22
پادىشاھقا ئېيتىلغان بىر سۆز
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «بارغىن، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىغا چۈشۈپ بۇ سۆزنى شۇ يەردە قىلغىن: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، ئى داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇچى، يەھۇدا پادىشاھى ــ سەن، ئەلەمدار-خىزمەتكارلىرىڭ ۋە مۇشۇ دەرۋازىلاردىن كىرىپ-چىقىدىغان خەلقىڭ، ــ
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈزۈڭلار؛ بۇلانغان كىشىنى ئەزگۈچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار؛ مۇساپىرلارنى، يېتىم-يېسىرلەرنى ۋە تۇل خوتۇنلارنى ھېچ خارلىماڭلار ياكى بوزەك قىلماڭلار، گۇناھسىز قانلارنى بۇ يەردە تۆكمەڭلار. سىلەر بۇ ئەمرلەرگە ھەقىقەتەن ئەمەل قىلساڭلار، ئەمدى داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھلار، يەنى ئۇلار، ئۇلارنىڭ ئەمەلدار-خىزمەتكارلىرى ۋە خەلقى جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ ۋە ئاتلارغا مىنىپ بۇ ئۆينىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ چىقىشىدۇ.    بىراق سىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىمىساڭلار، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم ئىچكەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بۇ ئوردا بىر خارابە بولىدۇ.
چۈنكى پەرۋەردىگار يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئۆيى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ماڭا خۇددى گىلېئاد، لىۋاننىڭ چوققىسىدەك بولغىنىڭ بىلەن، بەرھەق مەن سېنى بىر چۆل-باياۋان، ئادەملەر ۋاز كەچكەن شەھەرلەردەك قىلىمەن. مەن ھەربىرى ياخشى قوراللانغان ۋەيران قىلغۇچىلارنى ساڭا قارشى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار «ئېسىل كېدىرلىرىڭنى» كېسىۋېتىپ، ئوتقا تاشلايدۇ.    نۇرغۇن ئەللەر بۇ شەھەردىن ئۆتۈپ، ھەربىرى يېقىنىدىن: «نېمىشقا پەرۋەردىگار بۇ ئۇلۇغ شەھەرنى بۇنداق قىلغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ.
ۋە ئۇلار جاۋابەن: «چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئەھدىسىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرگەن» ــ دەيدۇ.
 
1-بېشارەت ــ يەھوئاھاز پادىشاھنىڭ جازاسى
10 ئۆلگىنىگە يىغلىماڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ-زارلىماڭلار؛ بەلكى سۈرگۈن بولغىنى ئۈچۈن قاتتىق يىغلاڭلار، چۈنكى ئۇ ئۆز يۇرتىغا ھېچقاچان قايتىپ كەلمەيدۇ.
11 چۈنكى يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئاتىسى يوسىيانىڭ ئورنىغا تەختىگە ئولتۇرغان، بۇ يەردىن سۈرگۈن بولغان شاللۇم توغرۇلۇق پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ھەرگىز بۇ يەرگە قايتمايدۇ؛ 12 چۈنكى ئۇ ئەسىر قىلىنىپ ئاپىرىلغان يۇرتتا ئۆلىدۇ، ئۇ بۇ زېمىننى ئىككىنچى كۆرمەيدۇ.
 
2-بېشارەت ــ يەھوئاكىم پادىشاھنىڭ جازاسى
13 ئۆيىنى ئادىلسىزلىق بىلەن، بالىخانا-راۋاقلىرىنى ئادالەتسىزلىك بىلەن قۇرغاننىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ قوشنىسىنى بىكار ئىشلىتىپ، ئەمگىكىگە ھېچقانداق ھەق بەرمەيدۇ؛    14 ئۇ: «ئۆزۈمگە كەڭتاشا بىر ئوردىنى، ئازادە راۋاقلار بىلەن قوشۇپ سالىمەن؛ تاملىرىغا دېرىزىلەرنى كەڭ چىقىرىمەن؛ تاملىرىنى كېدىر تاختايلار بىلەن بېزەيمەن، ئۆيلىرىنى پەرەڭ سىرلايمەن» ــ دەيدۇ. ئۇنىڭ ھالىغا ۋاي!
15 سەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان تاختايلارنى چاپلاپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭ بىلەن بەسلەشسەڭ قانداقمۇ پادىشاھ بولۇشقا لايىق بولىسەن؟ سېنىڭ ئاتاڭ يەپ-ئىچىشكە تەشەككۈر ئېيتىپ، ئادالەت ۋە دۇرۇس ئىشلارنى يۈرگۈزگەن ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ئۇ بۇنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرگەن. 16 ئۇ مۆمىنلەرنىڭ ۋە نامراتلارنىڭ دەۋاسىنى توغرا سورىغان؛ شۇڭا خەلقنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئىدى. بۇنداق ئىش مېنى تونۇشتىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 17 ــ بىراق كۆزۈڭ ۋە كۆڭلۈڭ بولسا پەقەت ئۆز جازانە-مەنپەئەتىڭگە ئېرىشىش، گۇناھسىزلارنىڭ قېنىنى تۆكۈش، زورلۇق-زۇمبۇلۇق ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىش پەيتىنى كۆزلەپ تىكىلگەندۇر.
18 شۇڭا پەرۋەردىگار يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىم توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ خەلق ئۇنىڭ ئۆلۈمىدە: «ئاھ، ئاكام! ئاھ، سىڭلىم!» دەپ ئاھ-زارلار كۆتۈرمەيدۇ؛ ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن: «ئاھ، بېگىم! ئاھ، ئۇنىڭ ھەيۋىسى!» دەپ ئاھ-زارلار كۆتۈرمەيدۇ؛ 19 ئۇ ئېشەكنىڭ دەپنىسىدەك كۆمۈلىدۇ، جەسىتى يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىنىڭ سىرتىغا چۆرۈپ تاشلىنىدۇ.  
 
يېرۇسالېمدىكىلەرگە ئاگاھ بېرىش
20 لىۋانغا چىقىپ پەرياد قىل، باشاندا ئاۋازىڭنى كۆتۈر، ئابارىمنىڭ چوققىلىرىدىنمۇ نالە كۆتۈر؛ چۈنكى سېنىڭ «ئاشنىلىرىڭ»نىڭ ھەممىسى نابۇت قىلىندى. 21 مەن ئامان-ئېسەن تۇرغىنىڭدا ساڭا ئاگاھلاندۇردۇم؛ لېكىن سەن: «ئاڭلىمايمەن!» ــ دېدىڭ. ياشلىقىڭدىن تارتىپلا بۇنداق قىلىپ مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالماسلىق دەل سېنىڭ يولۇڭ بولۇپ كەلگەن.    22 شامال بارلىق «باققۇچى»لىرىڭغا «باققۇچى» بولۇپ ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشنىلىرىڭ سۈرگۈن بولۇشقا چىقىدۇ؛ بەرھەق، سەن شۇ چاغدا بارلىق رەزىللىكىڭ تۈپەيلىدىن خىجىل بولۇپ رەسۋا بولىسەن. 23 ئى «لىۋان»دا تۇرغۇچى، كېدىر دەرەخلىرى ئۈستىگە ئۇۋىلىغۇچى، سەن تولغاق تۇتقان ئايالنىڭ ئازابلىرىدەك، دەرد-ئەلەملەر بېشىڭغا چۈشكەندە قانچىلىك ئىڭراپ كېتەرسەن!
 
3-بېشارەت، 30-1-ئايە •••• كونىيا، يەنى «يەھوئاكىن» پادىشاھ سۈرگۈن قىلىنىپ قايتىپ كەلمەيدۇ
24 ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سەن يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى كونىيا ھەتتا ئوڭ قولۇمدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈك بولساڭمۇ، مەن سېنى شۇ يەردىن يۇلۇپ تاشلايمەن؛
25 مەن سېنى جېنىڭنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا ۋە سەن قورققان ئادەملەرنىڭ قولىغا، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا ۋە كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. 26 مەن سېنى ھەم سېنى تۇغقان ئاناڭ ئىككىڭلارنى ئۆزۈڭلار تۇغۇلمىغان يات بىر يۇرتقا چۆرىۋېتىمەن؛ سىلەر شۇ يەردە ئۆلىسىلەر. 27 جېنىڭلار قايتىپ كېلىشكە شۇنچە تەشنا بولغان بۇ زېمىنغا بولسا، سىلەر ھەرگىز قايتىپ كېلەلمەيسىلەر. 28 كونىيا دېگەن بۇ كىشى چېقىلغان، نەزەرگە ئېلىنمايدىغان ساپال كوزىمۇ؟ ھېچكىم قارىمايدىغان بىر قاچىمۇ؟ ئەمدى نېمىشقا ئۇلار، يەنى ئۇ ۋە ئۇنىڭ نەسلى بولغانلار چۆرىۋېتىلگەن، ئۇلار تونۇمايدىغان بىر يۇرتقا تاشلىۋېتىلىدۇ؟ 29 ئى زېمىن، زېمىن، زېمىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا! 30 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ ئادەم «پەرزەنتسىز، ئۆز كۈنىدە ھېچ غەلىبە قىلالمىغان بىر ئادەم» دەپ يازغىن؛ چۈنكى ئۇنىڭ نەسلىدىن ھېچقانداق ئادەم غەلىبە قىلىپ، داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇپ يەھۇدا ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرمەيدۇ.
 
 
22:1 «بارغىن، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىغا چۈشۈپ بۇ سۆزنى شۇ يەردە قىلغىن» ــ بىزنىڭچە، بۇ سۆز بەلكىم زەدەكىيادىن ئىلگىرىكى بىر پادىشاھقا ئېيتىلغان بولسا كېرەك، چۈنكى بۇ سۆز بىرخىل «قۇتقۇزۇش» ئۈمىدىنى ئېلىپ كېلەتتى؛ لېكىن 21-باب، 12-14ئايەتلەردە زەدەكىيا پەقەت «جازالاش»نى كۈتىدۇ (ئۇنىڭغا ئىككى خىل جازا ئېلىپ كېلىنىدۇ). 22:3 يەر. 7‏:6؛ 21‏:12 22:4 «داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھلار، يەنى ئۇلار، ئۇلارنىڭ ئەمەلدار-خىزمەتكارلىرى...» ــ مۇشۇ يەردىكى «ئۇلار» ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ». مەلۇم بىر زاماندا داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھ پەقەت بىر بولىدۇ، ئەلۋەتتە. 22:4 يەر. 17‏:25 22:5 «مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم ئىچكەنكى..» ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن ئۆزۈم بىلەن قەسەم ئىچكەنكى...». 22:6 «سەن ماڭا خۇددى گىلېئاد، لىۋاننىڭ چوققىسىدەك...» ــ گىلېئاد ۋە لىۋان گۈزەل ئورمانلىقلىرى بىلەن داڭقى چىققان جايلاردۇر. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، پادىشاھنىڭ ئوردىسى ھەرخىل ياغاچلار بىلەن بېزەلگەنىدى. 22:7 «مەن ھەربىرى ياخشى قوراللانغان ۋەيران قىلغۇچىلارنى ساڭا قارشى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار «ئېسىل كېدىرلىرىڭنى» كېسىۋېتىپ، ئوتقا تاشلايدۇ» ــ ئوردىدىكى چىرايلىق ياغاچ تۈۋرۈك-ياساقلار توغرۇلۇق يۇقىرىقى 6-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. 22:7 يەر. 15‏:6 22:8 قان. 29‏:23؛ 1پاد. 9‏:8 22:10 «ئۆلگىنىگە يىغلىماڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ-زارلىماڭلار؛ بەلكى سۈرگۈن بولغىنى ئۈچۈن قاتتىق يىغلاڭلار...» ــ (ئىزاھات: ــ تۆۋەندىكى 10-30-ئايەتلەر بولسا، يەھۇدانىڭ ئۈچ پادىشاھىنىڭ جازاسى توغرۇلۇق بېشارەتلەردىن ئىبارەت. شۇڭا، بېشارەتلەر مىلادىيەدىن ئىلگىرى 609-597-يىللار مەزگىلىدە بېرىلگەن؛ شۈبھىسىزكى، يەرەمىيانىڭمۇ بۇ يەردە ئۇلارنى بىر يەردە بايان قىلىشنىڭ مەقسىتى، بۇ ئەرزىمەس پادىشاھلارنى 23-بابتىكى بېشارەتتە كۆرسىتىلگەن «ھەقىقىي باققۇچى» ــ يەنى مەسىھ بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. پادىشاھلار («خەلقنى باققۇچى») ئەيىبلىك (22)، يېرۇسالېمدىكىلەر ئۆزلىرىمۇ ئەيىبلىك (20-23)، چۈنكى ئۇلار بۇ پادىشاھلار («باققۇچىلار»)نىڭ ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇشىغا قىزىققان، ھەشەمەتلىك ئوردىسىدىن پەخىرلەنگەن؛ ئۇلار يەنە بۇ پادىشاھلارنىڭ چوقۇنغان بۇتلىرىغا چوقۇنغان، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ يات ئەلنىڭ پادىشاھلىرى («سېنىڭ ئاشنىلىرىڭ») بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىشىشلىرىنى تولۇق قوللىغان. ئۇنداق ئىتتىپاقلىشىش پەرۋەردىگارغا تايانماسلىقتىن ئىبارەت ئىدى). (1-بېشارەت (10-12) توغرۇلۇق ئىزاھات: ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرى 609-يىلى يوسىيا پادىشاھ مىسىر پادىشاھى پىرەۋن تەرىپىدىن جەڭدە ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ ئادالەتلىك-دىيانەتلىك پادىشاھ بولۇپ، نۇرغۇن خەلق ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە قاتتىق ئۆكۈنۈشتى. يەھوئاھاز تەختىدە ئۈچ ئايلا ئولتۇرغان، ئاندىن مىلادىيەدىن ئىلگىرى 609-597-يىللىرى پىرەۋن تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان. بۇ بېشارەت شۇ چاغدا بېرىلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا بېشارەتتىكى «ئۆلگىنى» بولسا يوسىيانى، «سۈرگۈن بولغىنى» بولسا يەھوئاھازنى كۆرسىتىدۇ). 22:11 «شاللۇم» ــ يەھوئاھازنىڭ بىرىنچى ئىسمى، مەنىسى «ھېساب ئېلىش» بولغاچقا، يەرەمىيا بەلكىم ئۇنى مۇشۇ يەردە قەستەن ئىشلىتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ھېساب ئېلىنىدىغان بولىدۇ. 22:12 «ئۇ ئەسىر قىلىنىپ ئاپىرىلغان يۇرتتا ئۆلىدۇ، ئۇ بۇ زېمىننى ئىككىنچى كۆرمەيدۇ.» ــ بۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى توغرىسىدا «2پاد.» 23:34نى كۆرۈڭ. 22:13 «ئۆيىنى ئادىلسىزلىق بىلەن، بالىخانا-راۋاقلىرىنى ئادالەتسىزلىك بىلەن قۇرغاننىڭ ھالىغا ۋاي!...» ــ بۇ يەھوئاكىمنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بېشارەت (13-19، 20-23) يەھوئاكىم توغرۇلۇق بېشارەت. «2پاد.» 34:23-6:24دىمۇ خاتىرىلەنگەن، پىرەۋن يەھوئاھازنى سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن ئۇكىسى يەھوئاكىمنى «قونچاق پادىشاھ» بولۇشقا تىكلىگەن. ئۇ ئون بىر يىل تەختكە ئولتۇرغان، رەزىل پادىشاھ ئىدى. يەھۇدىي تارىخشۇناس يوسېفۇس يەھوئاكىمنىڭ ئۆلۈمى بېشارەتتەك بولغانلىقىنى خاتىرىلىگەن (يوسېفۇسنىڭ «قەدىمكى ئىشلار»ى، 10-باب، 3:6). 22:13 لاۋ. 19‏:13؛ قان. 24‏:14،15؛ ھاب. 2‏:9 22:15 «سېنىڭ ئاتاڭ يەپ-ئىچىشكە تەشەككۈر ئېيتىپ، ئادالەت ۋە دۇرۇس ئىشلارنى يۈرگۈزگەن ئەمەسمۇ؟» ــ «ئاتاڭ» بولسا دۇرۇس پادىشاھ يوسىيا ئىدى. «...يەپ-ئىچىشكە تەشەككۈر ئېيتىپ...» ئىبرانىي تىلىدا پەقەت سۆزمۇسۆز بولسا: «ئۇ يېگەن ۋە ئىچكەن...» دېيىلىدۇ. 22:18 يەر. 16‏:4، 5، 6 22:19 «ئۇ ئېشەكنىڭ دەپنىسىدەك كۆمۈلىدۇ، جەسىتى يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىنىڭ سىرتىغا چۆرۈپ تاشلىنىدۇ» ــ يەھۇدىي تارىخشۇناس يوسېفۇسنىڭ دېگىنى بويىچە بولغاندا، نېبوقادنەسار ئۇنىڭ جەسىتىنى يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىدىن سىرتقا تاشلىۋەتكەنىدى. 22:19 يەر. 15‏:3؛ 36‏:30 22:20 «لىۋانغا چىقىپ پەرياد قىل، باشاندا ئاۋازىڭنى كۆتۈر، ئابارىمنىڭ چوققىلىرىدىنمۇ نالە كۆتۈر» ــ بۇ ئۈچ جاي (لىۋان، باشان، ئابارىم) ھەممىسى «يۇقىرى جاي»لار ئىدى. ئىسرائىلنىڭ ئېغىر بىر گۇناھى بولسا «يۇقىرى جاي»لارغا چىقىپ شۇ يەردە بۇتلارغا «تاۋاپگاھ» ياساپ ئۇلارغا چوقۇنۇشتىن ئىبارەت. لېكىن ئۇلارغا «ئاشنىلار» بولغان بۇتلارنىڭ ھەممىسى دۈشمەن تەرىپىدىن بۇزۇلىدۇ ياكى بۇلىنىپ كېتىدۇ (22-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). «ئاشنىلار» ئىككىنچى مەنىسى بەلكىم ئۇلار ئىتتىپاقداش قىلماقچى بولغان «يات ئەللەر»نىمۇ كۆرسىتىدۇ (22-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). 22:21 «مەن ئامان-ئېسەن تۇرغىنىڭدا ساڭا ئاگاھلاندۇردۇم» ــ بۇ بەلكىم يەرەمىيادىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 22:21 يەر. 5‏:23؛ 7‏:23-28؛ 11‏:7، 8؛ 13‏:10، 11؛ 16‏:12؛ 17‏:23؛ 18‏:12؛ 19‏:15 22:22 «باققۇچىلار» ــ «باققۇچىلار»، شۈبھىسىزكى، پادىشاھلار، ئاتالمىش «پەيغەمبەرلەر» ۋە كاھىنلارنى كۆرسىتىدۇ. «ئاشنىلار» بولسا بەلكىم ئۇلار چوقۇنغان بۇتلارنى ھەمدە يەنە ئۆزى بۇتلارغا چوقۇنغان ئىتتىپاقداش قىلماقچى بولغان «يات ئەللەر»نىمۇ كۆرسىتىدۇ (22-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). 22:23 «قانچىلىك ئىڭراپ كېتىسەن» ــ ياكى، «نېمىدېگەن ئېچىنارلىق بولارسەن-ھە!» 22:24 «سەن يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى كونىيا ھەتتا ئوڭ قولۇمدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈك بولساڭمۇ، مەن سېنى شۇ يەردىن يۇلۇپ تاشلايمەن...» ــ بۇ بېشارەت (24-30) يەھوئاكىن (قىسقا ئىسمى، كونىيا) پادىشاھ توغرۇلۇقتۇر. يەھوئاكىن مىلادىيەدىن ئىلگىرى 597-يىلى ئاتىسى يەھوئاكىمنىڭ ئورنىنى بېسىپ، ئۈچ ئايلا تەختتە ئولتۇرغان. ئۇ رەزىل پادىشاھ بولۇپ، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان. بۇ ئىشلار «2پاد.» 34:23-6:24دە خاتىرىلەنگەن). ئەمەلىيەتتە يەھوئاكىن (كونىيا، ياكى يەكونىياھ) ۋە يەھۇدانىڭ بارلىق پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ھوقۇقىنىڭ ۋەكىلى بولغاچقا، ئۇلارنى ئۇنىڭ «مۆھۈرلۈك ئۈزۈك»ى دېگىلى بولاتتى. ئوقۇرمەنلەر بىر پادىشاھنىڭ «مۆھۈرلۈك ئۈزۈك»ىنىڭ ئۆزىگە شۇنچە مۇھىم ۋە قەدىرلىك بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ؛ ئەگەر خۇدا «مۆھۈرلۈك ئۈزۈك»نى تاشلىۋەتكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۈزۈكتە ئىنتايىن يىرگىنچلىك بىر ئىش چوقۇم پەيدا بولغان بولۇشى كېرەك ئىدى. 22:30 «بۇ ئادەم «پەرزەنتسىز، ئۆز كۈنىدە ھېچ غەلىبە قىلالمىغان بىر ئادەم» دەپ يازغىن؛ چۈنكى ئۇنىڭ نەسلىدىن ھېچقانداق ئادەم غەلىبە قىلىپ، داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇپ يەھۇدا ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرمەيدۇ» ــ بۇ 30-ئايەتتىكى مۇھىم بىر بېشارەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزگە قاراڭ.