49
«4» ئاممونىيلار توغرۇلۇق ھۆكۈم
ئاممونىيلار توغرۇلۇق. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىلنىڭ پەرزەنتلىرى يوقمىكەن؟ ئۇنىڭ مىراسخورلىرى يوقمىدۇ؟ ئەمدى نېمىشقا مىلكوم گادنىڭ زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلدى، مىلكومغا تەۋە بولغان خەلق نېمىشقا گادنىڭ شەھەرلىرىدە تۇرىدۇ؟    شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە جەڭ سادالىرىنى ئاڭلىتىمەن؛ ئۇ خارابىلىك دۆڭ بولىدۇ؛ تەۋە شەھەرلىرى ئوت قويۇپ كۈيدۈرۈلىدۇ؛ ئىسرائىل قايتىدىن ئۆزلىرىنى ئىگىلىۋالغانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ زارلاڭلار، ئى ھەشبون! چۈنكى ئايى شەھىرى خارابە قىلىنغان! رابباھ قىزلىرى، ئۆزۈڭلارغا بۆز رەختنى باغلاپ ماتەم تۇتۇڭلار؛ سېپىل ئىچىدە ئۇيان-بۇيان پاتىپاراق يۈگۈرۈڭلار؛ چۈنكى مىلكوم ۋە ئۇنىڭ كاھىنلىرى، ئۇنىڭغا تەۋەلىك ئەمىرلىرى سۈرگۈن بولىدۇ.    نېمىشقا كۈچ-ھەيۋىتىڭنى داڭلايسەن؟ سېنىڭ كۈچۈڭ ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ، ئى: «كىم ماڭا يېقىنلىشىشقا پېتىنالىسۇن؟» دەپ ئۆز بايلىقلىرىڭغا تايانغان، ئاسىيلىق قىلغۇچى قىز! مانا، مەن بارلىق ئەتراپىڭدىكىلەردىن ۋەھشەت چىقىرىپ ئۈستۈڭگە چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەربىرىڭلار ھەيدىۋېتىلىسىلەر، ئالدى-كەيبىڭگە قارىماي قاچىسىلەر؛ قاچقانلارنى يەنە يىغغۇچى ھېچكىم بولمايدۇ. لېكىن كېيىنكى كۈنلەردە، ئاممونىيلارنى سۈرگۈنلۈكىدىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
 
«5» ئېدوم توغرۇلۇق ھۆكۈم
ئېدوم توغرۇلۇق: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ تېماندا ھازىر دانالىق تېپىلمامدۇ؟ دانىشمەنلىرىدىن نەسىھەت يوقاپ كەتتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ دانالىقىنى دات بېسىپ قالغانمۇ؟!    بۇرۇلۇپ قېچىڭلار، پىنھان جايلاردىن تۇرالغۇ تېپىپ تۇرۇڭلار، ئى دېداندا تۇرۇۋاتقانلار! چۈنكى مەن ئەساۋغا تېگىشلىك بالايىئاپەتنى، يەنى ئۇنى جازالايدىغان كۈنىنى بېشىغا چۈشۈرىمەن.    ئۈزۈم ئۈزگۈچىلەر يېنىڭغا كەلسىمۇ، ئۇلار ئازراق ۋاساڭلارنى قالدۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئوغرىلار كېچىلەپ يېنىڭغا كىرسىمۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە چۇشلۇقلا بۇزۇپ، ئوغرىلايدۇ ئەمەسمۇ؟    10 مەن ئەساۋنى يالىڭاچلىۋېتىمەن، ئۇ يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالمىغۇچە دالدا جايلىرىنى ئېچىپ تاشلايمەن؛ ئۇنىڭ نەسلى، قېرىنداشلىرى ھەم قوشنىلىرى يوقايدۇ؛ ئۇ ئۆزى يوق بولىدۇ. 11 لېكىن يېتىم-يېسىرلىرىڭنى قالدۇر، مەن ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلايمەن؛ تۇل خوتۇنىڭلار ماڭا تايانسۇن. 12 چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، غەزىپىمنىڭ قەدەھىدىن ئىچىشكە تېگىشلىك بولمىغانلار چوقۇم ئۇنىڭدىن ئىچمەي قالمايدىغان يەردە، سەن جازالانماي قالامسەن؟ سەن جازالانماي قالمايسەن؛ سەن چوقۇم ئۇنىڭدىن ئىچىسەن. 13 چۈنكى ئۆز نامىم بىلەن قەسەم ئىچكەنمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بوزراھ دەھشەت باسىدىغان ھەم رەسۋا قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكتى، خارابىلىك ۋە لەنەت سۆزى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى دائىملىق خارابىلىك بولىدۇ.
14 مەن پەرۋەردىگاردىن شۇ بىر خەۋەرنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم، ــ ۋە بىر ئەلچى ئەللەر ئارىسىغا ئەۋەتىلگەنىدى ــ
ئۇ: «ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىڭلار! ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار!» ــ دەپ خەۋەر بېرىدۇ.  
15 مانا، مەن سېنى ئەللەر ئارىسىدا كىچىك،
ئىنسانلار ئارىسىدا كەمسىتىلگەن قىلىمەن.
16 سېنىڭ ئۆزگىلەرگە دەھشەت سالىدىغانلىقىڭ،
كۆڭلۈڭدىكى تەكەببۇرلۇقۇڭ ئۆزۈڭنى ئالداپ قويدى؛
ھەي تىك قىيانىڭ يېرىقلىرى ئىچىدە تۇرغۇچى،
تۇرالغۇڭ ئېگىزلىكنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە بولغۇچى،
گەرچە سەن چاڭگاڭنى بۈركۈتنىڭكىدەك يۇقىرى ياسىساڭمۇ،
مەن شۇ يەردىن سېنى چۈشۈرىۋېتىمەن،
ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.  
17 ــ ۋە ئېدوم تولىمۇ ۋەھىمىلىك بولىدۇ؛
ئېدومدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بارلىق يارا-ۋابالىرى تۈپەيلىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈپ، ئۇش-ئۇش قىلىدۇ.
18 سودوم، گوموررا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى بىلەن بىرگە ئۆرۈۋېتىلگەندەك ئېدوممۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئىنسان بالىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشمايدۇ. 19 مانا، ئىئوردان دەرياسىدىكى چاۋار-چاتقاللىقتىن چىقىپ، دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ سۇلار بويىدىكى يايلاقتىكى قويلارنى تارقاتقان بىر شىردەك مەن ئېدومدىكىلەرنى بەدەر قاچقۇزىمەن. ئەمدى كىمنى خالىسام مەن ئۇنى ئېدومنىڭ ئۈستىگە تىكلەيمەن؛ چۈنكى ماڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ كىم مېنىڭدىن ھېساب ئېلىشقا مېنى چاقىرالايدۇ؟ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرالايدىغان پادا باققۇچى بارمۇ؟    20 شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئېدومنى جازالاشتىكى مەقسىتىنى، شۇنىڭدەك تېماندىكىلەرنى جازالاش نىيىتىنى ئاڭلاڭلار: ئۇلارنىڭ كىچىكلىرىمۇ تارتىپ ئېپكېتىلىدۇ؛ بەرھەق، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ يايلىقىنى ۋەيرانە قىلىدۇ. 21 ئۇلارنىڭ يىقىلىپ كەتكەن ساداسىنى ئاڭلاپ يەر يۈزىدىكىلەر تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ نالە-پەريادلىرى «قىزىل دېڭىز»غىچە ئاڭلىنىدۇ. 22 مانا، بىرسى بۈركۈتتەك قانات يېيىپ پەرۋاز قىلىپ، بوزراھ ئۈستىگە شۇڭغۇپ چۈشىدۇ. شۇ كۈنى ئېدومدىكى پالۋانلارنىڭ يۈرىكى تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭ يۈرىكىدەك بولىدۇ.  
 
«6» سۇرىيە پايتەختى دەمەشق توغرۇلۇق ھۆكۈم
23 دەمەشق توغرۇلۇق: ــ
خامات، ئارپاد شەھىرىدىكىلەر خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار شۇم خەۋەر ئاڭلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ كېتىدۇ؛ داۋۇلغۇپ كەتكەن دېڭىزدەك ئۇلار ھېچ تىنچلىنالمايدۇ.    24 دەمەشق زەئىپلەشتى، قېچىشقا بۇرۇلىدۇ؛ ئۇنى ۋەھىمە باسىدۇ؛ ئازابلار تولغاققا چۈشكەن ئايالنى تۇتقاندەك، ئازاب ۋە دەرد-قايغۇ ئۇنى تۇتىدۇ. 25 نام-داڭقى چىققان يۇرت، مەن ھۇزۇر ئالغان شەھەر شۇ دەرىجىدە تاشلىۋېتىلگەن بولىدۇ! 26 شۇڭا ئۇنىڭ يىگىتلىرى كوچىلىرىدا يىقىلىدۇ، جەڭگىۋار پالۋانلار شۇ كۈنى يوقىتىلىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ 27 ــ ھەم مەن دەمەشقنىڭ سېپىلىگە بىر ئوت ياقىمەن، ئۇ بەن-ھادادنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ.  
 
«7» كېدار ھەم ھازور توغرۇلۇق ھۆكۈم
28 بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەڭگەن كېدار توغرۇلۇق ھەم ھازورنىڭ پادىشاھلىقلىرى تۇغۇلۇق سۆز: ــ
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
«ئورنۇڭدىن تۇر، كېدارغا ھۇجۇم قىلىپ، شەرقتىكى ئادەملەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىل!» ــ دېيىلىدۇ؛ 29 ھۇجۇم قىلغانلار ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى ھەم پادىلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ چېدىر پەردىلىرى، بارلىق قاچا-قۇچا، تۆگىلىرىنى بۇلاپ كېتىدۇ؛ خەق ئۇلارغا: «تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ!» دەپ ۋارقىرايدۇ. 30 قېچىپ كېتىڭلار، بەدەر تىكىپ پىنھان جايلاردىن تۇرالغۇ تېپىپ تۇرۇڭلار، ئى ھازوردىكىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار سىلەرگە جەڭ قىلىشقا قەست قىلغان، سىلەرگە قاراپ نىيىتى بۇزۇلغان.
31 ــ ئورنۇڭدىن تۇر، سېپىل-دەرۋازىلارغا ئىگە بولمىغان ئارامخۇدا ياشاپ، تىنچ-ئامان تۇرغان ئەلگە جەڭ قىلىشقا چىق؛ ئۇلار يالغۇز تۇرىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، 32 ــ ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى ئولجا، توپ-توپ مال-ۋارانلىرى غەنىيمەت بولىدۇ؛ مەن چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرگەنلەرنى تۆت شامالغا تارقىتىمەن، ئۇلارنىڭ بېشىغا ھەر ئەتراپىدىن كۈلپەت چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛    33 ــ ھازور بولسا چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسى، مەڭگۈگە ۋەيرانە بولىدۇ. ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئىنسان بالىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشمايدۇ.
 
«8» ئېلام توغرۇلۇق ھۆكۈم
34 يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى مۇنداق ئىدى: ــ
35 ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئېلامنىڭ غوللۇق كۈچى بولغان ئوقياسىنى سۇندۇرىمەن. 36 ئاسمانلارنىڭ تۆت چېتىدىن تۆت شامالنى چىقىرىپ ئېلامنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ مەن ئۇلارنى بۇ تۆت شامالغا تارقىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئېلامدىن ھەيدەلگەنلەرنىڭ بارمايدىغان ئەل-مەملىكەتلەر قالمايدۇ. 37 مەن ئېلامنى دۈشمەنلىرى ئالدىدا ھەم جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا دەككە-دۈككىگە چۈشۈرىمەن؛ دەھشەتلىك غەزىپىمنى بېشىغا تۆكۈپ، كۈلپەتلەرنى چۈشۈرىمەن؛ ئۇلارنى بەربات قىلغۇچە مەن قىلىچنى ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا ئەۋەتىمەن. 38 مەن ئۆز تەختىمنى ئېلامدا تىكلەيمەن، شۇ يەردىن پادىشاھى ۋە شاھزادىلىرىنى يوق قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
39 ــ لېكىن ئاخىرقى زامانلاردا، مەن ئېلامنى سۈرگۈنلۈكىدىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
 
 
49:1 «مىلكوم» ــ ئاممونىيلار چوقۇنغان بۇت ئىدى. گاد بولسا ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ بىرى؛ ئۇلارغا ئەسلىدە تەقسىم قىلىنغان زېمىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقى تەرىپىدە ئىدى. يەرەمىيا بېشارەت بەرگەن ۋاقىتتا، گادتىكىلەر خېلى بالدۇر ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن سۈرگۈن بولغانىدى. كېيىن ئەسلىي قوشنىلىرى بولغان ئاممونىيلار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋالغانىدى. خۇدا ئۇلارغا: «بۇ زېمىننى ئۆز خەلقىمگە تەقسىم قىلغانىدىم، ئۇلار قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا قايتىدىن ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. 49:1 ئام. 1‏:13 49:2 ئام. 1‏:14 49:3 «سېپىل ئىچىدە ئۇيان-بۇيان پاتىپاراق يۈگۈرۈڭلار» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۆزۈڭلار تىتما-تىتما تىلىنغان ھالدا ئۇيان-بۇيان يۈگۈرۈڭلار». «مىلكوم» ــ ئاممونىيلارنىڭ بىر بۇتى ئىدى. باشقا ئىسمى «مولەك» ئىدى. 49:3 يەش. 32‏:12؛ يەر. 4‏:8؛ 6‏:26؛ 48‏:7 49:4 يەر. 21‏:13؛ 48‏:7 49:7 «ئېدوم توغرۇلۇق: ...» ــ بۇ بېشارەت (7-22)نىڭ تەۋراتتىكى «ئوبادىيا» دېگەن قىسىم بىلەن كۆپ ئورتاق يەرلىرى بار. ئوبادىياغا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە چۈشەندۈرگىنىمىزدەك ئىشىنىمىزكى، يەرەمىيا پەيغەمبەر خۇدانىڭ يوليورۇقى بىلەن ئىلگىرىكى پەيغەمبەر ئوبادىيانىڭ بېشارىتىدىكى كۆپ سۆزلەرنى نەقىل كەلتۈرىدۇ. ئىككى بېشارەتنىڭ بەزى يەرلىرى ئوخشىمىغاچقا، سۆزلىرىدىكى پەرقلەرنى تېپىپ سېلىشتۇرۇشنىڭ كۆپ ئەھمىيىتى بار. «تېماندا ھازىر دانالىق تېپىلمامدۇ؟ دانىشمەنلىرىدىن نەسىھەت يوقاپ كەتتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ دانالىقىنى دات بېسىپ قالغانمۇ؟!» ــ تېمان ئېدومدىكى چوڭ شەھەر. ئېدومدىكىلەر ئۆز دانىشمەنلىرى بىلەن ئىنتايىن مەغرۇرلىناتتى. 49:7 ئ‍وب. 8 49:8 «پىنھان جايلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «چوڭقۇر جايلار» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ بەلكىم ھەرخىل غار-ئۆڭكۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «مەن ئەساۋغا تېگىشلىك بالايىئاپەتنى، يەنى ئۇنى جازالايدىغان كۈنىنى بېشىغا چۈشۈرىمەن» ــ ئېدومنىڭ باشقا ئىسمى «ئەساۋ» ئىدى. مۇشۇ بېشارەتتە «ئېدوم» ياكى «ئەساۋ» ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئېدوملۇقلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. 49:8 يەر. 25‏:23 49:9 «ئۈزۈم ئۈزگۈچىلەر يېنىڭغا كەلسىمۇ، ئۇلار ئازراق ۋاساڭلارنى قالدۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ئۈزۈم ھوسۇلىنى ئالغاندا ئۈزگۈچىلەر كەمبەغەللەرنىڭ تېرىۋېلىشى ئۈچۈن بىرئاز ۋاساڭلارنى قالدۇرۇش كېرەك ئىدى («لاۋ.» 10:19). ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەردە بۇ بىر ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان. 49:9 ئ‍وب. 5 49:12 «غەزىپىمنىڭ قەدەھىدىن ئىچىشكە تېگىشلىك بولمىغانلار» ــ يەھۇدا ئەمەس، بەلكى تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئۆتەر يولىغا «تاسادىپىي» ئۇدۇل كېلىپ قالغان، يەھۇدانىڭ ۋە باشقا ئەللەرنىڭ گۇناھلىرى بىلەن مۇناۋەتسىز بولغان باشقا ئەللەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. 49:13 «ئۆز نامىم بىلەن قەسەم ئىچكەنمەنكى...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆزۈم بىلەن قەسەم ئىچكەنمەنكى». «بوزراھ ... رەسۋا قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكت» ــ «بوزراھ» بەلكىم ئېدومدىكى ئەڭ مۇھىم شەھەر بولۇشى مۇمكىن ئىدى. 49:14 «بىر ئەلچى ئەللەر ئارىسىغا ئەۋەتىلگەنىدى» ــ «ئەللەر» ئىسرائىلغا يات بولغان ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ. «ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار» ــ «ئۇنىڭغا» يەنى ئېدومغا. بەلكىم بۇ ئەلچى دۈشمەن ئەللەرنىڭ بىرىدىن چىققان بولۇپ، ئۇ باشقا ئەللەرنى ئېدومنى يوقىتىشقا چاقىرىدۇ. 49:14 ئ‍وب. 1 49:15 «مەن سېنى ئەللەر ئارىسىدا كىچىك، ئىنسانلار ئارىسىدا كەمسىتىلگەن قىلىمەن» ــ «سېنى» ــ خۇدا ھازىر ئېدومنى «سېنى» دەپ، ئۇلارغا بىۋاسىتە سۆز قىلىدۇ. 49:16 «ھەي تىك قىيانىڭ يېرىقلىرى ئىچىدە تۇرغۇچى، تۇرالغۇڭ ئېگىزلىكنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە بولغۇچى» ــ دېمىسەكمۇ، ئېدوم پىنھانراق، چىقىش ئىنتايىن تەس بولغان تاغلىق رايوندا ئىدى. «تىك قىيا» («سېلا») دېگەن سۆز موئابنىڭ «سېلا» ئىسىملىك (ھازىرقى «پېترا»)، ئىنتايىن پىنھان بىر شەھىرىنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. 49:16 يەر. 48‏:29 49:17 يەر. 50‏:13 49:18 يار. 19‏:25؛ يەر. 50‏:40؛ ئام. 4‏:11 49:19 «دائىم ئېقىۋاتقان شۇ سۇلار» ــ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۆزى. 49:19 ئايۇپ 41‏:2؛ يەر. 12‏:5؛ 50‏:44 49:20 يەر. 50‏:45 49:22 «بوزراھ» ــ ئىنتايىن يۇقىرى قىيا تاش ئۈستىگە، «بۈركۈتنىڭ چاڭگىلى»دەك جايلاشقانىدى. 49:22 يەر. 48‏:40،41 49:23 «داۋۇلغۇپ كەتكەن دېڭىزدەك ئۇلار ھېچ تىنچلىنالمايدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «داۋۇلغۇپ كەتكەن دېڭىزدەك ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى ھېچ ئارام تاپمايدۇ». خامات ھەم ئارپاد دېگەن ئىككى شەھەر نېبوقادنەسار مىسىرغا يۈرۈش قىلغان چاغدا (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 604-يىلى) بېسىپ ئۆتكەن جايلار ئىدى. شۈبھىسىزكى، نېبوقادنەسار ئۇلارغىمۇ ھۇجۇم قىلغانىدى. مۇشۇ ئىككى شەھەر دەمەشقنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى كىچىك پادىشاھلىقلار ئىدى. 49:23 يەش. 17‏:1 49:24 يەر. 4‏:31؛ 6‏:24؛ 30‏:6 49:27 «بەن-ھاداد» ــ دەمەشقنىڭ كۆپلىگەن پادىشاھلىرىنىڭ ئىسمى ئىدى. 49:27 ئام. 1‏:4،14 49:28 «ئورنۇڭدىن تۇر، كېدارغا ھۇجۇم قىلىپ، شەرقتىكى ئادەملەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىل!» ــ بۇ سۆز نېبوقادنەسارنىڭ قوشۇنىغا ئېيتىلىشى مۇمكىن. كېدار ۋە ھازورمۇ چارۋىچى كۆچمەن خەلق بولۇپ، چېدىردا ياشاپ، سېپىل-دەرۋازىلىق بولمىغان، ئەلۋەتتە. 49:31 «ئورنۇڭدىن تۇر، سېپىل-دەرۋازىلارغا ئىگە بولمىغان ئارامخۇدا ياشاپ، تىنچ-ئامان تۇرغان ئەلگە جەڭ قىلىشقا چىق؛ ئۇلار يالغۇز تۇرىدۇ» ــ بۇ سۆزمۇ بەلكىم نېبوقادنەسارنىڭ قوشۇنىغا ئېيتىلىشى مۇمكىن. كېدار ۋە ھازوردىكىلەر چېدىرلاردا تۇرۇپ، ھېچ سېپىل-دەرۋازىلىق بولغان ئەمەس. 49:32 «چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرگەنلەر» ــ «چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرگۈش» كېداردىكىلەر ھەم ھازوردىكىلەرنىڭ ئادىتى بولسا كېرەك ئىدى. 49:32 يەر. 9‏:25؛ 25‏:23 49:33 يەر. 9‏:10؛ 10‏:22 49:35 «ئېلامنىڭ غوللۇق كۈچى بولغان ئوقياسى...» ــ ئېلام ھازىرقى ئىران زېمىنىدا تۇرغان بىر خەلق ئىدى. ئېلامنىڭ قوشۇنىنىڭ چەنلەپ ئاتىدىغان، دەھشەتلىك مەرگەن ئوقياچىلىرى بىلەن داڭقى چىققانىدى. 49:39 يەر. 48‏:47