7
باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلماڭلار
لۇقا 6‏:37-38؛ 41-42
باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. شۇنداقتا خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرىمايسىلەر. چۈنكى سىلەر باشقىلار ئۈستىدىن قانداق باھا بىلەن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شۇنداق باھا بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. سىلەر باشقىلارنى قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەيدۇ.   ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟!   سەن قانداقمۇ بۇرادىرىڭغا: «قېنى، كۆزۈڭدىكى قىلنى ئېلىۋېتەي!» دېيەلەيسەن؟ چۈنكى مانا، ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدە لىم تۇرىدۇ!؟ ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت، ئاندىن ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى ئېلىۋېتەلەيسەن.
 
خۇدانىڭ سۆزىنى كۆزىگە ئىلمايدىغانلار ھەققىدە
مۇقەددەس نەرسىنى ئىتلارغا بەرمەڭلار، ياكى ئۈنچە-مەرۋايىتلىرىڭلارنى توڭگۇزلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويماڭلار. بولمىسا، ئۇلار بۇلارنى پۇتلىرىدا دەسسەپ، ئاندىن بۇرۇلۇپ سىلەرنى تالايدۇ.
 
تىلەڭلار، ئىزدەڭلار، چېكىڭلار
لۇقا 11‏:9-13
تىلەڭلار، سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ؛ ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر؛ ئىشىكنى چېكىڭلار، ئېچىلىدۇ. چۈنكى ھەربىر تىلىگۈچى تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ؛ ئىزدىگۈچى ئىزدىگىنىنى تاپىدۇ؛ ئىشىكنى چەككۈچىلەرگە ئىشىك ئېچىلىدۇ. ئاراڭلاردا ئۆز ئوغلى نان تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا تاش بېرىدىغانلار بارمۇ؟! 10 ياكى بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرىدىغانلار بارمۇ؟ 11 ئەمدى سىلەر رەزىل تۇرۇپمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى ئىلتىپاتلارنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۆزىدىن تىلىگەنلەرگە ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئىلتىپات قىلماسمۇ؟
12 شۇڭا ھەر ئىشتا باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار؛ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى مانا شۇدۇر.
 
خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغان دەرۋازا تار
لۇقا 13‏:24
13 تار دەرۋازىدىن كىرىڭلار. چۈنكى كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا كەڭ بولۇپ، يولى كەڭتاشا ۋە داغدامدۇر، ۋە ئۇنىڭدىن كىرىدىغانلار كۆپتۇر. 14 بىراق ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا تار، يولى قىستاڭ بولۇپ، ئۇنى تاپالايدىغانلارمۇ ئاز.
 
ئىككى خىل دەرەخ
لۇقا 6‏:43-44؛ 13‏:25-27
15 ئالدىڭلارغا قوي تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ كەلگەن، ئىچى يىرتقۇچ چىلبۆرىدەك بولغان ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھوشيار بولۇڭلار. 16 سىلەر ئۇلارنى مېۋىلىرىدىن تونۇۋالالايسىلەر. تىكەندىن ئۈزۈملەر، قامغاقتىن ئەنجۈرلەر ئالغىلى بولامدۇ؟ 17 شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەر ياخشى دەرەخ ياخشى مېۋە بېرىدۇ، پور دەرەخ ناچار مېۋە بېرىدۇ. 18 ياخشى دەرەخ ناچار مېۋە بەرمەيدۇ، پور دەرەخ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ. 19 ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر دەرەخ كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. 20 شۇنىڭدەك، مۇشۇنداق كىشىلەرنى مېۋىلىرىدىن تونۇۋالالايسىلەر.
 
ھەقىقىي مۇخلىس
21 ماڭا «رەببىم، رەببىم» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەرش پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ، بەلكى ئەرشتە تۇرغۇچى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغانلارلا كىرەلەيدۇ. 22 شۇ كۈنىدە نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا: «رەببىم، رەببىم، بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن ۋەھىي-بېشارەتلەرنى يەتكۈزدۇق، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى قوغلىدۇق ۋە نامىڭ بىلەن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق» دەيدۇ.    23 ھالبۇكى، ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا: «سىلەرنى ئەزەلدىن تونۇمايمەن. كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي ئىتائەتسىزلەر!» دەپ ئېلان قىلىمەن.
 
ئىككى خىل ئىمارەت سالغان كىشىلەر
24 ئەمدى ھەربىرى بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغان بولسا، ئۇ ئۆز ئۆيىنى قورام تاش ئۈستىگە سالغان پەم-پاراسەتلىك كىشىگە ئوخشايدۇ. 25 يامغۇر يىغىپ، كەلكۈن كېلىپ، بوران چىقىپ سوقسىمۇ، ئۇ ئۆي ئۆرۈلمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۇلى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان. 26 بىراق سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغان ھەربىرى ئۆيىنى قۇمنىڭ ئۈستىگە قۇرغان ئەخمەقكە ئوخشايدۇ. 27 يامغۇر ياغقاندا، كەلكۈن كەلگەندە، بوران چىققاندا شۇ ئۆي ئۆرۈلۈپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئۆرۈلۈشى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى!
28 ۋە شۇنداق بولدىكى، ئەيسا بۇ سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ توپ-توپ خالايىق ئۇنىڭ تەلىملىرىگە ھەيرانۇھەس بولۇشتى. 29 چۈنكى ئۇنىڭ تەلىملىرى تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى، بەلكى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى.
 
 
7:1 لۇقا 6‏:37؛ رىم. 2‏:1؛ 1كور. 4‏:3، 5. 7:2 «باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار» ــ بۇ 1-2-ئايەتلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 7:2 مار. 4‏:24؛ لۇقا 6‏:38. 7:3 «بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ...» ــ ياكى «قېرىندىشىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ...». «...ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟!» ــ ئايەتنىڭ تولۇق مەنىسى: «نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ ھەرە كېپىكىدەك كىچىك سەۋەنلىكىنىلا كۆرۈپ، ئۆزۈڭدىكى لىمدەك چوڭ گۇناھنى كۆرمەيسەن» دېگەندەك. 7:3 لۇقا 6‏:41، 42. 7:5 پەند. 18‏:17. 7:6 پەند. 9‏:8؛ 23‏:9. 7:7 مات. 21‏:22؛ مار. 11‏:24؛ لۇقا 11‏:9؛ يـۇھ. 14‏:13؛ 16‏:24؛ ياق. 1‏:5، 6؛ 1يۇھ. 3‏:22؛ 5‏:14. 7:8 پەند. 8‏:17؛ يەر. 29‏:12. 7:11 يار. 6‏:5؛ 8‏:21. 7:12 لۇقا 6‏:31. 7:13 لۇقا 13‏:24. 7:14 روس. 14‏:22. 7:15 قان. 13‏:4؛ يەر. 23‏:16؛ مات. 24‏:4؛ رىم. 16‏:17؛ ئ‍ەف. 5‏:6؛ كول. 2‏:8؛ 1يۇھ. 4‏:1. 7:17 مات. 3‏:10؛ 12‏:33؛ مار. 11‏:13؛ لۇقا 8‏:8. 7:21 مات. 25‏:11؛ لۇقا 6‏:46؛ 13‏:25؛ روس. 19‏:13؛ رىم. 2‏:13؛ ياق. 1‏:22. 7:22 «شۇ كۈنىدە نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا: «رەببىم، رەببىم...» دەيدى» ــ «شۇ كۈنى» ــ مۇقەددەس يازمىلاردىكى كۆپ يەرلەردە قىيامەت كۈنى پەقەت «شۇ كۈنى» دەپ ئاتىلىدۇ. 7:22 يەر. 14‏:14؛ 27‏:15؛ لۇقا 13‏:26. 7:23 زەب. 6‏:8؛ مات. 25‏:12،41؛ لۇقا 13‏:25،27. 7:24 يەر. 17‏:8؛ لۇقا 6‏:47؛ رىم. 2‏:13؛ ياق. 1‏:25. 7:26 ئ‍ەز. 13‏:11؛ رىم. 2‏:13؛ ياق. 1‏:23. 7:29 مار. 1‏:22؛ 6‏:2؛ لۇقا 4‏:32.