19
ئايۇپ يەنە سۆز قىلىدۇ: ــ «مەن خۇدانى كۆرىمەن!»
ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
«سىلەر قاچانغىچە جېنىمنى ئازابلىماقچىسىلەر،
قاچانغىچە مېنى سۆز بىلەن ئەزمەكچىسىلەر؟
سىلەر مېنى ئون قېتىم خارلىدىڭلار؛
ماڭا ئۇۋال قىلىشقا نومۇس قىلمايسىلەر.
ئەگەر مېنىڭ سەۋەنلىكىم بولسا،
مەن ئەمدى ئۇنىڭ دەردىنى تارتىمەن.
ئەگەر سىلەر مېنىڭدىن ئۈستۈنلۈك تالاشماقچى بولساڭلار،
يۈزۈم ئالدىدا شەرم-ھايانى كۆرسىتىپ مېنى ئەيىبلىمەكچى بولساڭلار،
ئەمدى بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئۇۋال قىلغان تەڭرى ئىكەن،
ئۇ تورى بىلەن مېنى چىرماشتۇرۇپ تارتتى؛
قارا، مەن نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ «زوراۋانلىق!» دەپ ۋارقىرايمەن،
بىراق ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ؛
مەن ۋارقىرايمەن، بىراق ماڭا ئادالەت كەلمەيدۇ.
ئۇ يولۇمنى مېنى ئۆتۈۋالمىسۇن دەپ چىت بىلەن توسۇپ قويدى،
قەدەملىرىمگە قاراڭغۇلۇق سالدى.
ئۇ مەندىن شان-شەرىپىمنى مەھرۇم قىلدى،
بېشىمدىن تاجنى تارتىۋالدى.
10  ئۇ ماڭا ھەر تەرەپتىن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، مەن تۈگەشتىم؛
ئۈمىدىمنى ئۇ دەرەخنى يۇلغاندەك يۇلۇۋالدى.
11  غەزىپىنى ماڭا قارىتىپ قوزغىدى،
مېنى ئۆز دۈشمەنلىرىدىن ھېسابلىدى.
12  ئۇنىڭ قوشۇنلىرى سەپ تۈزۈپ ئاتلاندى،
پەلەمپەيلىرىنى ياساپ ماڭا ھۇجۇم قىلدى،
ئۇلار چېدىرىمنى قورشاۋغا ئېلىپ بارگاھ تىكىۋالدى.
13  ئۇ قېرىنداشلىرىمنى مەندىن نېرى قىلدى،
تونۇشلىرىمنىڭ مېھرىنى مەندىن ئۈزدى.
14  تۇغقانلىرىم مەندىن ياتلىشىپ كەتتى،
دوست-بۇرادەرلىرىم مېنى ئۇنۇتتى.
15  ئۆيۈمدە تۇرغان مۇساپىرلار، ھەتتا دېدەكلىرىممۇ مېنى يات ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ؛
ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن مۇساپىر بولۇپ قالدىم.
16  مەن چاكىرىمنى چاقىرسام، ئۇ ماڭا جاۋاب بەرمەيدۇ؛
شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئاغزىم بىلەن يېلىنىشىم كېرەك.
17  تىنىقىمدىن ئايالىمنىڭ قۇسقۇسى كېلىدۇ،
ئاكا-ئۇكىلىرىم سېسىقلىقىمدىن بىزار.
18  ھەتتا كىچىك بالىلار مېنى كەمسىتىدۇ؛
ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولسام، ئۇلار مېنى ھاقارەتلەيدۇ.
19  مېنىڭ سىرداش دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى مەندىن نەپرەتلىنىدۇ،
مەن سۆيگەنلەر مەندىن يۈز ئۆرىدى.
20  ئەت-تېرىلىرىم ئۇستىخانلىرىمغا چاپلىشىپ تۇرىدۇ،
جېنىم قىل ئۈستىدە قالدى.  
21  ئاھ، دوستلىرىم، ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، ئىچىڭلار ئاغرىسۇن!
چۈنكى تەڭرىنىڭ قولى ماڭا كېلىپ تەگدى.
22  سىلەر نېمىشقا تەڭرىدەك ماڭا زىيانكەشلىك قىلىسىلەر؟
سىلەر نېمىشقا ئەتلىرىمگە شۇنچە تويمايسىلەر!
 
قۇتقۇزغۇچى توغرۇلۇق بېشارەت
23  ئاھ، مېنىڭ سۆزلىرىم يېزىلسىدى!
ئۇلار بىر يازمىغا پۈتۈكلۈك بولغان بولاتتى!
24  ئۇلار تۆمۈر قەلەم بىلەن قوغۇشۇن ئىچىگە يېزىلسىدى!
ئەبەدىلئەبەد تاش ئۈستىگە ئويۇپ پۈتۈلگەن بولاتتى!
25  بىراق مەن شۇنى بىلىمەنكى، ئۆزۈمنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىم ھاياتتۇر،
ئۇ ئاخىرەت كۈنىدە يەر يۈزىدە تۇرۇپ تۇرىدۇ!
  
26  ھەم مېنىڭ بۇ تېرە-ئەتلىرىم بۇزۇلغاندىن كېيىن،
مەن يەنىلا تېنىمدە تۇرۇپ تەڭرىنى كۆرىمەن!
27  ئۇنى ئۆزۈملا ئەينى ھالدا كۆرىمەن،
باشقا ئادەمنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ كۆزى بىلەن قارايمەن؛
ئاھ، قەلبىم بۇنىڭغا شۇنچە ئىنتىزاردۇر!
28  ئەگەر سىلەر: «ئىشنىڭ يىلتىزى ئۇنىڭدىدۇر،
ئۇنى قانداق قىلىپ قىستاپ قوغلىۋېتەلەيمىز؟!» ــ دېسەڭلار،
29  ئەمدى ئۆزۈڭلار قىلىچتىن قورققىنىڭلار تۈزۈك!
چۈنكى خۇدانىڭ غەزىپى قىلىچ جازاسىنى ئېلىپ كېلىدۇ،
شۇنىڭ بىلەن سىلەر خۇدانىڭ سوتىنىڭ قۇرۇق گەپ ئەمەسلىكىنى بىلىسىلەر».
 
 
19:3 «سىلەر مېنى ئون قېتىم خارلىدىڭلار» ــ مۇشۇ يەردىكى «ئون قېتىم» دېگىنى «نۇرغۇن قېتىم»نىڭ بىرخىل ئىپادىسى. 19:11 ئايۇپ 13‏:24؛ 16‏:9؛ 33‏:10؛ يىغ. 2‏:5 19:13 زەب. 31‏:11-12؛ 38‏:11-12؛ 69‏:8؛ 88‏:8، 18 19:15 «ئۆيۈمدە تۇرغان مۇساپىرلار» ــ ياكى «ئۆيۈمدىكى مېھمانلار». «ھەتتا دېدەكلىرىممۇ مېنى يات ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ» ــ ئايۇپنىڭ ئۆيىدە تۇرغان مۇساپىرلار (بەلكىم ئەسلىدە ئۇنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى بولغانلار) ھازىر ئۇنى يات ئادەم، مۇساپىر دەپ قارايدۇ. 19:16 «مەن چاكىرىمنى چاقىرسام، ئۇ ماڭا جاۋاب بەرمەيدۇ؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئاغزىم بىلەن يېلىنىشىم كېرەك» ــ ئايۇپنىڭ ئەسلىدە چاكىرىغا بۇيرۇق بېرىش ئۈچۈن سۆز قىلىشى بەلكىم ھاجەتسىز ئىدى، ئۇنىڭ بىر ئىماسى ياكى قاراپ قويۇشى كۇپايە ئىدى. 19:17 «ئاكا-ئۇكىلىرىم» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئانامنىڭ بالىياتقۇسىدىكى ئوغۇللار». «ئاكا-ئۇكىلىرىم سېسىقلىقىمدىن بىزار» ــ ياكى «ئاكا-ئۇكىلىرىم يېلىنىشلىرىمدىن بىزار». 19:18 ئايۇپ 30‏:1 19:19 زەب. 41‏:9؛ 55‏:12-14 19:20 «جېنىم قىل ئۈستىدە قالدى» ــ ئىبرانىي تىلىنى سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلساق: «جېنىم چىشلىرىمنىڭ تېرىسىنىڭ ئۈستىدىلا قالدى». 19:20 ئايۇپ 30‏:30؛ زەب. 102‏:5؛ يىغ. 4‏:8 19:22 «سىلەر نېمىشقا ئەتلىرىمگە شۇنچە تويمايسىلەر!» ــ ئەرەبلەر (ۋە بەلكىم ئىبرانىيلار) بەزىدە «ئادەمنىڭ ئېتىنى يېيىش» دېگەننى «ئادەمگە تۆھمەت چاپلاش» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىدۇ. ئايۇپنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭ ئازابلىرىنى ئاز دەپ، ئۇنىڭ ئازابلىرىغا يەنە «خۇدا سېنى تاشلىۋەتتى» دېگەن ۋەھىمىنى ئارتىپ قويغان. 19:24 «ئاھ، مېنىڭ سۆزلىرىم يېزىلسىدى! ... ... ئەبەدىلئەبەد تاش ئۈستىگە ئويۇپ پۈتۈلگەن بولاتتى!» ــ ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى (23-24-ئايەت) ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. بىز ھازىر ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابغا پۈتۈكلۈك سۆزلىرىنى ئوقۇۋاتىمىز (باشقا خىل تەرجىمىسى ئۇچرىشى مۇمكىن). 19:25 «ئۆزۈمنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىم ھاياتتۇر» ــ ئايۇپ ئەسلىدە 9-بابتا خۇدا ھەم ئۆزۈمنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېلىشتۈرگۈچى بىر «ئەلچى» ياكى «ئارىچى» بولسا ئىدى، دېگەن ئىنتىزارىنى بىلدۈردى. ئۇ ھازىر بۇ يەردە ئۆزىنىڭ مۇنداق بىر «كېلىشتۈرگۈچى»سىنىڭ ھەقىقەتەن بارلىقىنى جاكارلايدۇ؛ ئىبرانىي تىلىدا «گوئېل» («ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى») دېگەن بۇ سۆز، ئادەتتە بىرسى مەلۇم ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇنىڭغا تۇغقانچىلىق (ھەمجەمەتلىك) قىلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن «بەدەل تۆلەيدىغان قۇتقۇزغۇچى تۇغقىنى»نى بىلدۇرىدۇ. بۇ قۇتقۇزغۇچى-نىجاتكارىنىڭ بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولسا: ــ ئۇ كەلگۈسىدە ئۆز كۆزى بىلەن خۇداسىنى كۆرەلەيدۇ ھەمدە شۇ چاغدا خۇدا ئۇنىڭ بېشىغا چۈشكەنلىرى توغرىسىدا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ بايان ئىنتايىن ھەيران قالارلىق، ھەم بەزى جەھەتلەردىن ئايۇپنىڭ بايانلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئېتىقادىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى سۈپىتىدە جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. «گوئېل» توغرۇلۇق يەنە «رۇت»تىكى «كىرىش سۆز» ۋە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «ئۇ ئاخىرەت كۈنىدە يەر يۈزىدە تۇرۇپ تۇرىدۇ!» ــ ياكى: «ئۇ ئاخىرقى بولغۇچى بولۇپ يەر يۈزىدە تۇرىدۇ». 19:25 مىس. 6‏:6؛ لاۋ. 25‏:47-49؛ ئايۇپ 33‏:23-24؛ يـۇھ. 11‏:25؛ 1كور. 15‏:20-22 19:26 «مەن يەنىلا تېنىمدە تۇرۇپ تەڭرىنى كۆرىمەن!» ــ مۇشۇ يەردە ئەسلى تېكىستنى چۈشىنىش سەل تەس. «مەن تېنىمدىن سىرت (دېمەك، روھ تەندىن كەتكەندىن كېيىن) خۇدانى كۆرىمەن!» دېگەن باشقا بىر خىل تەرجىمىسى بار. بۇ خىل تەرجىمە توغرا بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ مەنىسى «ھازىرقى تېنىمدىن سىرت...» دېگەنلىك بولسا كېرەك. مەيلى قايسى خىل مەنىدە ئېيتىلغان بولسۇن، ئايۇپنىڭ كۆزى ئۆزىنىڭ خۇداسىنى كۆرۈشىگە يەتكەن. 19:27 «ئاھ، قەلبىم بۇنىڭغا شۇنچە ئىنتىزاردۇر!» ــ مۇشۇ يەردە سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلساق: «مېنىڭ بۆرەكلىرىم (يۈرەكلىرىم، دېمەك) ئىچىمدە تۈگەي دەپ قالدى!». ئىبرانىيلار ئۈچۈن، «بۆرەكلەر» ئادەمنىڭ ھېسسىياتلىرىنىڭ، ۋىجدانىنىڭمۇ چوڭقۇر يىلتىزىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بۇ جۈملە، ئايۇپنىڭ خۇدانى كۆرۈشتىن ئىبارەت زور ئىنتىزارىغا ئۆزىنىڭ بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. 19:28 «ئەگەر سىلەر: «ئىشنىڭ يىلتىزى ئۇنىڭدىدۇر، ئۇنى قانداق قىلىپ قىستاپ قوغلىۋېتەلەيمىز؟!» ــ دېسەڭلار،...» ــ ئايۇپ ئۆز دوستلىرىنىڭ «ئايۇپنىڭ يوشۇرۇن گۇناھلىرىنى پاش قىلمىغۇچە ھەرگىز بولدى قىلمايلى» دېگەن پوزىتسىيىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكچى.