21
ئايۇپ يەنە سۆز قىلىدۇ ــ خۇدانىڭ جاھاننى ئىدارە قىلىشى
1 ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2 «گەپلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار،
بۇ سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن «تەسەللىلىرىڭلار»نىڭ ئورنىدا بولسۇن!
3 سۆز قىلىشىمغا يول قويساڭلار؛
سۆز قىلغىنىمدىن كېيىن، يەنە مازاق قىلىۋېرىڭلار!
4 مېنىڭ شىكايىتىم بولسا، ئىنسانغا قارىتىلىۋاتامدۇ؟
روھىم قانداقمۇ بىتاقەت بولمىسۇن؟
5 ماڭا ئوبدان قاراڭلارچۇ؟ سىلەر چوقۇم ھەيران قالىسىلەر،
قولۇڭلار بىلەن ئاغزىڭلارنى ئېتىۋالىسىلەر.
6 مەن بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئويلانساملا، ۋەھىمىگە چۆمىمەن،
پۈتۈن ئەتلىرىمنى تىترەك باسىدۇ.
7 نېمىشقا يامانلار ياشىۋېرىدۇ،
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ،
ھەتتا زور كۈچ-ھوقۇقلۇق بولىدۇ؟
8 ئۇلارنىڭ نەسلى ئۆز ئالدىدا،
پەرزەنتلىرى كۆز ئالدىدا مەزمۇت ئۆسىدۇ،
9 ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ۋەھىمىدىن ئامان تۇرىدۇ،
تەڭرىنىڭ تايىقى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تەگمەيدۇ.
10 ئۇلارنىڭ كالىلىرى جۈپلەنسە ئۇرۇقلىماي قالمايدۇ،
ئىنىكى موزايلايدۇ،
موزىيىنىمۇ تاشلىمايدۇ.
11 رەزىللەر كىچىك بالىلىرىنى قوي پادىسىدەك تالاغا چىقىرىۋېرىدۇ،
ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى تاقلاپ-سەكرەپ ئۇسسۇل ئويناپ يۈرىدۇ.
12 ئۇلار داپ ھەم چىلتارغا تەڭكەش قىلىدۇ،
ئۇلار نەينىڭ ئاۋازىدىن شادلىنىدۇ.
13 ئۇلار كۈنلىرىنى ئاۋاتچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ،
ئاندىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كېتىدۇ.
14 ھەم ئۇلار تەڭرىگە: «بىزدىن نېرى بول،
بىزنىڭ يوللىرىڭ بىلەن تونۇشقىمىز يوقتۇر!» ــ دەيدۇ،
15 ــ «ھەممىگە قادىرنىڭ خىزمىتىدە بولۇشنىڭ ئەرزىگۈدەك نەرى باردۇ؟
ئۇنىڭغا دۇئا قىلساق بىزگە نېمە پايدا بولسۇن؟!».
16 قاراڭلار، ئۇلارنىڭ بەختى ئۆز قولىدا ئەمەسمۇ؟
بىراق يامانلارنىڭ نەسىھىتى مەندىن نېرى بولسۇن!
17 يامانلارنىڭ چىرىغى قانچە قېتىم ئۆچىدۇ؟
ئۇلارنى ئۆزلىرىگە لايىق كۈلپەت باسامدۇ؟
خۇدا غەزىپىدىن ئۇلارغا دەردلەرنى بۆلۈپ بېرەمدۇ؟
18 ئۇلار شامال ئالدىدىكى ئېڭىزغا ئوخشاش،
قارا قۇيۇن ئۇچۇرۇپ كېتىدىغان پاخالغا ئوخشاشلا يوقامدۇ؟
19 تەڭرى ئۇنىڭ قەبىھلىكىنى بالىلىرىغا چۈشۈرۈشكە قالدۇرامدۇ؟
خۇدا بۇ جازانى ئۇنىڭ ئۆزىگە بەرسۇن، ئۇنىڭ ئۆزى بۇنى تېتىسۇن!
20 ئۆزىنىڭ ھالاكىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسۇن؛
ئۆزى ھەممىگە قادىرنىڭ قەھرىنى تېتىسۇن!
21 چۈنكى ئۇنىڭ بېكىتىلگەن يىل-ئايلىرى تۈگىگەندىن كېيىن،
ئۇ قانداقمۇ يەنە ئۆز ئۆيدىكىلىرىدىن ھۇزۇر-ھالاۋەت ئالالىسۇن؟
22 تەڭرى كاتتىلارنىڭ ئۈستىدىنمۇ ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن،
ئۇنىڭغا بىلىم ئۆگىتەلەيدىغان ئادەم بارمىدۇر؟!
23 بىرسى ساق-سالامەت، پۈتۈنلەي غەم-ئەندىشسىز، ئازادىلىكتە يىللىرى توشقاندا ئۆلىدۇ؛
24 بېقىنلىرى سۈت بىلەن سېمىز بولىدۇ،
ئۇستىخانلىرىنىڭ يىلىكى خېلى نەم تۇرىدۇ.
25 يەنە بىرسى بولسا ئاچچىق ئارماندا تۈگەپ كېتىدۇ؛
ئۇ ھېچقانداق راھەت-پاراغەت كۆرمىگەن.
26 ئۇلار بىلەن بىللە توپا-چاڭدا تەڭ ياتىدۇ،
قۇرۇتلار ئۇلارغا چاپلىشىدۇ.
27 ــ مانا، سىلەرنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىڭلارنى،
مېنى قارىلاش نىيەتلىرىڭلارنى بىلىمەن.
28 چۈنكى سىلەر مەندىن: «ئېسىلزادىنىڭ ئۆيى نەگە كەتكەن؟
رەزىللەرنىڭ تۇرغان چېدىرلىرى نەدىدۇر؟» دەپ سوراۋاتىسىلەر.
29 سىلەر يولۇچىلاردىن شۇنى سورىمىدىڭلارمۇ؟
ئۇلارنىڭ شۇ بايانلىرىغا كۆڭۈل قويمىدىڭلارمۇ؟
30 دېمەك، «يامان ئادەم پالاكەت كۈنىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ،
ئۇلار غەزەپ كۈنىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ!» ــ دەيدۇ.
31 كىم رەزىلنىڭ تۇتقان يولىنى يۈز تۇرانە ئەيىبلەيدۇ؟
كىم ئۇنىڭغا ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن تېگىشلىك جازاسىنى يېگۈزىدۇ؟
32 ئەكسىچە، ئۇ ھەيۋەت بىلەن يەرلىكىگە كۆتۈرۈپ مېڭىلىدۇ،
ئۇنىڭ قەبرىسى كۆزەت ئاستىدا تۇرىدۇ.
33 جىلغىنىڭ چالمىلىرى ئۇنىڭغا تاتلىق بىلىنىدۇ؛
ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ سانسىز ئادەملەر كەتكەندەك،
ئۇنىڭ كەينىدىنمۇ بارلىق ئادەملەر ئەگىشىپ بارىدۇ.
34 سىلەر نېمىشقا ماڭا قۇرۇق گەپ بىلەن تەسەللى بەرمەكچى؟
سىلەرنىڭ جاۋابلىرىڭلاردا پەقەت ساختىلىقلا تېپىلىدۇ!