13
توۋا قىلىش ياكى ھالاك بولۇش
1 شۇ چاغدا، بىرنەچچە ئادەم ئۇنىڭغا ۋالىي پىلاتۇسنىڭ بىر قىسىم گالىلىيەلىكلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۇلارنىڭ قانلىرىنى ئۇلار قىلىۋاتقان ئىبادەتخانىدىكى قۇربانلىقنىڭ قانلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
2 ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
ــ ئۇلارنىڭ بۇ ئازابلارنى تارتقىنى ئۈچۈن بۇ گالىلىيەلىكلەرنى باشقا گالىلىيەلىكلەردىن گۇناھى ئېغىر دەپ قارامسىلەر؟
3 مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر.
4 سىلوئام مەھەللىسىدىكى مۇنار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئون سەككىز كىشىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، سىلەر ئۇلارنى يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان باشقلاردىن قەبىھ، دەپ قارامسىلەر؟
5 مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر.
توۋا قىلماسلىقنىڭ ئاقىۋىتى ــ مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخ
6 ئاندىن ئۇ بۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:
ــ مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدا تىكىلگەن بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخى بار ئىكەن. ئۇ ئۇ دەرەختىن مېۋە ئىزدەپ كەپتۇ، لېكىن ھېچ مېۋە تاپالماپتۇ.
7 ئۇ باغۋەنگە: «قارا، ئۈچ يىلدىن بېرى بۇ ئەنجۈر دەرىخىدىن مېۋە ئىزدەپ كېلىۋاتىمەن، بىراق بىر تالمۇ مېۋە تاپالمىدىم. ئۇنى كېسىۋەت! ئۇ نېمە دەپ يەرنى بىكاردىن-بىكار ئىگىلەپ تۇرىدۇ؟» دەپتۇ.
8 لېكىن باغۋەن: «خوجايىن، ئۇنىڭغا يەنە بىر يىل تەگمىگەيلا. بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ تۈۋىدىكى توپىلارنى بوشىتىپ، ئوغۇتلاپ باقاي.
9 ئەگەر كېلەر يىلى مېۋە بەرسە، ياخشى خوپ! بىراق بەرمىسە، كېسىۋەتكەيلا» دەپتۇ باغۋەن.
شابات كۈنى دوك ئايالنى ساقايتىش
10 بىر شابات كۈنى، ئۇ بىر سىناگوگتا تەلىم بېرىۋاتاتتى.
11 مانا شۇ يەردە ئون سەككىز يىلدىن بېرى زەئىپلەشتۈرگۈچى بىر جىن تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، دۆمچىيىپ ئۆرە تۇرالمايدىغان بىر ئايال بار ئىدى.
12 ئەيسا ئۇنى كۆرگەندە، يېنىغا چاقىرىپ:
ــ خانىم، سەن بۇ زەئىپلىكىڭدىن ئازاد بولدۇڭ! ــ دېدى.
13 ئاندىن ئۇ قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇۋىدى، ئايال دەرھال رۇسلىنىپ تىك تۇرۇپ، خۇدانى ئۇلۇغلىدى.
14 بىراق سىناگوگنىڭ چوڭى ئەيسانىڭ شابات كۈنى كېسەل ساقايتقىنىدىن غەزەپلىنىپ، كۆپچىلىككە:
ــ ئادەملەر ئىش قىلىش كېرەك بولغان ئالتە كۈن بار، شۇ كۈنلەردە كېلىپ ساقايتىلىڭلار؛ لېكىن شابات كۈنىدە ئۇنداق قىلماڭلار، ــ دېدى.
15 شۇڭا رەب ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ــ ئەي ساختىپەزلەر! ھەربىرىڭلار شابات كۈنى تورپاق ۋە ئېشىكىڭلارنى ئوقۇردىن يېشىپ، سۇغارغىلى باشلىمامسىلەر؟!
16 ئەمدى شەيتان مانا ئون سەككىز يىل بوغۇپ كەلگەن، ئىبراھىمنىڭ بىر قىزى بولغان بۇ ئايال دەل شابات كۈنىدە بۇ سىرتماقتىن بوشىتىلسا، بۇ شابات كۈنىنىڭ يارىشىقى بولمامدۇ؟!
17 ئۇ مۇشۇ سۆزنى قىلغاندا، ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار خىجالەتكە قالدى؛ بىراق خالايىق ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ھەممە ئاجايىب ئىشلىرىدىن شادلىنىپ يايرىدى.
خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇرۇق ۋە خېمىرتۇرۇچقا ئوخشىتىدىغان تەمسىللەر
مات. 13:31-33؛ مار. 4:30-32
18 ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى نېمىگە ئوخشايدۇ؟ مەن ئۇنى نېمىگە ئوخشىتاي؟
19 ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ؛ بىرسى ئۇنى ئېلىپ ئۆز بېغىدا تېرىغانىدى؛ ئۇ ئۆسۈپ يوغان دەرەخ بولدى؛ ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلىدى.
20-21 ئۇ يەنە: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ ئۇ خۇددى ئېچىتقۇغا ئوخشايدۇ؛ بىر ئايال ئۇنى قولىغا ئېلىپ، ئۈچ جاۋۇر ئۇننىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ، تاكى پۈتۈن خېمىر بولغۇچە ساقلىدى، ــ دېدى.
ھاياتنىڭ تار ئىشىكى
مات. 7:13-14، 21-23
22 ئەيسا يېرۇسالېمغا قاراپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بېسىپ ئۆتكەن ھەرقايسى شەھەر-يېزىلاردا تەلىم بېرىپ ماڭدى.
23 بىرەيلەن ئۇنىڭدىن:
ــ ئى تەقسىر، قۇتقۇزۇلىدىغانلارنىڭ سانى ئازمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
ئەيسا كۆپچىلىككە مۇنداق جاۋاب بەردى:
24 ــ سىلەر تار ئىشىكتىن كىرىشكە كۈرەش قىلىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، نۇرغۇن ئادەملەر كىرەي دەپ ئىزدەنسىمۇ، ئەمما كىرەلمەيدۇ.
25 ئۆينىڭ ئىگىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى تاقىغاندىن كېيىن، سىلەر تاشقىرىدا تۇرۇپ ئىشىكنى قېقىپ: «رەب، بىزگە ئاچقىن!» دەپ يالۋۇرغىلى تۇرغىنىڭلاردا، ئۇ سىلەرگە جاۋابەن: «سىلەرنىڭ نەلىكىڭلارنى بىلمەيمەن» ــ دەيدۇ.
26 ئاندىن سىلەر: «بىز سېنىڭ ئالدىڭدا يېگەن، ئىچكەن، سەنمۇ بىزنىڭ كوچىلىرىمىزدا تەلىم بەرگەن» دېسەڭلار،
27 ئۇ يەنە جاۋابەن: «سىلەرنىڭ نەلىكىڭلارنى بىلمەيمەن، مەندىن نېرى كېتىڭلار، ئەي قەبىھلىك قىلغۇچىلار!» دەيدۇ.
28 سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ سىرتقا تاشلىۋېتىلگىنىڭلارنى كۆرگىنىڭلاردا، يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلار غۇچۇرلايدۇ.
29 ئۇ چاغدا، كىشىلەر مەشرىق بىلەن مەغرىبتىن ۋە شىمال بىلەن جەنۇبتىن كېلىشىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا داستىخاندا ئولتۇرىدۇ.
30 شۇنىڭ بىلەن مانا، شۇ چاغدا ئالدىدا تۇرغانلاردىن ئارقىغا ئۆتىدىغانلار، ئارقىدا تۇرغانلاردىن ئالدىغا ئۆتىدىغانلار بار بولىدۇ.
ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا باغلىغان مېھىر-مۇھىببىتى
مات. 23:37-39
31 دەل شۇ ۋاقىتتا بىرنەچچە پەرىسىيلەر ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:
ــ مۇشۇ يەردىن چىقىپ ئۆزۈڭنى نېرىغا ئال. چۈنكى ھېرود سېنى ئۆلتۈرمەكچى، ــ دېدى.
32 ئۇ ئۇلارغا:
ــ بېرىپ شۇ تۈلكىگە ئېيتىڭلار: مانا مەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىپ، بۈگۈن ۋە ئەتە شىپا بېرەرمەن ۋە ئۈچىنچى كۈنى تاكامۇللاشتۇرۇلىمەن، دەڭلار.
33 ھالبۇكى، بۈگۈن ۋە ئەتە ۋە ئۆگۈنلۈككە مېڭىپ يۈرۈشۈم كېرەكتۇر؛ چۈنكى ھېچ پەيغەمبەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى يېرۇسالېمدىن باشقا ھېچقانداق جايدا مۇمكىن بولماس.
34 ئەي يېرۇسالېم، يېرۇسالېم! پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرىدىغان ۋە ساڭا ئەۋەتىلگەنلەرنى چالما-كېسەك قىلىدىغان شەھەر! مەن قانچە قېتىملاپ مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك سېنىڭ بالىلىرىڭنى قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر خالىمىدىڭلار.
35 مانا ئۆيۈڭلار تاشلىنىپ ۋەيرانە بولۇپ قالىدۇ؛ ۋە مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر «پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن كەلگۈچىگە مۇبارەك بولغاي!» دېمىگۈچە، مېنى يەنە كۆرەلمەيسىلەر.