10
بۇتلار ئەمەس، پەرۋەردىگارلا ئىبادەتكە لايىقتۇر
پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەللەرنىڭ يوللىرىنى ئۆگەنمەڭلار؛ گەرچە ئەللەر ئاسماندىكى ھادىسە-ئالامەتلەردىن قورقۇپ دەككە-دۈككىگە چۆمگەن بولسىمۇ، سىلەر بۇلاردىن ھېچ چۆچۈپ كەتمەڭلار. چۈنكى ئەللەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى بىمەنىلىكتۇر؛ ھەممىسى ئورمانلىقتىن كېسىلگەن دەرەختىن، ياغاچچىنىڭ ئىسكىنىسى بىلەن ئويۇلغان نەرسىگە ئاساسلانغاندۇر. ئۇلار بۇنى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن ھەللەيدۇ؛ ئۇنى يىقىلمىسۇن دەپ ئۇلار بولقا، مىخلار بىلەن بېكىتىدۇ. بۇنداق بۇتلار تەرخەمەكلىكتە تۇرىدىغان بىر قارانچۇقتۇر، خالاس؛ ئۇلار ھېچ سۆزلىيەلمەيدۇ؛ ئۇلار باشقىلار تەرىپىدىن كۆتۈرۈلۈشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار ماڭالمايدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار رەزىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىن ياخشىلىق قىلىشمۇ كەلمەيدۇ. ــ ساڭا ئوخشايدىغان ھېچكىم يوق، ئى پەرۋەردىگار؛ سەن ئۇلۇغ، كۈچ-قۇدرىتىڭ بىلەن نامىڭ ئۇلۇغدۇر. كىم سەندىن قورقماي تۇرالىسۇن، ئى بارلىق ئەللەر ئۈستىگە ھۆكۈمران پادىشاھ!؟ چۈنكى بۇ ساڭا تېگىشلىكتۇر؛ چۈنكى ئەللەردىكى دانىشمەنلەر ئارىسىدا ۋە بارلىق پادىشاھلىقلار ئارىسىدا ساڭا ئوخشاش ھېچكىم يوقتۇر. ئەللەرنىڭ ھەممىسى ئىستىسناسىز ئەقلى يوق، نادانلاردۇر؛ بۇ ئەرزىمەسلەر ياغاچتۇر، خالاس! ئۇلار تەلىم بېرەلەمدۇ!؟    سوقۇپ يالپاقلانغان كۈمۈش تارشىشتىن ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئالتۇنمۇ ئۇفازدىن ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئاندىن ھۈنەرۋەن ۋە زەرگەرلەرنىڭ قولى بۇ ياسىغىنىغا كۆك ۋە سۆسۈن رەخت بىلەن كىيىم كىيگۈزىدۇ ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى شۈبھىسىزكى، دانىشمەن ئۇستىلارنىڭ ئەجرىدۇر!
10 لېكىن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئۆزى ھەقىقەتتۇر؛ ئۇ ھايات خۇدادۇر، مەڭگۈلۈكنىڭ پادىشاھىدۇر؛ ئۇنىڭ غەزىپى ئالدىدا يەر-زېمىن تىترەيدۇ؛ ئەللەر ئۇنىڭ قەھرىنى كۆتۈرەلمەيدۇ. 11 ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئاسمان بىلەن زېمىننى ياراتمىغان ئىلاھلار، ئۇلار زېمىن يۈزىدىن ۋە ئاسمان ئاستىدىن يوقايدۇ!».
12  پەرۋەردىگار بولسا يەر-زېمىننى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ياسىغان،
ئالەمنى دانالىقى بىلەن بەرپا قىلغان،
ئاسمانلارنى ئەقىل-پاراسىتى بىلەن يايغۇچىدۇر.
13 ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋەتسە، ئاسمانلاردا سۇلار شاۋقۇنلايدۇ؛
ئۇ يەر چەتلىرىدىن بۇلۇت-تۇمانلارنى ئۆرلىتىدۇ؛
ئۇ يامغۇرلارغا چاقماقلارنى ھەمراھ قىلىپ بېكىتىدۇ،
ۋە شامالنى ئۆز خەزىنىلىرىدىن چىقىرىدۇ.
14 مۇشۇ كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئەقىلسىز، بىلىمدىن مەھرۇملاردۇر؛
زەرگەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى ئويغان بۇت تەرىپىدىن شەرمەندىگە قالىدۇ؛
چۈنكى ئۇنىڭ قۇيما ھەيكىلى يالغانچىلىق، ئۇلاردا ھېچ تىنىق يوقتۇر.
15 ئۇلار بىمەنىلەردۇر، مازاق ئوبيېكتىدۇر؛
جازالىنىش ۋاقتى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە، ئۇلار يوقىتىلىدۇ.
16 ياقۇپنىڭ نېسىۋىسى بولغۇچى بۇلاردەك ئەمەستۇر،
چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتنى ياسىغۇچى شۇدۇر؛
ئىسرائىل بولسا ئۇنىڭ ئۆز مىراسى بولغان قەبىلىدۇر؛
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر.  
 
يەرەمىيا خەلقى ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇپ دۇئا قىلىدۇ
17 زېمىندىن چىقىشقا يۈك-تاقىڭنى يىغىشتۇرۇپ ئال، ئى مۇھاسىرىگە ئېلىنغۇچى قىز؛ 18 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن بۇ ۋاقىتتا زېمىندىكىلەرنى ئېلىپ ئۇ يەردىن چۆرىۋېتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلى تونۇپ يەتكۈچە ئازار بېرىمەن!».
 
يەرەمىيا خەلقىگە ۋەكىل سۈپىتىدە سۆز قىلىدۇ
19 جاراھىتىم ئۈچۈن ھالىمغا ۋاي! مېنىڭ يارام داۋالىغۇسىزدۇر! بىراق ئەسلىدە مەن: «بۇ پەقەت بىر كېسەللىك، خالاس، ئۇنىڭغا چىدىغۇدەكمەن» ــ دەپتىكەنمەن. 20 مېنىڭ چېدىرىم ھالاك بولدى، بارلىق تانىلىرىم ئۈزۈلدى؛ بالىلىرىم مەندىن جۇدا بولۇپ، ئۇلار يوق بولدى؛ چېدىرىمنى قايتىدىن سوزۇپ تىككۈدەك، چېدىر پەردىلىرىنى ئاسقۇدەك ھېچكىم قالمىدى. 21 چۈنكى خەلق پادىچىلىرى ئەقىلسىز بولۇپ، پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ يول سورىمايدۇ؛ شۇڭا ئۇلار دانىشمەنلەردەك ئىش كۆرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق پادىسى تارقىلىپ كەتتى. 22 ئاڭلاڭلار! بىر گەپنىڭ شەپىسى! مانا، ئۇ كېلىدۇ، شىمالىي زېمىندىن چىققان زور بىر چۇقان-سۈرەن! يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى بىر ۋەيرانە، چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسىغا ئايلاندۇرغۇچى كېلىۋاتىدۇ! 23 بىلىمەنكى، ئى پەرۋەردىگار، ئىنساننىڭ ئۆز يولىنى بېكىتىشى ئۆز قولىدا ئەمەستۇر؛ مېڭىۋاتقان ئادەمنىڭ ئۆزىدە قەدەملىرىنى خالىغانچە تاشلاش قۇدرىتى بولماستۇر؛ 24 پەرۋەردىگار، مېنى تۈزىگەيسەن، لېكىن غەزىپىڭ بىلەن ئەمەس، ئادىل ھۆكۈمىڭ بىلەن تۈزىگەيسەن؛ بولمىسا سەن مېنى يوققا باراۋەر قىلىسەن. 25 قەھرىڭنى سېنى تونۇمايدىغان ئەللەر ھەمدە نامىڭغا نىدا قىلمايدىغان جەمەتلەر ئۈستىگە تۆككەيسەن؛ چۈنكى ئۇلار ياقۇپنى يەپ كەتكەن؛ بەرھەق، ئۇلار ئۇنى يۇتۇپ تۈگەشتۈرۈپ، تۇرغان جايىنى مۇتلەق ۋەيران قىلغان.
 
 
10:2 «ئەللەرنىڭ يوللىرىنى ئۆگەنمەڭلار؛ گەرچە ئەللەر ئاسماندىكى ھادىسە-ئالامەتلەردىن قورقۇپ دەككە-دۈككىگە چۆمگەن بولسىمۇ، سىلەر بۇلاردىن ھېچ چۆچۈپ كەتمەڭلار» ــ يات ئەللەر بۇنداق «ئاسماندىكى ھادىسە-ئالامەتلەر»نى خۇراپىيلىق، يەنى مۇنەججىملىك يولىدا چۈشىنەتتى، ئەلۋەتتە. 10:3 يەش. 44‏:14-17 10:4 يەش. 41‏:7 10:5 زەب. 115‏:4-7؛ يەش. 41‏:23؛ 46‏:1، 7 10:6 زەب. 86‏:8،10 10:7 ۋەھ. 15‏:4 10:8 «ئەللەرنىڭ ھەممىسى ئىستىسناسىز ئەقلى يوق، نادانلاردۇر؛ بۇ ئەرزىمەسلەر ياغاچتۇر، خالاس! ئۇلار تەلىم بېرەلەمدۇ!؟ » ــ ئوقۇرمەنلەر ئايەتنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرىنى ئۇچرىتىشى مۇمكىن. 10:8 يەش. 41‏:29؛ ھاب. 2‏:18؛ زەك. 10‏:2 10:11 «ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئاسمان بىلەن زېمىننى ياراتمىغان ئىلاھلار، ئۇلار زېمىن يۈزىدىن ۋە ئاسمان ئاستىدىن يوقايدۇ!» ــ بۇ ئايەت ئىبرانىي تىلىدا ئەمەس، بەلكى ئارامىي تىلىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئېنىقكى، خۇدانىڭ مەقسىتى ئۆز خەلقىنىڭ بۇ ھەقىقەتنى يات ئەللەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىدا بىلدۈرۈشى كېرەك. 10:12 يار. 1‏:1؛ ئايۇپ 9‏:8؛ زەب. 104‏:2؛ يەش. 40‏:22؛ 44‏:24؛ 51‏:13؛ يەر. 51‏:15 10:13 زەب. 135‏:7؛ يەر. 51‏:16 10:14 يەر. 51‏:17،18 10:16 «ياقۇپنىڭ نېسىۋىسى» ــ «ياقۇپ» مۇشۇ يەردە ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىلنىمۇ كۆرسىتىدۇ. «ياقۇپنىڭ نېسىۋىسى» خۇدانىڭ ئۆزىدۇر، ئەلۋەتتە. 10:16 زەب. 74‏:2؛ يەر. 51‏:19 10:17 «مۇھاسىرىگە ئېلىنغۇچى قىز» ــ «قىز» مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، پۈتۈن خەلقنى بىلدۈرىدۇ. 10:18 يەر. 6‏:24 10:19 «پەقەت بىر كېسەللىك» ــ بەلكىم خەلقنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈلپەتلەر «پەقەت ۋاقتىلىق ئاۋارە، خالاس» دېگەن ھېسسىياتىنى كۆرسىتىدۇ. ساختا پەيغەمبەرلەر بۇنداق ھېسسىياتنى كۆپ قوللايتتى. 10:21 «خەلق پادىچىلىرى» ــ (يەنى «پادا باققۇچىلىرى») شۈبھىسىزكى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى، ۋەزىرلىرى، كاھىنلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 10:22 يەر. 1‏:14؛ 4‏:6؛ 9‏:11 10:23 پەند. 16‏:1؛ 20‏:24 10:24 زەب. 6‏:1؛ 38‏:1؛ يەر. 30‏:11؛ 46‏:28 10:25 زەب. 79‏:6؛ يەر. 8‏:16؛ 9‏:16