2
چوڭ بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ دۇئا قىلىش
يۇنۇس بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دۇئا قىلدى: —
«مەن دەرد-ئەلىمىمدىن پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردۇم،
ئۇ ماڭا ئىجابەت قىلدى.
مەن تەھتىسارانىڭ تەكتىدىن پەرياد قىلدىم،
سەن ئاۋازىمغا قۇلاق سالدىڭ.  
چۈنكى سەن مېنى دېڭىز تەكتىگە، دېڭىز قارنىغا تاشلىۋەتتىڭ،
كەلكۈن ئېقىنلىرى مېنى ئارىسىغا ئېلىۋالدى،
سېنىڭ بارلىق دولقۇنلىرىڭ ھەم ئۆركەشلىرىڭ ئۈستۈمدىن ئۆتۈپ كەتتى؛
ۋە مەن: «مەن نەزىرىڭدىن تاشلىۋېتىلگەنمەن؛
بىراق مەن يەنىلا مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ ئۈمىد بىلەن تەلمۈرىمەن» ــ دېدىم.
سۇلار مېنى يۇتۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئورىۋالدى،
دېڭىز تەكتى مېنى قاپسىۋالدى؛
دېڭىز چۆپلىرى بېشىمغا چىرمىشىۋالدى.
مەن تاغلارنىڭ تەگلىرىگىچە چۈشۈپ كەتتىم؛
يەر-زېمىن تېگىدىكى تاقاقلار مېنى ئەبەدىلئەبەدكىچە قاماپ قويدى؛
ھالبۇكى، سەن جېنىمنى ھاڭ ئىچىدىن چىقاردىڭ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم.
جېنىم ئىچىمدە ھالىدىن كەتكەندە پەرۋەردىگارنى ئېسىمگە كەلتۈردۇم،
دۇئايىم ساڭا يېتىپ،
مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا كىرىپ كەلدى.
بىمەنە ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنغانلار ئۆزىگە نېسىپ بولغان مېھرىبانلىقتىن مەھرۇم بولىدۇ.
بىراق مەن بولسام تەشەككۈر سادايىم بىلەن ساڭا قۇربانلىق قىلىمەن؛
مەن ئىچكەن قەسەملىرىمنى سېنىڭ ئالدىڭدا ئادا قىلىمەن.
نىجات-قۇتقۇزۇش پەرۋەردىگاردىندۇر!»
10 پەرۋەردىگار بېلىققا بۇيرۇدى، بېلىق يۇنۇسنى قۇرۇقلۇققا قەي قىلدى.
 
 
2:2 «تەھتىسارا» — (ىبرانىي تىلىدا «شېئول») «يەر ئاستىدىكى ساراي» (يەنى، «تەكت سارايى»)، ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى بارىدىغان، قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان جاينى كۆرسىتىدۇ. يۇنۇس ئۆزىنى ئۆلۈپ، تەھتىساراغا چۈشكەندەك ھېس قىلىدۇ. يەنە بىر مۇمكىنچىلىكى باركى، ئۇ بېلىق قارنىدا ھەقىقەتەن ئۆلگەن، ئاندىن خۇدا ئۇنى (بېلىقنىڭ ئاغزىدىن چىققاندا) تىرىلدۈرگەن. 2:2 زەب. 120‏:1 2:3 زەب. 42‏:7 2:4 «بىراق مەن ... تەلمۈرىمەن» ــ باشكا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەن قانداقمۇ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا ئۈمىد بىلەن تەلمۈرەپ قارايمەن؟». 2:9 زەب. 3‏:8؛ 50‏:23،14؛ 116‏:17؛ ھوش. 14‏:3؛ ئىبر. 13‏:15