15
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «مۇسا ياكى سامۇئىل پەيغەمبەرلەر ئالدىمدا تۇرغان بولسىمۇ، كۆڭلۈم بۇ خەلققە ھېچ قارىمايتتى. ئۇلارنى كۆز ئالدىمدىن كەتكۈزۈۋەت! ئۇلار مەندىن نېرى چىقىپ كەتسۇن!    ئەگەر ئۇلار سەندىن: «بىز نەگە چىقىپ كېتىمىز؟» دېسە، سەن ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆلۈمگە بېكىتىلگەنلەر ئۆلۈمگە، قىلىچقا بېكىتىلگەنلەر قىلىچقا، قەھەتچىلىككە بېكىتىلگەنلەر قەھەتچىلىككە، سۈرگۈن بولۇشقا بېكىتىلگەنلەر سۈرگۈن بولۇشقا كېتىدۇ» ــ دەيسەن.    چۈنكى مەن تۆت خىل جازا بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىچ، تىتما-تىتما قىلىش ئۈچۈن ئىتلار، يۇتۇش ۋە ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر-زېمىندىكى ھايۋاناتلارنى جازا بولۇشقا بېكىتتىم؛ يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ يېرۇسالېمدا قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن مەن ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار ئارىسىدا ۋەھىمىگە سالغۇچى بىر ئوبيېكت قىلىمەن.  
چۈنكى كىم ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىدۇ، ئى يېرۇسالېم؟ كىم سەن ئۈچۈن ئاھ-زار ئۇرىدۇ؟ كىم ئەھۋالىڭنى سوراشقا يولدا توختاپ يېنىڭغا بارىدۇ؟ سەن مېنى تاشلىۋەتكەنسەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سەن چېكىنىپ كەتتىڭ؛ مەن ئۈستۈڭگە قولۇمنى سوزۇپ سېنى نابۇت قىلىشقا تۇردۇم؛ مەن ساڭا ئىچىمنى ئاغرىتىشتىن ھالسىراپ كەتتىم. شۇڭا مەن ئۇلارنى زېمىندىكى شەھەر قوۋۇقلىرىدا يەلپۈگۈچ بىلەن سورىۋېتىمەن؛ مەن ئۇلارنى بالىلاردىن جۇدا قىلىمەن ۋە خەلقىمنى نابۇت قىلىمەن؛ ئۇلار ئۆز يوللىرىدىن ھېچ يانمىدى. كۆز ئالدىمدا ئۇلارنىڭ تۇل خوتۇنلىرى دېڭىز قۇملىرىدىن كۆپىيىپ كېتىدۇ؛ چۈش ۋاقتىدا مەن ئۇلارغا، يەنى يىگىتلەرنىڭ ئانىسىغا بىر ھالاك قىلغۇچىنى ئېلىپ كېلىمەن؛ مەن ئۇشتۇمتۇت ئۇلارنىڭ بېشىغا دەرد ۋە ۋەھىمە چۈشۈرىمەن. يەتتە بالىنى تۇغقان ئانا سولىشىپ تىنىقىدىن قالاي دەپ قالىدۇ؛ كۈپكۈندۈزدە بۇ ئانىنىڭ قۇياشى تۇيۇقسىز مەغرىپكە پاتىدۇ؛ ئۇ شەرمەندە بولۇپ خورلۇق-ھاقارەتلەرگە ئۇچرايدۇ. ئۇلاردىن قالغانلارنى بولسا مەن دۈشمەنلەر ئالدىدا قىلىچقا تاپشۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
 
يەرەمىيا داد-پەرياد كۆتۈرىدۇ، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىدۇ
10 ئاھ، ئانا، ھالىمغا ۋاي، چۈنكى سەن مېنى پۈتكۈل زېمىن بىلەن قارىشىلىشىدىغان بىر ئادەم، ئۇلار بىلەن ئېلىشىدىغان بىر ئادەم سۈپىتىدە تۇغقانسەن! مەن ئۇلارغا ئۆسۈمگە قەرزمۇ بەرمىدىم، ياكى ئۇلاردىن ئۆسۈمگە قەرزمۇ ئالمىدىم؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى مېنى قارغايدۇ!
11 پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، مەن بەختىڭگە سېنى ئازاد قىلىمەن؛ كۈلپەت ۋە بالايىئاپەت بولغان كۈنىدە مەن ساڭا دۈشمەننى چىرايلىق ئۇچراشتۇرىمەن.
 
خەلققە بولغان سۆز
12 تۆمۈر سۇنامدۇ؟ شىمالدىن چىققان تۆمۈر، ياكى مىس سۇنامدۇ؟    13 بەلكى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن، ئۇ چېتىڭدىن بۇ چېتىڭگىچە مەن بايلىقلىرىڭ ھەم خەزىنىلىرىڭنى ئولجا بولۇشقا ھەقسىز تاپشۇرىمەن؛    14 مەن سېنى دۈشمەنلىرىڭ بىلەن بىللە سەن ھېچ بىلمەيدىغان بىر زېمىنغا ئۆتكۈزىمەن؛ چۈنكى غەزىپىمدە بىر ئوت قوزغالدى، ئۇ ئۈستۈڭگە چۈشۈپ سېنى كۆيدۈرىدۇ.  
 
يەرەمىيا يەنە داد ئېيتىدۇ
15 ئى پەرۋەردىگار، سەن ھالىمنى بىلىسەن؛ مېنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ماڭا يېقىن كېلىپ مەندىن خەۋەر ئالغايسەن ۋە ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردىن ئىنتىقامىمنى ئالغايسەن؛ سەن ئۇلارغا سەۋر-تاقەت كۆرسەتكۈڭ بولسىمۇ، مېنى يوقاتمىغايسەن! مېنىڭ سېنى دەپ خورلىنىۋاقانلىقىمنى بىلگەيسەن.    16 سۆزلىرىڭگە ئېرىشىپ، ئۇلارنى يەۋالدىم؛ سۆزلىرىڭ ھەم مېنى شادلاندۇرغۇچى ۋە قەلبىمنىڭ خۇشاللىقى بولغان؛ چۈنكى مەن سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغانمەن، ئى پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا! 17 مەن بەزمە قىلغۇچىلارنىڭ سورۇنىدا ئويناپ-كۈلۈپ ئولتۇرمىدىم؛ سېنىڭ مېنى تۇتقان قولۇڭ تۈپەيلىدىن يالغۇز ئولتۇردۇم؛ چۈنكى سەن مېنى ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى بىلەن قاتتىق غەزەپلەندۈردۇڭ. 18 مېنىڭ ئازابىم نېمىشقا توختىمايدۇ، مېنىڭ يارامنىڭ داۋاسى يوق، نېمىشقا شىپا تاپمايدۇ؟ سەن ماڭا خۇددى «ئالدامچى ئېرىق» ۋە تۇيۇقسىز غايىب بولىدىغان سۇلاردەك بولماقچىسەن؟  
 
پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىياغا بولغان جاۋابى
19 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ھازىرقى ھالىتىڭدىن يېنىپ يېنىمغا قايتساڭ، مەن قايتىدىن سېنى ئالدىمدىكى خىزمەتتە تۇرۇشقا ياندۇرۇپ كېلىمەن؛ سەن قىممەتلىك سۆزلەر بىلەن ئەرزىمەس سۆزلەرنى پەرقلەندۈرەلىسەڭ، سەن يەنە ئاغزىمدەك بولىسەن؛ بۇ خەلق سەن تەرەپكە قايتىپ كەلسۇن، لېكىن سەن ئۇلارنىڭ تەرىپىگە ھەرگىز قايتماسلىقىڭ كېرەك؛ 20 ۋە مەن سېنى بۇ خەلققە نىسبەتەن مىستىن قوپۇرۇلغان، مۇستەھكەم بىر سېپىل قىلىمەن؛ ئۇلار ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلالمايدۇ؛ چۈنكى مەن سېنى قۇتقۇزۇشقا، ئۇلاردىن خالاس قىلىشقا سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 21 ــ بەرھەق، مەن سېنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئەشەددىيلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزىدىغان نىجاتكارىڭ بولىمەن.
 
 
15:1 «پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «مۇسا ياكى سامۇئىل (پەيغەمبەرلەر) ئالدىمدا تۇرغان بولسىمۇ،...» ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايان بولىدۇكى، مۇسا ۋە سامۇئىل ھەزرەتلەر ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن كۆپ قېتىم گۇناھلىرىنى تىلىۋالغان (مەسىلەن، «مىس.» 32-باب، «1سام.» 7-بابنى كۆرۈڭ). 15:1 مىس. 32‏:14؛ 1سام. 7‏:9؛ ئ‍ەز. 14‏:14 15:2 «ئۆلۈمگە بېكىتىلگەنلەر ئۆلۈمگە... كېتىدۇ» ــ مۇشۇ يەردە «ئۆلۈم» بەلكىم ۋابا ئارقىلىق بولغان ئۆلۈمنى كۆرسىتىدۇ. 15:2 زەك. 11‏:9 15:3 لاۋ. 26‏:16؛ يەر. 7‏:33 15:4 «يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ يېرۇسالېمدا قىلغانلىرى ...» ــ «2پاد.» 21-بابنى كۆرۈڭ. 15:4 قان. 28‏:25 15:5 يەش. 51‏:19 15:6 يەر. 5‏:7 15:7 يەر. 4‏:11 15:8 «چۈش ۋاقتىدا مەن ئۇلارغا، يەنى يىگىتلەرنىڭ ئانىسىغا بىر ھالاك قىلغۇچىنى ئېلىپ كېلىمەن» ــ «چۈش ۋاقتى» بەلكىم دەم ئالىدىغان ۋاقىت، ھۇجۇم قىلىشقا مۇۋاپىق ئىدى. 15:9 ئام. 8‏:9 15:10 ئايۇپ 3؛ يەر. 20‏:14-18 15:11 «بەرھەق، مەن بەختىڭگە سېنى ئازاد قىلىمەن؛ كۈلپەت ۋە بالايىئاپەت بولغان كۈنىدە مەن ساڭا دۈشمەننى چىرايلىق ئۇچراشتۇرىمەن» ــ بۇ ئايەتتىكى ئىبرانىي تىلىنى چۈشىنىش تەس. ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، بۇ سۆزلەرنى خۇدا يەرەمىياغا، ياكى خەلققە ئېيتقانمۇ؟ خەلققە بولسا، تەرجىمىسى بەلكىم: «مەن ساڭا (ئاخىرىدا) ياخشى بولسۇن دەپ سېنى (زېمىنىڭدىن) نېرى كەتكۈزىمەن (دېمەك، سۈرگۈن قىلىمەن)؛ كۈلپەت ۋە بالايىئاپەت بولغان كۈنىدە مەن سېنى دۈشمەن بىلەن كۆرۈشتۈرىمەن». بىزنىڭچە سۆزلەر يەرەمىياغا ئېيتىلغان؛ 40-باب، 1-5-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ. 15:12 «شىمالدىن چىققان تۆمۈر، ياكى مىس سۇنامدۇ؟» ــ شۇ دەۋردە «قارا دېڭىز» بويىدا (شىمالدىن) ئىنتايىن قاتتىق بىرخىل تۆمۈر (ئەمەلىيەتتە، پولات) ئىشلەپ چىقىرىلاتتى. ئەسلى تېكىستنى چۈشىنىش تەس. باشقا بىر تەرجىمىسى: «(سىلەر) تۆمۈر ۋە مىستەك بىر خەلقسىلەر، سىلەر شىمالدىن كەلگەن تۆمۈرنى سۇندۇرالامسىلەر؟». 15:12 يەر. 6‏:28 15:13 «بەلكى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن، ئۇ چېتىڭدىن بۇ چېتىڭگىچە مەن بايلىقلىرىڭ ھەم خەزىنىلىرىڭنى ئولجا بولۇشقا ھەقسىز تاپشۇرىمەن؛ » ــ ئايەتنىڭ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «بەلكى ئۇ چېتىڭدىن بۇ چېتىڭگىچە قىلغان بارلىق گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن مەن بايلىقلىرىڭ ھەم خەزىنىلىرىڭنى ئولجا بولۇشقا ھەقسىز تاپشۇرىمەن». 15:13 يەر. 17‏:3 15:14 «مەن سېنى دۈشمەنلىرىڭ بىلەن بىللە سەن ھېچ بىلمەيدىغان بىر زېمىنغا ئۆتكۈزىمەن» ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى: «... مەن ئۇلارنى (بايلىقلىرىڭنى) دۈشمەنلىرىڭ بىلەن سەن ھېچ بىلمەيدىغان بىر زېمىنغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن» ياكى «سىلەرنى ھېچ بىلمەيدىغان بىر زېمىندا دۈشمەنلىرىڭنىڭ قۇللۇقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن». 15:14 قان. 32‏:22 15:15 «ماڭا يېقىن كېلىپ مەندىن خەۋەر ئالغايسەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «مېنى يوقلىغايسەن». «سەن ئۇلارغا سەۋر-تاقەت كۆرسەتكۈڭ بولسىمۇ، مېنى يوقاتمىغايسەن! مېنىڭ سېنى دەپ خورلىنىۋاقانلىقىمنى بىلگەيسەن» ــ يەرەمىيانىڭ دېمەكچى بولغىنى، خۇدا دۈشمەنلىرىگە سەۋر-تاقەت قىلىپ، ئۆزىنى (يەرەمىيانى) يەنە ئەۋەتىپ، ئۆزى ئارقىلىق ئۇلارغا توۋا قىلىش پۇرسىتى بەرمەكچى بولسا، ئۇنداقتا، ئەكسىچە، ئۇلار توۋا قىلماي، يەرەمىيانى ئۆلتۈرۈۋېتىش خەۋپ-خەتىرى بار ئىدى. 15:15 يەر. 11‏:20 15:17 زەب. 1‏:1 15:18 «سەن ماڭا خۇددى «ئالدامچى ئېرىق» ۋە تۇيۇقسىز غايىب بولىدىغان سۇلاردەك بولماقچىسەن؟» ــ ئوتتۇرا شەرقتە، چۆل-باياۋاندا بەزى ئېرىقلار توساتتىن يوقاپ كەتكەچكە، «ئالدامچى ئېرىق»لار دەپ ئاتىلىدۇ. شۇلارغا ئىشەنگەن، بويلاپ ماڭىدىغان يولۇچىلار بەلكىم ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. 15:18 ئايۇپ 6‏:15-30؛ يەر. 30‏:15 15:20 يەر. 1‏:18