25
ئون قىز قولداش توغرىسىدىكى تەمسىل
ئۇ ۋاقىتتا، ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى قوللىرىغا چىراغلارنى ئېلىپ تويى بولغان يىگىتنى قىاشچى ئېلىشقا چىققان ئون قىز قولداشقا ئوخشايدۇ. بۇ قىزلارنىڭ بەشى پەملىك، بەشى بولسا پەمسىز. پەمسىز قىزلار چىراغلىرىنى ئالغان بولسىمۇ، يېنىغا ماي ئېلىۋالماپتۇ. پەملىك قىزلار بولسا چىراغلىرى بىلەن بىللە، قاچىلىرىدا مايمۇ ئېلىۋاپتۇ. يىگىت كېچىكىپ كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيقۇ بېسىپ ئۇخلاپ قاپتۇ.
يېرىم كېچىدە: «مانا، يىگىت كەلدى، قارشى ئېلىشقا چىقىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ چىراغلىرىنى پەرلەپتۇ. پەمسىز قىزلار پەملىك قىزلارغا: «چىراغلىرىمىز ئۆچۈپ قالغىلىۋاتىدۇ، مېيىڭلاردىن بېرىڭلارچۇ» دەپتۇ. بىراق پەملىك قىزلار: «ياق، بولمايدۇ! بەرسەك، بىزگىمۇ ھەم سىلەرگىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن. ياخشىسى، ئۆزۈڭلار ماي ساتقۇچىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ سېتىۋېلىڭلار!» دەپتۇ. 10 لېكىن ئۇلار ماي سېتىۋالغىلى كېتىۋاتقاندا، يىگىت كېلىپ قاپتۇ، تەييار بولۇپ بولغان قىزلار ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە توي زىياپىتىگە كىرىپتۇ. ئىشىك تاقىلىپتۇ.
11 كېيىن قالغان قىزلار قايتىپ كېلىپ: «غوجام، غوجام، ئىشىكنى ئېچىۋەتكەيلا!» دەپتۇ. 12 بىراق ئۇ: «سىلەرگە بەرھەق ئېيتايكى، مەن سىلەرنى تونۇمايمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
13  شۇنىڭ ئۈچۈن سەگەك بولۇڭلار، چۈنكى نە ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىدىغان كۈنىنى نە سائىتىنى بىلمەيسىلەر.
 
«تالانت» تاپشۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەمسىل •••• «تالانت» توغرۇلۇق 15-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
لۇقا 19‏:11-27
14  ئەرش پادىشاھلىقى خۇددى ياقا يۇرتقا چىقماقچى بولۇپ، ئۆز چاكارلىرىنى چاقىرىپ دۇنياسىنى ئۇلارغا تاپشۇرغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. 15 ئۇ ئادەم ھەربىر چاكارنىڭ قابىلىيىتىگە قاراپ، بىرسىگە بەش تالانت، بىرىسىگە ئىككى تالانت، يەنە بىرسىگە بىر تالانت كۈمۈش تەڭگە بېرىپ، ياقا يۇرتقا يول ئاپتۇ.
16 بەش تالانت تەڭگە ئالغان چاكار بېرىپ ئوقەت قىلىپ، يەنە بەش تالانت تەڭگە پايدا تېپىپتۇ. 17 شۇ يولدا ئىككى تالانت تەڭگە ئالغىنىمۇ يەنە ئىككى تالانت تەڭگە پايدا ئاپتۇ. 18 لېكىن بىر تالانت تەڭگە ئالغىنى بولسا بېرىپ يەرنى كولاپ، خوجايىنى بەرگەن پۇلنى كۆمۈپ يوشۇرۇپ قويۇپتۇ.
19 ئەمدى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ چاكارلارنىڭ غوجىسى قايتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن ھېسابلىشىپتۇ. 20 بەش تالانت تەڭگە ئالغىنى يەنە بەش تالانت تەڭگىنى قوشۇپ ئېلىپ كېلىپ: «غوجام، سىلى ماڭا بەش تالانت تەڭگە تاپشۇرغاندىلا. قارسىلا، يەنە بەش تالانت تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ. 21 خوجايىنى ئۇنىڭغا: «ئوبدان بوپتۇ! ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىقتىڭ، سېنى كۆپ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بول!» دەپتۇ. 22 ئىككى تالانت تەڭگە ئالغىنىمۇ كېلىپ: «غوجام، سىلى ماڭا ئىككى تالانت تەڭگە تاپشۇرغاندىلا. قارسىلا، يەنە ئىككى تالانت تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ. 23 خوجايىنى ئۇنىڭغا: «ناھايىتى ياخشى! ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىقتىڭ، سېنى كۆپ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بول!» دەپتۇ.
24 ئاندىن، بىر تالانت تەڭگە ئالغىنىمۇ كېلىپ: «غوجام، سىلىنىڭ چىڭ ئادەم ئىكەنلىكلىرىنى بىلەتتىم، چۈنكى ئۆزلىرى تېرىمىغان يەردىن ھوسۇلنى ئورۇۋالالايلا، ھەمدە ئۇرۇق چاچمىغان يەردىنمۇ خامان ئالىلا. 25 شۇڭا قورقۇپ، سىلىنىڭ بەرگەن بىر تالانت تەڭگىلىرىنى يەرگە كۆمۈپ يوشۇرۇپ قويغانىدىم. مانا پۇللىرىنى ئالسىلا» دەپتۇ. 26 غوجىسى ئۇنىڭغا: «ئەي، رەزىل، ھۇرۇن چاكار! سەن مېنى تېرىمىغان يەردىن ئورۇۋالىدىغان، ئۇرۇق چاچمىغان يەردىن خامان ئالىدىغان ئادەم دەپ بىلىپ، 27 ھېچ بولمىغاندا پۇلۇمنى جازانىخورلارغا ئامانەت قويۇشۇڭ كېرەك ئىدىغۇ! شۇنداق قىلغان بولساڭ مەن قايتىپ كەلگەندە پۇلۇمنى ئۆسۈمى بىلەن ئالغان بولمامتىم؟! 28 شۇڭا، ئۇنىڭ قولىدىكى تالانت تەڭگىنى ئېلىپ، ئون تالانت تەڭگە بار بولغانغا بېرىڭلار! 29 چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدا مولچىلىق بولىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.    30 بۇ يارامسىز چاكارنى تېشىدىكى قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ» دەپتۇ.
 
ئاخىرەتتىكى سوراق
31 ئىنسانئوغلى ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە بارلىق پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە كەلگىنىدە، شەرەپلىك تەختىدە ئولتۇرىدۇ. 32  بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىدۇ. پادىچى قويلارنى ئۆچكىلەردىن ئايرىغىنىدەك ئۇ ئۇلارنى ئايرىيدۇ؛    33 ئۇ قويلارنى ئوڭ يېنىغا، ئۆچكىلەرنى سول يېنىغا ئايرىيدۇ. 34 ئاندىن پادىشاھ ئوڭ يېنىدىكىلەرگە: «ئەي ئاتام بەخت ئاتا قىلغانلار، كېلىڭلار! ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پادىشاھلىققا ۋارىس بولۇپ ئىگە بولۇڭلار!
35 چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا سىلەر ماڭا يېمەكلىك بەردىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەردىڭلار، مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز ئۆيۈڭلەرگە ئالدىڭلار، 36 يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيدۈردۈڭلار، كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار، زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلاپ تۇردۇڭلار» ــ دەيدۇ.  
37 ئۇ چاغدا، ھەققانىي ئادەملەر ئۇنىڭغا: «ئى رەب، بىز سېنى قاچان ئاچ كۆرۈپ ئوزۇق بەردۇق ياكى ئۇسسۇز كۆرۈپ ئۇسسۇلۇق بەردۇق؟ 38 سېنى قاچان مۇساپىر كۆرۈپ ئۆيۈمىزگە ئالدۇق ياكى يالىڭاچ كۆرۈپ كىيگۈزدۇق؟ 39 سېنىڭ قاچان كېسەل بولغىنىڭنى ياكى زىنداندا ياتقىنىڭنى كۆرۈپ يوقلاپ باردۇق؟» دەپ سورايدۇ. 40 ۋە پادىشاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، مۇشۇ قېرىنداشلىرىمدىن ئەڭ كىچىكىدىن بىرەرسىگە شۇلارنى قىلغىنىڭلارمۇ، دەل ماڭا قىلغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
41 ئاندىن ئۇ سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس ئوتقا كىرىڭلار! 42 چۈنكى ئاچ قالغىنىمدا ماڭا ئوزۇق بەرمىدىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەرمىدىڭلار؛ 43 مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز ئۆيۈڭلەرگە ئالمىدىڭلار، يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيدۈرمىدىڭلار، كېسەل بولغىنىمدا ۋە زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلىمىدىڭلار» دەيدۇ.
44 ئۇ چاغدا، ئۇلار: «ئى رەب، سېنى قاچان ئاچ، ئۇسسۇز، مۇساپىر، يالىڭاچ، كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ تۇرۇپ خىزمىتىڭدە بولمىدۇق؟» دەيدۇ. 45 ئاندىن پادىشاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، مۇشۇلاردىن ئەڭ كىچىكىدىن بىرىگە شۇنداق قىلمىغىنىڭلار ماڭىمۇ قىلمىغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. 46 بۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا كىرىپ كېتىدۇ، لېكىن ھەققانىيلار بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا كىرىدۇ.
 
 
25:13 مات. 24‏:42؛ مار. 13‏:33،35. 25:14 لۇقا 19‏:12. 25:15 «ئۇ ئادەم ھەربىر چاكارنىڭ قابىلىيىتىگە قاراپ، بىرسىگە بەش تالانت، بىرىسىگە ئىككى تالانت، يەنە بىرسىگە بىر تالانت كۈمۈش تەڭگە بېرىپ،...» ــ ئوقۇرمەنلەرگە ئايان بولسۇنكى، شۇ چاغلاردا «تالانت» بىرخىل پۇل بىرلىكى، قىممەتلىك كۆمۈش تەڭگە ئىدى. يۇقىرىدىكى 24:18دىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ. ئۇيغۇر تىلىدا «تالانت» دېگەن سۆز دائىم دەل شۇ تەمسىلدىن چىققان كۆچمە مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. شۇ چاغدا چاكارلارغا تاپشۇرۇلغان بۇ پۇللار بەلكىم تەخمىنەن 85000، 34000 ۋە 17000 دوللارغا توغرا كېلەتتى (2010 ھېسابلىناتقان). 25:29 «چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدا مولچىلىق بولىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ» ــ بۇ ئەھمىيەتلىك سۆز 12:13دىمۇ تېپىلىدۇ. 25:29 مات. 13‏:12؛ مار. 4‏:25؛ لۇقا 8‏:18؛ 19‏:26. 25:30 مات. 8‏:12؛ 13‏:42؛ 22‏:13؛ 24‏:51؛ لۇقا 13‏:28. 25:31 مات. 16‏:27؛ 26‏:64؛ مار. 14‏:62؛ لۇقا 21‏:27؛ روس. 1‏:11؛ 1تېس. 4‏:16؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7. 25:32 «بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىدۇ» ــ «ئەللەر» دېگەن بۇ سۆز ئىنجىلدىكى كۆپ يەرلەردە يەھۇدى ئەمەس ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بەزىدە «يات ئەللەر» ياكى «تائىپىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىمىز. 25:32 ئ‍ەز. 34‏:17،20؛ مات. 13‏:49. 25:34 مات. 20‏:23؛ مار. 10‏:40. 25:35 يەش. 58‏:7؛ ئ‍ەز. 18‏:7؛ ئىبر. 13‏:2. 25:36 «كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار» ــ گرېك تىلىدا «كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا مېنى يوقلىدىڭلار». «زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلاپ تۇردۇڭلار» ــ گرېك تىلىدا «زىنداندا ياتقىنىمدا يېنىمغا كېلىپ تۇردۇڭلار». 25:36 يەش. 58‏:7؛ 2تىم. 1‏:16؛ ياق. 2‏:15،16. 25:40 پەند. 19‏:17؛ مات. 10‏:42؛ مار. 9‏:41؛ يـۇھ. 13‏:20؛ 2كور. 9‏:6. 25:41 زەب. 6‏:8؛ يەش. 30‏:33؛ مات. 7‏:23؛ لۇقا 13‏:25،27؛ ۋەھ. 19‏:20. 25:45 پەند. 14‏:31؛ 17‏:5؛ زەك. 2‏:12. 25:46 دان. 12‏:2؛ يـۇھ. 5‏:29.