40
يەرەمىيا ئىككىنچى قېتىم ئازاد قىلىنىپ قويۇۋېتىلىدۇ
قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئۇنى راماھ شەھىرىدىن قويۇۋەتكەندە، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا سۆز قىلدى. ئۇ چاغدا نېبۇزار-ئادان يېرۇسالېم ھەم يەھۇدادىكى بارلىق ئەسىرلەرنى ئېلىپ بابىلغا سۈرگۈن قىلماقچى ئىدى؛ يەرەمىيامۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زەنجىر بىلەن باغلانغان ھالدا ئېلىپ مېڭىلغانىدى.
قاراۋۇل بېگى يەرەمىيانى بىر چەتكە تارتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭ مۇشۇ يەرگە بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن دەپ ئاگاھلاندۇردى؛ مانا، پەرۋەردىگار ئۆز دېگىنى بويىچە شۇنداق قىلىپ ئۇنى كەلتۈردى؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلغانسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغانسىلەر؛ شۇڭا بۇ ئىش بېشىڭلارغا چۈشتى. لېكىن مەن قولۇڭنى ئىشكەللەنگەن زەنجىرلەردىن يېشىپ سېنى قويۇۋېتىمەن؛ مەن بىلەن بىللە بابىلغا بېرىش ساڭا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، قېنى كەل، مەن سەندىن خەۋەر ئالىمەن؛ ئەمما مەن بىلەن بىللە بابىلغا بېرىشنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىساڭ، كېرەك يوق. مانا، پۈتكۈل زېمىن ئالدىڭدا تۇرىدۇ؛ قەيەرگە بېرىش ساڭا لايىق، دۇرۇس كۆرۈنسە شۇ يەرگە بارغىن».
يەرەمىيا تېخى يېنىدىن ماڭماي تۇرۇپ، نېبۇزار-ئادان ئۇنىڭغا: «بولدى، شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ يېنىغا قايت؛ بابىل پادىشاھى ئۇنى يەھۇدادىكى شەھەرلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا بەلگىلىگەن؛ خەلق ئارىسىدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرىۋەر، ياكى ھەرقانداق باشقا يەرگە باراي دېسەڭ شۇ يەرگە بارغىن» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن قاراۋۇل بېگى ئۇنىڭغا ئوزۇق-تۈلۈك ھەمدە بىر سوۋغات بېرىپ ئۇنى قويۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا مىزپاھ شەھىرىگە، شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇقرالار ئارىسىدا تۇردى.
 
مىزپاھ شەھىرى «يەھۇدا ئۆلكە»سىنىڭ يېڭى مەركىزى قىلىنىدۇ
دالادا قالغان يەھۇدانىڭ لەشكەر باشلىقلىرى ھەم لەشكەرلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى زېمىن ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا بەلگىلىگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا بابىلغا سۈرگۈن بولمىغان زېمىندىكى يوقسۇل ئەر-ئاياللار بالا-چاقىلىرى بىلەن تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى؛ شۇنىڭ بىلەن بۇ لەشكەر باشلىقلىرى ئادەملىرى بىلەن مىزپاھ شەھىرىگە، گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى؛ باشلىقلىرى بولسا نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىل، كارېئاھنىڭ ئوغۇللىرى يوھانان ھەم يوناتان، تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سېرايا، نەتوفاتلىق ئەفاينىڭ ئوغۇللىرى ۋە مائاكاتلىق بىرسىنىڭ ئوغلى يەزانىيا ئىدى. شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيا ئۇلار ۋە ئادەملىرىگە: «كالدىيلەرگە بېقىنىشتىن قورقماڭلار؛ زېمىندا ئولتۇراقلىشىپ بابىل پادىشاھىغا بېقىنىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار سىلەرگە ياخشى بولىدۇ. 10 مەن بولسام كالدىيلەر زېمىنغا كەلگەندە سىلەرگە ۋەكىل بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇش ئۈچۈن مىزپاھ شەھىرىدە تۇرىمەن؛ سىلەر بولساڭلار، شاراب، ئەنجۈر-خورمىلار ۋە زەيتۇن مېيى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كۈپ-ئىدىشىڭلارغا قويۇڭلار، ئۆزۈڭلار تۇتقان شەھەرلەردە تۇرىۋېرىڭلار» ــ دەپ قەسەم ئىچتى.
11 ئوخشاشلا موئابدا، ئاممونىيلار ئارىسىدا، ئېدومدا ھەم باشقا ھەربىر يۇرتلاردا تۇرغان يەھۇدىيلارمۇ بابىل پادىشاھى يەھۇدادا خەلقنىڭ بىر قالدىسىنى قالدۇرغان ۋە ئۇلار ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيانى بەلگىلىگەن دەپ ئاڭلىدى؛ 12 شۇنىڭ بىلەن بارلىق يەھۇدىيلار ھەيدەپ تارقىتىۋېتىلگەن ھەممە جاي-يۇرتلاردىن قايتىپ، يەھۇدا زېمىنىغا، مىزپاھ شەھىرىگە، گەدالىيانىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار شاراب، ئەنجۈر-خورمىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى زور كەڭرىچىلىكتە ئالدى.
 
ئىشمائىل گەدالىيانى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، مىزپاھدىكى خەلقنى ئەسىرگە ئالىدۇ
13 كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە دالادا قالغان لەشكەرلەرنىڭ بارلىق باشلىقلىرى مىزپاھ شەھىرىگە، گەدالىيانىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: 14 «سەن ئاممونىيلار پادىشاھى بائالىس نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىلنى سېنى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» ــ دېيىشتى. لېكىن ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىيا ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىشەنمىدى.
15 كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان مىزپاھدا گەدالىياغا ئاستىرتىن سۆز قىلىپ: «ماڭا رۇخسەت قىلغايسەن، باشقىلار ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپقۇچە مەن بېرىپ نەتانىيانىڭ ئوغلى ئىشمائىلنى ئۆلتۈرەي؛ ھېچكىم بۇنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ سېنى ئۆلتۈرۈپ، شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىڭغا يىغىلغان يەھۇدادىكىلەرنىڭ ھەممىسى تارقىتىۋېتىلىپ، يەھۇدانىڭ قالدىسى يوقىتىۋېتىلىشىنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟ ــ دېدى.
16 بىراق گەدالىيا كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانانغا: «سەن ئۇنداق قىلما؛ چۈنكى سەن ئىشمائىل توغرۇلۇق يالغان ئېيتىۋاتىسەن» ــ دېدى.
 
 
40:1 «قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئۇنى راماھ شەھىرىدىن قويۇۋەتكەندە، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا سۆز قىلدى...» ــ نېبۇزار-ئادان ئاللىقاچان يەرەمىيا توغرۇلۇق «يېرۇسالېمدا تۇرۇۋەرسۇن» دەپ پەرمان چۈشۈرگەنىدى (11:39-14نى كۆرۈڭ). ئۇنىڭ «خەلق ئارىسىدا» تۇرغانلىقى تۈپەيلىدىن، بەلكىم تاسادىپىيلىقتىن ئۇلار سۈرگۈن قىلىنغاندا ئۇلار بىلەن تەڭ ئېلىپ كېتىلگەنىدى. «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كەلدى» ــ 2-5-ئايەتلەرگە قارىغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ بۇ سۆزى «كاپىر» بولغان، بابىللىق لەشكەر نېبۇزار-ئادان ئارقىلىق كەلدى! 40:8 «مائاكاتلىق بىرسىنىڭ ئوغلى يەزانىيا» ــ «جەزانىيا»نىڭ باشقا شەكلى «يائازانىيا» ــ «2پاد.» 23:25نى كۆرۈڭ.