13
ئەرش پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى يەتتە تەمسىل •••• «1» ئۇرۇق چاچقۇچى توغرىسىدىكى تەمسىل
مار. 4‏:1-9؛ لۇقا 8‏:4-8
شۇ كۈنى ئەيسا ئۆيدىن چىقىپ، دېڭىز بويىدا ئولتۇراتتى. ئەتراپىغا توپ-توپ ئادەملەر ئولىشىۋالغاچقا، ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ ئولتۇردى. پۈتكۈل خالايىق بولسا دېڭىز بويىدا تۇرۇشاتتى. ئۇ ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئېيتىپ بىرىپ، مۇنداق دېدى:
ــ مانا، ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزغا چىقىپتۇ. ئۇرۇق چاچقاندا ئۇرۇقلاردىن بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپتۇ، قۇشلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ.
بەزىلىرى تېشى كۆپ، توپىسى ئاز يەرلەرگە چۈشۈپتۇ. تۇپرىقى چوڭقۇر بولمىغاچقا، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ، لېكىن كۈن چىقىشى بىلەنلا ئاپتاپتا كۆيۈپ، يىلتىزى بولمىغاچقا قۇرۇپ كېتىپتۇ. بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئۆسۈپ مايسىلارنى بوغۇۋاپتۇ. بەزىلىرى بولسا ياخشى تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۈز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ. قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن!
 
تەمسىللەرنىڭ مەقسىتى
مار. 4‏:10-12؛ لۇقا 8‏:9-10
10 مۇخلىسلىرى كېلىپ، ئۇنىڭدىن: ــ
سەن نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا تەمسىللەر ئارقىلىق تەلىم بېرىسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
11 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ــ سىلەر ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرىنى بىلىشكە مۇيەسسەر قىلىندىڭلار، لېكىن ئۇلارغا نېسىپ قىلىنمىدى.    12 چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدا مولچىلىق بولىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.  
13 ئۇلارغا تەمسىل بىلەن سۆزلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ تىڭشىمايدۇ ھەم ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ. 14 بۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر ئېيتقان بېشارەتتىكى مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى:
 
ــ «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛
قاراشنى قارايسىلەر، بىراق كۆرمەيسىلەر.
15 چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى ماي قاپلاپ كەتكەن،
ئۇلار ئاڭلىغاندا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلىۋالغان،
ئۇلار كۆزلىرىنى ئۇخلىغاندەك يۇمۇۋالغان؛
ئۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ،
قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ،
كۆڭلى بىلەن چۈشىنىپ،
ئۆز يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن،
مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم.  
 
16 لېكىن، كۆزلىرىڭلار بەختلىكتۇر! چۈنكى ئۇلار كۆرىدۇ؛ قۇلىقىڭلار بەختلىكتۇر! چۈنكى ئۇلار ئاڭلايدۇ. 17 مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇرۇنقى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە ھەققانىي ئادەملەر سىلەرنىڭ كۆرگىنىڭلارنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغان بولسىمۇ ئۇلارنى كۆرمىگەن؛ سىلەرنىڭ ئاڭلىغىنىڭلارنى ئاڭلاشقا ئىنتىزار بولغان بولسىمۇ ئۇلارنى ئاڭلىمىغان.
 
ئۇرۇق چاچقۇچى توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى
مار. 4‏:13-20؛ لۇقا 8‏:11-15
18 ئەمدى ئۇرۇق چاچقۇچى توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ مەنىسىنى ئاڭلاڭلار: 19 ئەگەر بىرى ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چۈشەنمىسە، شەيتان كېلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە چېچىلغان سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ دەل چىغىر يول ئۈستىگە چېچىلغان ئۇرۇقلاردۇر.   20 تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلاپ، خۇشاللىق بىلەن دەرھال قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. 21 ھالبۇكى، قەلبىدە ھېچ يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؛ سۆز-كالامنىڭ ۋەجەدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلار شۇئان يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ. 22 تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغىنى بىلەن، لېكىن بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى ۋە بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشى قەلبىدىكى سۆز-كالامنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ. 23 لېكىن ياخشى يەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا ــ سۆز-كالامنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھوسۇل بېرىدۇ، بىرسى يۈز ھەسسە، بىرسى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بىرسى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ.
 
«2» كۈرمەك، يەنى «مەستەك» توغرىسىدىكى تەمسىل
24 ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەنە بىر تەمسىلنى بايان قىلدى: ــ
ــئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئېتىزىغا ياخشى ئۇرۇقنى چاچقان بىر ئادەمگە ئوخشايدۇ. 25 ئەمما كىشىلەر ئۇيقۇغا چۆمگەن چاغدا، دۈشمىنى كېلىپ بۇغداي ئارىسىغا كۈرمەك ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋېتىپ، كېتىپتۇ. 26 ئەمدى مايسىلار ئۆسۈپ، باشاق چىقارغاندا، كۈرمەكمۇ ئاشكارلىنىشقا باشلاپتۇ.
27 خوجايىننىڭ چاكارلىرى كېلىپ ئۇنىڭغا:
ــ «ئەپەندى، سىز ئېتىزىڭىزغا ياخشى ئۇرۇق چاچقان ئەمەسمىدىڭىز؟ كۈرمەكلەر نەدىن كېلىپ قالدى؟» دەپتۇ.
28 خوجايىن: «بۇنى بىر دۈشمەن قىلغان» ــ دەپتۇ.
چاكارلار ئۇنىڭدىن: «سىز بىزنى بېرىپ ئۇلارنى ئوتىۋېتىڭلار دېمەكچىمۇ؟» ــ دەپ سوراپتۇ.
29 «ياق،» ــ دەپتۇ خوجايىن، «ئۇنداق قىلغاندا كۈرمەكلەرنى يۇلغاندا، بۇغدايلارنىمۇ يۇلۇۋېتىشىڭلار مۇمكىن. 30 بۇ ئىككىسى ئورما ۋاقتىغىچە بىللە ئۆسسۇن، ئورما ۋاقتىدا، مەن ئورمىچىلارغا: ــ ئالدى بىلەن كۈرمەكلەرنى ئايرىپ يىغىپ، باغلاپ كۆيدۈرۈشكە قويۇڭلار، ئاندىن بۇغدايلارنى يىغىپ ئامبىرىمغا ئەكىرىڭلار، دەيمەن» ــ دەپتۇ خوجايىن.
 
«3» قىچا توغرىسىدىكى ۋە «4» ئېچىتقۇ توغرىسىدىكى تەمسىللەر
مار. 4‏:30-34؛ لۇقا 13‏:18-21
31 ئۇ ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىلنى ئېيتتى:
ــ ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى بىر ئادەم قولىغا ئېلىپ ئېتىزىغا چاچقان قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. 32 قىچا ئۇرۇقى دەرۋەقە بارلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك بولسىمۇ، ئۇ ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ، دەرەخ بولىدۇ، ھەتتا ئاسماندىكى قۇشلارمۇ كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلايدۇ.
33 ئۇ ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىلنى ئېيتتى:
ــ ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى بىر ئايال قولىغا ئېلىپ ئۈچ جاۋۇر ئۇننىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ، تاكى پۈتۈن خېمىر بولغۇچە ساقلىعان ئېچىتقۇغا ئوخشايدۇ.  
34 ئەيسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەمسىللەر بىلەن كۆپچىلىككە بايان قىلدى. ئۇ تەمسىلسىز ھېچقانداق تەلىم بەرمەيتتى. 35 بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىنئالا ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى:
 
ــ «ئاغزىمنى تەمسىل سۆزلەش بىلەن ئاچىمەن،
ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى يوشۇرۇنۇپ كەلگەن ئىشلارنى ئېلان قىلىمەن».  
 
كۈرمەك توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى
36 شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كۆپچىلىكنى يولغا سېلىۋېتىپ ئۆيگە كىردى. مۇخلىسلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن:
ــ ئېتىزلىقتىكى كۈرمەك توغرىسىدىكى تەمسىلنى بىزگە شەرھلەپ بەرسەڭ، ــ دەپ ئۆتۈندى.
37 ئۇ ئەمدى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
ــ ياخشى ئۇرۇقنى چاچقان كىشى ئىنسانئوغلىدۇر. 38 ئېتىزلىق بولسا ــ دۇنيا. ياخشى ئۇرۇق بولسا ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر، لېكىن كۈرمەك رەزىل بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. 39 كۈرمەك چاچقان دۈشمەن ــ ئىبلىستۇر. ئورما ئورۇش ۋاقتى ــ زامان ئاخىرىدۇر. ئورمىچىلار ــ پەرىشتىلەردۇر. 40 كۈرمەكلەر يۇلۇنۇپ، ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلگىنىدەك، زامان ئاخىرىدىمۇ ئەنە شۇنداق بولىدۇ. 41 ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئىنسانلارنى گۇناھقا ئازدۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى، شۇنداقلا بارلىق ئىتائەتسىزلىك قىلغۇچىلارنى ئۆز پادىشاھلىقىدىن شاللاپ چىقىپ، 42 خۇمداننىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتىغا تاشلايدۇ. ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ. 43 ئۇ چاغدا ھەققانىيلار ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىقىدا خۇددى قۇياشتەك جۇلالىنىدۇ.
ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن!
 
«5» خەزىنە توغرىسىدىكى ۋە «6» قىممەتلىك مەرۋايىت توغرىسىدىكى تەمسىللەر
44 ــ ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ئېتىزدا يوشۇرۇلغان بىر خەزىنىگە ئوخشايدۇ. ئۇنى تېپىۋالغۇچى خەزىنىنى قايتىدىن يوشۇرۇپ، خەزىنىنىڭ شاد-خۇراملىقى ئىچىدە بار-يوقىنى سېتىۋېتىپ، شۇ ئېتىزنى سېتىۋالىدۇ.
45 يەنە كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقى ئېسىل ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئىزدىگەن سودىگەرگە ئوخشايدۇ. 46 سودىگەر ناھايىتى قىممەت باھالىق بىر مەرۋايىتنى تاپقاندا، قايتىپ بېرىپ بار-يوقىنى سېتىۋېتىپ، ئۇ مەرۋايىتنى سېتىۋالىدۇ.
 
«7» تور تاشلاش توغرىسىدىكى تەمسىل
47 ــ يەنە كېلىپ، ئەرش پادىشاھلىقى دېڭىزغا تاشلىنىپ ھەرخىل بېلىقلارنى تۇتىدىغان تورغا ئوخشايدۇ. 48 تور توشقاندا، بېلىقچىلار ئۇنى قىرغاققا تارتىپ چىقىرىدۇ. ئاندىن ئولتۇرۇپ، ياخشى بېلىقلارنى ئىلغىۋېلىپ، قاچىلارغا قاچىلاپ، ئەرزىمەسلەرنى تاشلىۋېتىدۇ. 49 زامان ئاخىرىدا شۇنداق بولىدۇ. پەرىشتىلەر چىقىپ، رەزىل كىشىلەرنى ھەققانىي كىشىلەر ئارىسىدىن ئايرىيدۇ 50 ۋە خۇمداننىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتىغا تاشلايدۇ. ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.
51 ئەيسا ئۇلاردىن:
ــ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى چۈشەندىڭلارمۇ؟ دەپ سورىدى.
چۈشەندۇق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
52 ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: ــ شۇڭا، ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ تەلىمىگە مۇيەسسەر بولۇپ مۇخلىس بولغان ھەربىر تەۋرات ئۇستازى خۇددى خەزىنىسىدىن يېڭى ھەم كونا نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىپ تارقاتقۇچى ئۆي خوجايىنىغا ئوخشايدۇ، ــ دېدى.
 
ناسارەتلىكلەرنىڭ ئەيسانى چەتكە قېقىشى
مار. 6‏:1-6؛ لۇقا 4‏:16-30
53 ئەيسا بۇ تەمسىللەرنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، شۇنداق بولدىكى، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، 54 ئۆز يۇرتىغا كەتتى ۋە ئۆز يۇرتىدىكى سىناگوگتا خەلققە تەلىم بېرىشكە كىرىشتى. بۇنى ئاڭلىغان خالايىق ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ:
ــ بۇ ئادەمنىڭ بۇنچىۋالا دانالىقى ۋە مۆجىزە-كارامەتلىرى نەدىن كەلگەندۇ؟ 55 ئۇ پەقەت ھېلىقى ياغاچچىنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مەريەم، ياقۇپ، يۈسۈپ، سىمون ۋە يەھۇدالار ئۇنىڭ ئىنىلىرى ئەمەسمۇ؟    56 ئۇنىڭ سىڭىللىرىنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئارىمىزدىغۇ؟ شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭدىكى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى زادى نەدىن كەلگەندۇ؟ ــ دېيىشەتتى. 57 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا ھەسەت-بىزار بىلەن قارىدى. شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ ھەرقانداق پەيغەمبەر باشقا يەرلەردە ھۆرمەتسىز قالمايدۇ، پەقەت ئۆز يۇرتى ۋە ئۆز ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ.
58 ئۇلارنىڭ ئىمان-ئىشەنچسىزلىكىدىن ئۇ ئۇ يەردە كۆپ مۆجىزە كۆرسەتمىدى.
 
 
13:1 مار. 4‏:1؛ لۇقا 8‏:4، 5. 13:2 لۇقا 5‏:3. 13:10 مار. 4‏:10؛ لۇقا 8‏:9. 13:11 «ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرى» ــ ئىنجىلدا «سىرلار» ئەسلىدە ئىنسانلارغا ئاشكارىلانمىغان، ھازىر مەسىھ ياكى روسۇللىرى ئارقىلىق ئايان قىلىنغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنجىلدىكى بەزى «سىرلار» ئىنتايىن سىرلىق، ئەلۋەتتە. 13:11 مات. 11‏:25؛ 2كور. 3‏:14. 13:12 «چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ...» ــ «كىمدە بار بولسا... » دېگەندە، «بار بولسا» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئەبەدىي ئەھمىيەتلىك بىرەر نەرسە بولسا كېرەك، بۇ ئىمان-ئىشەنچنى ئۆز ئىچىگە چوقۇم ئالىدۇ. بىز ئۆزىمىزگە «ئەبەدىي ئەھمىيەتلىك» ھەربىرنېمە بولۇشى ئۈچۈن پەقەت مەسىھدىنلا تاپالايمىز، ئەلۋەتتە. 13:12 مات. 25‏:29؛ مار. 4‏:24،25؛ لۇقا 8‏:18؛ 19‏:26. 13:14 يەش. 6‏:9-10؛ مار. 4‏:12؛ لۇقا 8‏:10؛ يـۇھ. 12‏:40؛ روس. 28‏:26؛ رىم. 11‏:8. 13:15 «مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى ماي قاپلاپ كەتكەن... ئۇنداق بولمىسىدى، ... كۆڭلى بىلەن چۈشىنىپ، ئۆز يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، مەن ئۇلارنى ساقايتقان بولاتتىم» ــ تولۇق بېشارەت تەۋرات، «يەش.» 9:6-10دە تېپىلىدۇ. 13:15 يەش. 6‏:9-10 13:16 لۇقا 10‏:23؛ يـۇھ. 20‏:29؛ 1پېت. 1‏:8. 13:17 1پېت. 1‏:10. 13:18 مار. 4‏:13؛ لۇقا 8‏:11. 13:19 «ئەگەر بىرى ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چۈشەنمىسە..» ــ مۇشۇ يەردە «ئەرش پادىشاھلىقى» گرېك تىلىدا پەقەت «پادىشاھلىق» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 13:19 مات. 4‏:23. 13:20 «تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلاپ، خۇشاللىق بىلەن دەرھال قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ» ــ «سۆز-كالام» بولسا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق سۆز-كالامدۇر. 13:22 مات. 19‏:23؛ مار. 10‏:23؛ لۇقا 18‏:24؛ 1تىم. 6‏:9. 13:25 «...دۈشمىنى كېلىپ بۇغداي ئارىسىغا كۈرمەك ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋېتىپ، كېتىپتۇ» ــ ئوقۇرمەنلەرگە شۇ ئايانكى، بۇ تەمسىلدىكى «كۈرمەك» (ياكى «مەستەك») ئاۋۋال بۇغدايغا ئوپئوخشاش شەكىلدە ئۆسىدۇ. پەقەت باش ئېلىشى بىلەن پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. 13:30 مات. 3‏:12. 13:31 مار. 4‏:30؛ لۇقا 13‏:18. 13:32 «قىچا ئۇرۇقى دەرۋەقە بارلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك بولسىمۇ، ئۇ ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ، دەرەخ بولىدۇ، ...» ــ بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «قىچا» ئوتتۇرا شەرقتە ئۆسىدىغان، ياخشى ئۆسكەندە ھەتتا ئۈچ مېتردىن ئېشىپ كېتىدىغان ئۆسۈملۈكنى كۆرسىتىدۇ. 13:33 «ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى بىر ئايال قولىغا ئېلىپ ئۈچ جاۋۇر ئۇننىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ، تاكى پۈتۈن خېمىر بولغۇچە ساقلىعان ئېچىتقۇغا ئوخشايدۇ» ــ «ئۈچ جاۋۇر» (ياكى «ئۈچ كۈرە») ــ گرېك تىلىدا «ئۈچ ساتون (سېئاھ)». بىر سېئاھ 7 كىلوگرام. بۇ خېلى كۆپ ئۇن بولۇپ، يۈز ئادەمنىڭ تامىقىغا يېتەتتى. «يار.» 6:18نى كۆرۈڭ. 13:33 لۇقا 13‏:20،21. 13:34 مار. 4‏:33. 13:35 «بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىنئالا ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى...» ــ قايسى پەيغەمبەر ئىكەنلىكى مۇشۇ يەردە ئېيتىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ زەبۇردىكى بىرنەچچە كۈيلەرنىڭ مۇئەللىپى ئاساف ئىدى. «ئاغزىمنى تەمسىل سۆزلەش بىلەن ئاچىمەن، ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى يوشۇرۇنۇپ كەلگەن ئىشلارنى ئېلان قىلىمەن» ــ «زەب.» 2:78. 13:35 زەب. 78‏:2 13:36 «شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كۆپچىلىكنى يولغا سېلىۋېتىپ...» ــ ياكى «شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ...». 13:39 يو. 3‏:13؛ ۋەھ. 14‏:15. 13:42 مات. 8‏:12؛ 22‏:13؛ 24‏:51؛ 25‏:30؛ لۇقا 13‏:28. 13:43 دان. 12‏:3؛ 1كور. 15‏:42. 13:44 فىل. 3‏:7. 13:45 «ئېسىل ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئىزدىگەن سودىگەر... » ــ گرېك تىلىدىكى «ئېسىل» «گۈزەل» دېگەن مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 13:50 مات. 13‏:42. 13:53 مار. 6‏:1؛ لۇقا 4‏:16. 13:54 مار. 6‏:2. 13:55 «ئۇ پەقەت ھېلىقى ياغاچچىنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مەريەم... ئەمەسمۇ؟» ــ يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئادەملەر ئاتىسىنىڭ ئىسمى بىلەن تونۇلۇشى كېرەك ئىدى. يالغۇز ئانىسىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشنىڭ ئۆزى بىرخىل ھاقارەت ئىدى. 13:55 يـۇھ. 6‏:42. 13:57 مار. 6‏:4؛ لۇقا 4‏:24؛ يـۇھ. 4‏:44.