26
يەرەمىيا «ساختا پەيغەمبەر» دەپ شىكايەت قىلىنىدۇ
يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىم تەختكە ئولتۇرغان مەزگىلنىڭ بېشىدا شۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرگەن يەھۇدانىڭ بارلىق شەھەرلىرىدىكىلەرگە مەن ساڭا بۇيرۇغان ھەربىر سۆزلەرنى جاكارلىغىن؛ ئەينەن ئېيتقىن! ئۇلار بەلكىم ئاڭلاپ قويار، ھەربىرى ئۆز رەزىل يولىدىن يانار؛ شۇنداق قىلسا، مەن قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن بېشىغا كۈلپەت چۈشۈرمەكچى بولغان نىيىتىمدىن يانىمەن. سەن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا قۇلاق سالماي، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويغان تەۋرات-قانۇنۇمدا ماڭمىساڭلار، مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەۋەتكەن خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىساڭلار (سىلەر ئۇلارغا ھېچ قۇلاق سالماي كەلگەنسىلەر!)، ئۇنداقتا، مەن شىلوھنى قانداق قىلغان بولسام، ئەمدى بۇ ئۆينىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىمەن، بۇ شەھەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەرگە لەنەت سۆزى قىلىمەن».  
شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار، پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق خەلق يەرەمىيانىڭ بۇ سۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە جاكارلىغانلىقىنى ئاڭلىدى.
شۇنداق بولدىكى، يەرەمىيا بارلىق خەلققە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا تاپىلىغان بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، كاھىنلار ۋە پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق خەلق ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: «سەن چوقۇم ئۆلۈشۈڭ كېرەك! سەن نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بېشارەت بېرىپ: «بۇ ئۆي شىلوھدەك بولىدۇ، بۇ شەھەر خارابە، ئادەمزاتسىز بولىدۇ!» ــ دېدىڭ؟» ــ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خەلق يەرەمىياغا دوق قىلىپ ئۇنى ئورىۋېلىشتى. 10 يەھۇدا ئەمىرلىرى بۇ ئىشلارنى ئاڭلىدى؛ ئۇلار پادىشاھلىق ئوردىسىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى «يېڭى دەرۋازا»دا سوتقا ئولتۇردى. 11 كاھىنلار ۋە پەيغەمبەرلەر ئەمىرلەرگە ۋە خەلققە سۆزلەپ: «بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق، چۈنكى سىلەر ئۆز قۇلاقلىرىڭلار بىلەن ئاڭلىغاندەك ئۇ مۇشۇ شەھەرنى ئەيىبلەپ بېشارەت بەردى» ــ دېدى.
12 ئاندىن يەرەمىيا بارلىق ئەمىرلەرگە ۋە بارلىق خەلققە سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار مېنى بۇ ئۆينى ئەيىبلەپ، بۇ شەھەرنى ئەيىبلەپ، سىلەر ئاڭلىغان بۇ بارلىق سۆزلەر بىلەن بېشارەت بېرىشكە ئەۋەتكەن. 13 ھازىر يوللىرىڭلارنى ۋە قىلمىشىڭلارنى تۈزىتىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار! شۇنداق بولغاندا، پەرۋەردىگار سىلەرگە جاكارلىغان كۈلپەتتىن يانىدۇ. 14 لېكىن مەن بولسام، مانا، قوللىرىڭلاردىمەن؛ ماڭا كۆزۈڭلەرگە نېمە ياخشى ۋە دۇرۇس كۆرۈلسە شۇنداق قىلىڭلار؛ 15 پەقەت شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭلەر گۇناھسىز قاننىڭ جازاسىنى ئۆز بېشىڭلارغا، بۇ شەھەرگە ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىسىلەر؛ چۈنكى دېگىنىم ھەق، پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قۇلاقلىرىڭلارغا دېيىشكە مېنى ئەۋەتكەن».
16 ئەمىرلەر ۋە بارلىق خەلق كاھىنلارغا ۋە پەيغەمبەرلەرگە: «بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق ئەمەس؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ نامىدا بىزگە سۆزلىدى» ــ دېدى. 17 ئاندىن زېمىندىكى بەزى ئاقساقاللار ئورنىدىن تۇرۇپ خەلق كېڭىشىگە مۇنداق دېدى: ــ
18 «مورەشەتلىك مىكاھ يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ كۈنلىرىدە بارلىق يەھۇدا خەلقىگە بېشارەت بېرىپ: ــ
«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
زىئون تېغى ئېتىزدەك ئاغدۇرۇلىدۇ،
يېرۇسالېم دۆڭ-تۆپىلەر بولۇپ قالىدۇ،
«ئۆي جايلاشقان تاغ» بولسا،
ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى جايلارلا بولىدۇ، خالاس» ــ دېگەنىدى.
  
19 يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيا ۋە بارلىق يەھۇدا خەلقى مىكاھنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغانمۇ؟ ھەزەكىيا پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنگەن ئەمەسمۇ؟ ۋە پەرۋەردىگار ئۇلارغا قىلماقچى بولۇپ جاكارلىغان كۈلپەتتىن يانغان ئەمەسمۇ؟ بىز بۇ يولدىن يانمىساق ئۆز جېنىمىز ئۈستىگە زور بىر كۈلپەتنى چۈشۈرگەن بولمامدىمىز؟».
20 (پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يەرەمىيانىڭ بارلىق دېگەنلىرىدەك بۇ شەھەرنى ۋە بۇ زېمىننى ئەيىبلەپ بېشارەت بەرگەن، كىرىئات-يېئارىملىق شەمايانىڭ ئوغلى ئۇرىيا ئىسىملىك يەنە بىر ئادەم بار ئىدى. 21 پادىشاھ يەھوئاكىم ۋە بارلىق پالۋانلىرى، بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، پادىشاھ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئىنتىلگەن؛ لېكىن ئۇرىيا بۇنى ئاڭلىغاندا قورقۇپ، مىسىرغا قاچتى. 22 لېكىن يەھوئاكىم چاپارمەنلەرنى، يەنى ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتان ۋە باشقىلارنى مىسىرغا ئەۋەتكەن؛ 23 ئۇلار ئۇرىيانى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ پادىشاھ يەھوئاكىمنىڭ ئالدىغا ئاپارغان؛ ئۇ ئۇنى قىلىچلاپ، جەسىتىنى پۇقرالارنىڭ گۆرلۈكىگە تاشلىۋەتكەن). 24 ــ ھالبۇكى، شۇ چاغدا شافاننىڭ ئوغلى ئاھىكام ئۇلارنىڭ يەرەمىيانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ خەلقنىڭ قولىغا تاپشۇرماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى قوللىدى.
 
 
26:2 «سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ ... يەھۇدانىڭ بارلىق شەھەرلىرىدىكىلەرگە مەن ساڭا بۇيرۇغان ھەربىر سۆزلەرنى جاكارلىغىن؛ ئەينەن ئېيتقىن! » ــ 26-بابتىكى خاتىرىلەر ۋە بېشارەت بەلكىم 7-بابتىمۇ خاتىرىلەنگەن، ئىبادەتخانا ئىچىدە بولغان ۋەقەنىڭ تەكرارلىنىشى بولۇشى مۇمكىن. 3-6-ئايەتلەر يەرەمىيانىڭ شۇ چاغدا ئىبادەتخانىدا بەرگەن بېشارىتىنىڭ يەكۈنى. مۇشۇ يەردىكى تەكرارلىنىشنىڭ مەقسىتى بولسا، خەلقنىڭ بېشارەتكە بولغان ئىنكاسىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر. 26:3 يەر. 18‏:8 26:5 يەر. 7‏:13،25؛ 11‏:7؛ 25‏:3 26:6 «مەن شىلوھنى قانداق قىلغان بولسام، ئەمدى بۇ ئۆينىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىمەن» ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرى ئەسلى «شىلوھ» دېگەن شەھەردە تىكىلگەن. ئىسرائىلنىڭ خۇداغا بولغان ۋاپاسىزلىقى تۈپەيلىدىن ئۇ ۋەيران قىلىنىپ، خۇدانىڭ «ئەھدە ساندۇقى» دۈشمەن تەرىپىدىن ئۇ يەردىن بۇلاپ كېتىلىشى بىلەن شىلوھ «خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۇنىڭدىن يوقاپ كەتكەن جاي» دەپ ئاتالغان («1سام.» 4-بابنى كۆرۈڭ). 26:6 1سام. 4‏:12؛ زەب. 78‏:60؛ يەر. 7‏:12،14 26:13 يەر. 7‏:3 26:18 «مورەشەتلىك مىكاھ» ــ مىكاھ پەيغەمبەرنىڭ يۇرتى «مورەشەت» ئىدى («مىك.» 1:1). ««ئۆي جايلاشقان تاغ» بولسا، ..» ــ مىكاھ «مۇقەددەس ئۆي» ياكى «ئىبادەتخانا» دېمەيدۇ ــ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئۇ پەقەت ئاددىي بىر «ئۆي» بولۇپ قالغان. بۇ بېشارەت ھەزەكىيا پادىشاھنى بەلكىم چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن. 100 يىلدىن كېيىن بۇ ئاقساقاللار بېشارەتنىڭ ھەزەكىياغا بولغان تەسىرىنى تىلغا ئېلىپ، پادىشاھى يەھوئاكىمغا تەسىر يەتكۈزمەكچى بولۇپ، بېشارەتنى نەقىل كەلتۈرىدۇ. ««ئۆي جايلاشقان تاغ» بولسا، ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى جايلارلا بولىدۇ» ــ «مىك.» 12:3. «يۇقىرى جايلار» دېگىنى كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپتۇر. چۈنكى يەھۇدادىكىلەر ھەردائىم «يۇقىرى جايلار»دا بۇتخانىلارنى سېلىپ شۇ يەرلەردە بۇتلارغا چوقۇنغان. لېكىن شۇ چاغلاردا يېرۇسالېم بۇتقا چوقۇنغان جايدەك «ھارام» بولۇپ قالىدۇ، ھەمدە ئورمانلىقنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ئازپاز چېلىقىدىغان بىر قىسمىدىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس! 26:18 مىك. 1‏:1؛ 3‏:12 26:23 «ئۇلار ئۇرىيانى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ پادىشاھ يەھوئاكىمنىڭ ئالدىغا ئاپارغان؛ ئۇ ئۇنى قىلىچلاپ، جەسىتىنى پۇقرالارنىڭ گۆرلۈكىگە تاشلىۋەتكەن» ــ بۇ ۋەقە بەلكىم يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن يۈز بەرگەن. لېكىن ئۇنىڭ تەپسىلاتلىرىنى مۇشۇ يەردە (20-23-ئايەتتىكى تىرناق ئىچىگە) كىرگۈزۈشتىكى مەقسەت، يەرەمىيا ئۇچرىغان خەۋپ-خەتەرنى كۆرۈنەرلىك قىلىپ كۆرسىتىشتىن ئىبارەت.