15
ئەيسا ــ ھەقىقىي ئۈزۈم تېلىدۇر؛ ئۇنىڭ سۆزىنىڭ داۋامى
ــ «ھەقىقىي ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، ئاتام بولسا باغۋەندۇر. باغۋەن مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى كېسىپ تاشلايدۇ. مېۋە بەرگەنلىرىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەرسۇن دەپ، پاك قىلىپ پۇتاپ تۇرىدۇ.   ئەمدى سىلەر مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن سۆزۈم ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن پاك بولدۇڭلار.   سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرۇڭلار، مەنمۇ سىلەردە ئىزچىل تۇرىمەن. شاخ تالدا تۇرماي، ئۆزى مېۋە بېرەلمەيدىغىنىدەك، سىلەرمۇ مەندە ئىزچىل تۇرمىساڭلار، مېۋە بېرەلمەيسىلەر.
«ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، سىلەر بولساڭلار شاخلىرىدۇرسىلەر. كىم مەندە ئىزچىل تۇرسا، مەنمۇ شۇنداقلا ئۇنىڭدا تۇرغىنىمدا، ئۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. چۈنكى مەنسىز ھېچنېمىنى قىلالمايسىلەر. بىرسى مەندە تۇرمىسا، ئۇ كېرەكسىز شاختەك تاشلىنىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ كېلىنىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ئىزچىل تۇرسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە شۇ ئىجابەت بولىدۇ. سىلەرنىڭ كۆپ مېۋى بېرىشىڭلار، شۇنداقلا مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلىشىڭلار بىلەن شان-شەرەپ ئاتامغا كەلتۈرۈلىدۇ.
ئاتام مېنى سۆيگىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى سۆيدۈم؛ مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە ئىزچىل تۇرۇڭلار. 10 ئەگەر ئەمرلىرىمنى تۇتساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە تۇرغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە تۇرىسىلەر.
11 مېنىڭ خۇشاللىقىم سىلەردە بولسۇن ۋە شۇنىڭدەك خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ، مەن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. 12 مېنىڭ ئەمرىم شۇكى، مەن سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. 13 ئىنسانلارنىڭ ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتى يوقتۇر. 14 سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر.    15 ئەمدى مۇندىن كېيىن مەن سىلەرنى «قۇل» دەپ ئاتىمايمەن. چۈنكى قۇل خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى «دوست» دەپ ئاتىدىم، چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم.    16 سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم ۋە سىلەرنى بېرىپ مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار دائىم ساقلانسۇن، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتىدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئۇ سىلەرگە بەرسۇن دەپ سىلەرنى تىكلىدىم.    17 سىلەرگە شۇنى ئەمر قىلىمەنكى، بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.
 
دۇنيادىكىلەرنىڭ ئەيساغا بولغان نەپرىتى
18 بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەردىن ئاۋۋال مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلىڭلار. 19 سىلەرمۇ بۇ دۇنيادىكىلەردىن بولغان بولساڭلار، بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەرنى ئۆزىمىزنىڭكى دەپ، سۆيگەن بولاتتى. بىراق سىلەر بۇ دۇنيادىن بولمىغاچقا، بەلكى مەن سىلەرنى بۇ دۇنيادىن ئايرىپ تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەمدى بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ.    20 مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: «قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ». ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلغان بولسا، سىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مېنىڭ سۆزۈمنى تۇتقان بولسا، ئۇلار سىلەرنىڭكىنىمۇ تۇتىدۇ.
21 بىراق مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ئۇلار سىلەرگىمۇ شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى تونۇمايدۇ. 22 ئەگەر مەن كېلىپ ئۇلارغا سۆز قىلمىغان بولسام، ئۇلاردا گۇناھ يوق دەپ ھېسابلىناتتى. لېكىن ھازىر گۇناھى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچ باھانىسى يوقتۇر. 23 كىمدەكىم مەندىن نەپرەتلەنسە ئاتامدىنمۇ نەپرەتلەنگەن بولىدۇ. 24 مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باشقا ھېچكىم قىلىپ باقمىغان ئەمەللەرنى قىلمىغان بولسام، ئۇلاردا گۇناھ يوق دەپ ھېسابلىناتتى. لېكىن ئۇلار ھازىر ئەمەللىرىمنى كۆرگەن تۇرۇقلۇق، يەنىلا ھەم مەندىن ھەم ئاتامدىن نەپرەتلەندى. 25 لېكىن بۇ ئىشلار ئۇلارغا تەۋە بولغان تەۋرات قانۇنىدا: «ھېچقانداق سەۋەبسىزلا مەندىن نەپرەتلەندى» دەپ پۈتۈلگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن شۇنداق يۈز بەردى.  
26 لېكىن مەن سىلەرگە ئاتىنىڭ يېنىدىن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى ئاتىنىڭ يېنىدىن چىققۇچى ھەقىقەتنىڭ روھى كەلگەندە، ئۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.    27 سىلەرمۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر، چۈنكى سىلەر باشتىن تارتىپ مەن بىلەن بىللە بولدۇڭلار.
 
 
15:1 ««ھەقىقىي ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن» ــ «ھەقىقىي ئۈزۈم تېلى» بولغاندىن كېيىن، ساختا ياكى پور-پۈچەك ئۈزۈم تېلىمۇ بارمۇ؟ بۇنىڭ توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 15:2 «باغۋەن مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى كېسىپ تاشلايدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى باغۋەن (باراڭغا) ئېسپ قويىدۇ». لېكىن 6-ئايەتكە قارىغاندا تەرجىمىمىز توغرا بولسا كېرەك. «مېۋە بەرگەنلىرىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەرسۇن دەپ، پاك قىلىپ پۇتاپ تۇرىدۇ» ــ «پۇتاپ تۇرىدۇ» گرېك تىلىدا «تازىلايدۇ» ياكى «پاكلايدۇ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 4-ئايەتنى كۆرۈڭ. 15:2 مات. 15‏:13. 15:3 «... سىلەر مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن سۆزۈم ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن پاك بولدۇڭلار» ــ «پاك» مۇشۇ يەردە يەنە «پۇتالغان» دېگەن مەنىسىنىمۇ بىلدۈرۈشى مۇمكىن. بىراق مۇھىم مەنىسى «پاك» ئىكەنلىكىگە شۈبھىسى يوقتۇر (31:10نى كۆرۈڭ). 15:3 يـۇھ. 13‏:10. 15:6 ئ‍ەز. 15‏:2-8؛ مات. 3‏:10؛ 7‏:19؛ كول. 1‏:23. 15:7 يەر. 29‏:12؛ مات. 7‏:7؛ 21‏:22؛ مار. 11‏:24؛ لۇقا 11‏:9؛ يـۇھ. 14‏:13؛ 16‏:24؛ ياق. 1‏:5؛ 1يۇھ. 3‏:22؛ 5‏:14. 15:8 «سىلەر مەندە ئىزچىل تۇرساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ئىزچىل تۇرسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە شۇ ئىجابەت بولىدۇ. سىلەرنىڭ كۆپ مېۋى بېرىشىڭلار، شۇنداقلا مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلىشىڭلار بىلەن شان-شەرەپ ئاتامغا كەلتۈرۈلىدۇ» ــ 7-8-ئايەتكە قارىغاندا، مۇخلىسلار خۇداغا چىقارغان، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان مېۋە ئۈنۈملۈك دۇئا-تىلاۋەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 15:10 يـۇھ. 14‏:15، 21، 23؛ 1يۇھ. 5‏:3. 15:12 لاۋ. 19‏:18؛ مات. 22‏:39؛ يـۇھ. 13‏:34؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ 1تېس. 4‏:9؛ 1پېت. 4‏:8؛ 1يۇھ. 3‏:23؛ 4‏:21. 15:13 رىم. 5‏:7؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ 1يۇھ. 3‏:16. 15:14 «سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر» ــ 13-14-ئايەتتە خۇدانىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئايان قىلىنىدۇ. «مەسىھنىڭ دوستلىرى» ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى ئادا قىلغۇچىلاردۇر. لېكىن مەسىھ بارلىق كىشىلەر، جۈملىدىن ئۆز ئەمرلىرىنى ئادا قىلمىغۇچىلار، يەنى دۈشمەنلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغاندۇر. 15:14 مات. 12‏:50؛ 2كور. 5‏:16؛ گال. 5‏:6؛ 6‏:15؛ كول. 3‏:11. 15:15 «ئەمدى مۇندىن كېيىن مەن سىلەرنى «قۇل» دەپ ئاتىمايمەن» ــ «قۇل» ياكى «چاكار». 15:15 يـۇھ. 8‏:26. 15:16 «سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم ۋە سىلەرنى بېرىپ مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار دائىم ساقلانسۇن...» ــ «...بېرىپ مېۋە بەرسۇن» دېگەن ئىبارە بەلكىم، مۇخلىسلار خۇداغا چىقارغان، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان مېۋە بولسا، پۈتۈن دۇنياغا بېرىپ خۇش خەۋەر ئارقىلىق باشقىلارنى خۇدانىڭ يولىغا كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ كۆرسەتسە كېرەك. 15:16 مات. 28‏:19؛ مار. 16‏:15؛ يـۇھ. 13‏:18؛ ئ‍ەف. 1‏:4؛ كول. 1‏:6. 15:17 «سىلەرگە شۇنى ئەمر قىلىمەنكى، بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار» ــ گرېك تىلىدا «سىلەرگە شۇلارنى ئەمر قىلىمەنكى، بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار». 15:18 1يۇھ. 3‏:13. 15:19 «سىلەرمۇ بۇ دۇنيادىكىلەردىن بولغان بولساڭلار، بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەرنى ئۆزىمىزنىڭكى دەپ، سۆيگەن بولاتتى» ــ گرېك تىلىدا «سىلەرمۇ بۇ دۇنيادىن بولغان بولسا، بۇ دۇنيا سىلەرنى ئۆزىنىڭكى دەپ سۆيگەن بولاتتى». 15:19 يـۇھ. 17‏:14؛ گال. 1‏:10. 15:20 مات. 10‏:24؛ 24‏:9؛ لۇقا 6‏:40؛ يـۇھ. 13‏:16؛ 16‏:2. 15:21 مات. 10‏:22؛ يـۇھ. 16‏:3. 15:22 رىم. 4‏:15؛ 5‏:20. 15:24 يـۇھ. 10‏:37. 15:25 «ئۇلارغا تەۋە بولغان تەۋرات قانۇنى» ــ ھەجۋىي، كىنايىلىك سۆز. 17:8 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. «ھېچقانداق سەۋەبسىزلا مەندىن نەپرەتلەندى» ــ «زەب.» 7:35، 19 ۋە 4:69. 15:25 زەب. 35‏:19؛ 69‏:4 15:26 «...ياردەمچى، يەنى ئاتىنىڭ يېنىدىن چىققۇچى ھەقىقەتنىڭ روھى كەلگەندە، ئۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ» ــ مۇشۇ ئايەتتىن مۇقەددەس روھنىڭ شەخس ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. مەسىھ ئۇنى «ئاتىنىڭ يېنىدىن» ئەۋەتىدۇ؛ مۇشۇ يەردە مۇقەددەس روھ يەنە «ئاتىنىڭ يېنىدىن چىقىدۇ» دېيىلىدۇ. گرېك تىلىدا «چىقىدۇ» دېگەن پېئىل «ھازىرقى زامان» شەكىلدە بولغاچقا، مۇقەددەس روھنىڭ ھەردائىم شۇ ھەرىكەتنى قىلىۋاتقىنى كۆرسىتىلىدۇ. 15:26 لۇقا 24‏:49؛ يـۇھ. 14‏:26؛ 16‏:7؛ روس. 5‏:32. 15:27 روس. 1‏:8، 21؛ 5‏:32.