغانسەن؛
شۇڭا سەن ئۇلارنى غەلىبىدىنمۇ مەھرۇم قىلىسەن!
غەنىيمەت ئالاي دەپ دوستلىرىغا پەشۋا ئاتقان كىشىنىڭ بولسا،
ھەتتا بالىلىرىنىڭ كۆزلىرىمۇ كور بولىدۇ.
ئۇ مېنى ئەل-يۇرتلارنىڭ ئالدىدا سۆز-چۆچەككە قويدى؛
مەن كىشىلەر يۈزۈمگە تۈكۈرىدىغان ئادەم بولۇپ قالدىم.
دەرد-ئەلەمدىن كۆزۈم تورلىشىپ كەتتى،
بارلىق ئەزالىرىم كۆلەڭگىدەك بولۇپ قالدى.
بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ دۇرۇسلار ھەيرانۇھەس بولىدۇ؛
بىگۇناھلار ئىپلاسلارغا قارشى تۇرۇشقا قوزغىلىدۇ.
بىراق ھەققانىي ئادەم ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىدۇ،
قولى پاك يۈرىدىغان ئادەمنىڭ كۈچى توختاۋسىز ئۇلغىيىدۇ.
10  ئەمدى قېنى، ھەممىڭلار، يەنە كېلىڭلار؛
ئاراڭلاردىن بىرمۇ دانا ئادەم تاپالمايمەن.
11  كۈنلىرىم ئاخىرلىشاي دەپ قاپتۇ،
مۇددىئالىرىم، كۆڭلۈمدىكى ئىنتىزارلار ئۈزۈلدى.
12  بۇ ئادەملەر كېچىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرماقچى؛
ئۇلار قاراڭغۇلۇققا قاراپ: «نۇر يېقىنلىشىۋاتىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ.
13  ئەگەر كۈتسەم، ئۆيۈم تەھتىسارا بولىدۇ؛
مەن قاراڭغۇلۇققا ئورنۇمنى راسلايمەن.
14  «چىرىپ كېتىشنى: «سەن مېنىڭ ئاتام!»،
قۇرتلارنى: «ئاپا! ئاچا!» دەپ چاقىرىمەن!
15  ئۇنداقتا ئۈمىدىم نەدە؟
شۇنداق، ئۈمىدىمنى كىم كۆرەلىسۇن؟
16  ئۈمىدىم تەھتىسارانىڭ تۆمۈر پەنجىرىلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ!
بىز بىرلىكتە توپىغا كىرىپ كېتىمىز!   
 
 
17:1 «مېنىڭ روھىم سۇنۇق» ــ ياكى «نەپىسىم سىقىلىپ كەتتى». 17:3 «ئاھ، جېنىم ئۈچۈن ئۆزۈڭ خالىغان كاپالەتنى ئېلىپ ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدا ماڭا بورۇن بولغايسەن» ــ بۇ سۆزلەر خۇداغا ئېيتىلغان، ئەلۋەتتە. «بورۇن» (كېپىل بولغۇچى) ــ قەدىمكى زامانلاردا، بىرسى مەلۇم بىر ئىشتا ئەيىبلەنگۈچى بولسا، سوتچى ھۆكۈم قىلغۇچە ئەيىبلەنگۈچى ۋاقىتلىق ئەركىن بولالمايدۇ، بەلكى قاماپ قويۇلىدۇ. بىراق ئۇنىڭ مەلۇم بىر دوستى ئۇنىڭغا كاپالەت بېرىشكە رازى بولسا، ئەيىبلەنگۈچى ئەركىن يۈرىۋەرسە بولىدۇ. كاپالەت بەرگۈچى ئۇنىڭ قېچىپ كەتمەسلىكىگە تولۇق كاپالەت بەرگەن بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەگەر قېچىپ كەتسە ئۇنىڭ ئورنىدا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولىدۇ؛ ئاندىن ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن (ئۆز دوستى گۇناھكار دەپ ھېسابلانغان بولسا) دوستىنىڭ ئورنىدا تېگىشلىك جازانى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. كاپالەت بەرگۈچى بولسا ھۆرمەتكە سازاۋەر، جامائەتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە. شۇڭا ئايۇپ مۇشۇ يەردە ئۆزىنىڭ ھەم دوستلىرى تەرىپىدىن ھەم خۇدا تەرىپىدىن ئەيىبلەنگۈچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ: «خۇدا، سەن مېنى بۇ ئىشلاردا ئەيىبلىگۈدەك يېرى يوق دەپ بىلىسەن، شۇڭا مەن ئۈچۈن كاپالەپ بولالمامسەن؟» ــ دېگەندەك جاسارەتلىك دۇئا قىلىدۇ. (بەزى ئالىملار بۇ سۆزنىڭ باشقا بىر چۈشەنچىسى بار دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ پىكرىچە، ئايۇپ 2-ئايەتتە: ــ «ئەتراپىمدىكىلەر ئالدامچى، مازاق قىلغۇچىلار بولمىسا ئايۇپ بولماي كېتەي! كۆزۈمنىڭ... ئامالى يوقتۇر» دېگەن قەسەمنى ئىچىدۇ؛ 3-ئايەتتە ئۇ خۇدادىن بۇ قەسەمنى ئادا قىلىشقا (كىمنىڭ توغرا بولسا ئۇنى ئاقلاش، كىمنىڭ خاتا بولسا ئۇنى جازالاشقا) كاپالەتچى ھەم گۇۋاھچى بولۇشنى ئۆتۈنىدۇ، ئاندىن 4-ئايەتتە (شۇ ئالىملارنىڭ پىكرىچە) ئۇ ئىلتىجاسىنىڭ خۇدا تەرىپىدىن بېجىرىلىشىنى ئۆتۈنىدۇ: «چۈنكى سەن دوستلىرىمنىڭ كۆڭلىنى يورۇقلۇقتىن قالدۇرغانسەن؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى غەلىبىدىنمۇ مەھرۇم قىلمىساڭ بولمايدۇ!» ــ دېگەندەك). 17:3 2كور. 5‏:19 17:6 ئايۇپ 30‏:9 17:9 «... قولى پاك يۈرىدىغان ئادەمنىڭ كۈچى توختاۋسىز ئۇلغىيىدۇ» ــ ئايۇپنىڭ ئېتىقادى يەنىلا ئۇرغۇپ تېشىپ تۇرىدۇ. مۇشۇ يەردە ئۇ خۇدانىڭ ئۆز دۈشمىنى بولۇپ چىققانلىقىنى ھېس قىلغىنى بىلەن، قانداقلا بولمىسۇن ئۆزىنىڭ ھەققانىي يولدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، خۇدا ئاخىردا ھەممە ئىشلىرىمنى ئوڭشايدۇ، دەپ بېشارەت بېرىدۇ. 17:10 ئايۇپ 6‏:29 17:11 ئايۇپ 7‏:6؛ 9‏:25 17:12 «بۇ ئادەملەر كېچىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرماقچى؛ ئۇلار قاراڭغۇلۇققا قاراپ: «نۇر يېقىنلىشىۋاتىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ» ــ ئايۇپ دوستلىرىمنى ھەقىقەتنى يورمىلاپ، ئاقنى قارا، قارىنى ئاق دەۋاتىدۇ، شۇنداقلا ماڭا قۇرۇق ئۈمىدلەرنى («نۇر يېقىنلىشىدۇ!» دەپ) يەتكۈزمەكچى، دەيدۇ. 17:13 «تەھتىسارا» ــ 7-باب، 9-ئايەت ۋە شۇ ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. 17:14 «مېنىڭ ئاتام!» ــ بۇ ئىبارىنىڭ قەدىمدە «بېگىم!» «تەقسىر!» دېگەن مەنىسىمۇ بار ئىدى. 17:16 «تەھتىسارا» ــ 7-باب، 9-ئايەت ۋە شۇ ئايەتنىڭ ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. «ئۈمىدىم تەھتىسارانىڭ تۆمۈر پەنجىرىلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ! بىز بىرلىكتە توپىغا كىرىپ كېتىمىز!» ــ بۇ جۈملىنىڭ سوئال جۈملە شەكلىدە قىلىنغان تەرجىمىسىمۇ ئۇچرايدۇ: «ئۈمىدىم تەھتىسارانىڭ تۆمۈر پەنجىرىلىرى ئىچىگە چۈشۈپ قالارمۇ؟ بىز بىرلىكتە توپىغا كىرىپ كېتەرمىزمۇ؟». 17:16 ئايۇپ 3‏:17،18،19؛ 30‏:23،24