2
ئەگەر ئەمدى مەسىھتە رىغبەت بار دېيىلسە، مۇھەببەتنىڭ تەسەللىسى بار دېيىلسە، روھنىڭ سىرداشلىقى بار دېيىلسە، قەلبدە ئىچ ئاغرىتىشلار ھەم رەھىمدىللىق بار دېيىلسە، 2‏-3 ــ ئەمدى ئوخشاش بىر ئوي-پىكىردە بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا ئوخشاش مۇھەببەتتە باغلىنىپ، بىر جان بىر نىيەتتە بولۇپ، ئاراڭلاردا ھېچ ئىش رىقابەتتىن ياكى قۇرۇق شۆھرەتپەرەسلىكتىن بولمىسۇن؛ ئەكسىچە، ئوي-خىيالىڭلاردا كىچىك پېئىللىق بولۇپ ھەربىرىڭلار باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى دەپ بىلىڭلار؛ شۇنداق بولغاندا شاد-خۇراملىقىمنى كامىل قىلىسىلەر.
ھەربىرىڭلار پەقەت ئۆز ئىشلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ قالماي، بەلكى باشقىلارنىڭكىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈڭلار. مەسىھ ئەيسادا بولغان ئوي-پوزىتسىيە سىلەردىمۇ بولسۇن: ــ
ئۇ خۇدانىڭ تىپ-شەكلىدە بولسىمۇ،
ئۆزىنى خۇدا بىلەن تەڭ قىلىشنى ئولجا قىلىپ تۇتۇۋالمىدى؛
ئەكسىچە، ئۇ ئۆزىدىن ھەممىنى قۇرۇقدىدى،
ئۆزىگە قۇلنىڭ شەكلىنى ئېلىپ،
ئىنسانلارنىڭ سىياقىغا كىرىپ، ئىنسانىي تەبىئەتتىن ئورتاقداش بولۇپ،
  
ئۆزىنى تۆۋەن قىلىپ،
ھەتتا ئۆلۈمگىچە، يەنى كرېستتىكى ئۆلۈمگىچە ئىتائەتمەن بولدى؛
شۇڭا خۇدا ئۇنى ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ مەرتىۋىلىك قىلدى،
ئۇنىڭغا ھەرقانداق نامدىن ئۈستۈن بولغان نامنى بېغىشلىدىكى،
10 ئەيسانىڭ نامىغا ئاسمانلاردا، يەر يۈزىدە ھەم يەر ئاستىدا بارلىق تىزلار پۈكۈلۈپ،
11 خۇدائاتىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ ھەربىر تىل ئەيسا مەسىھنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.  
12 شۇنىڭ بىلەن، ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەر ھەمىشە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك، پەقەت مەن يېنىڭلاردا بولغىنىمدىلا ئەمەس، بەلكى ھازىرقىدەك مەن سىلەردىن نېرى بولغاندا تېخىمۇ شۇنداق ئىتائەت بىلەن ئەيمىنىشتە، تىترىگەن ھالدا ئۆز نىجاتىڭلارنى ھەرتەرەپكە تەتبىقلاشقا ئىنتىلىڭلار. 13 چۈنكى خۇدانىڭ گۈزەل خاھىشى بويىچە سىلەرنىڭ ئىرادە تىكلىشىڭلارغا ۋە شۇنىڭدەك ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇڭلاردا ئىچىڭلاردا ئىشلىگۇچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر.
14 ھەممە ئىشلارنى غۇدۇڭشىماي ياكى تالاش-تارتىش قىلماي قىلىڭلار؛ 15 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئەيىبسىز، ساپ دىللىق بولۇپ، بۇ دەۋردىكى تەتۈر، ئەسەببىي ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ياشاپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دۇنياغا يورۇقلۇق بەرگۈچىلەردەك پارلاپ، خۇدانىڭ داغسىز پەرزەنتلىرى بولىسىلەر؛ 16 شۇنىڭدەك ھاياتنىڭ سۆز-كالامىنى سۇنۇپ بەرگۈچى بولغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، مەن سىلەردىن مەسىھنىڭ كۈنىدە بىكار يۈگۈرمەپتىمەن، بىكار جاپا تارتماپتىمەن دەپ پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلايلايدىغان بولىمەن.  
17 ھەتتا مەن «شاراب ھەدىيە» سۈپىتىدە ئېتىقادىڭلاردىكى قۇربانلىق ھەم خىزمەت-ئىبادەتنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلساممۇ، مەن شادلىنىمەن، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىمەن.    18 سىلەرمۇ ئوخشاش يولدا شادلىنىسىلەر ۋە مەن بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىشىڭلار كېرەك.
19 لېكىن مەن رەبدە پات ئارىدا تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئەھۋالىڭلارنى ئاڭلاپ مەنمۇ خۇش بولسام؛ 20 چۈنكى يېنىمدا ئۇنىڭغا ئوخشاش، دىلىمىز بىر بولغان، ئىشلىرىڭلارغا چىن دىلىدىن كۆڭۈل بۆلگۈچى باشقا ئادەم يوقتۇر. 21 چۈنكى ھەممە ئادەم ئەيسا مەسىھنىڭ ئىشلىرىغا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىنتىلىدۇ؛ 22 ئەمما سىلەر ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى، ئۇنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ خىزمىتىدە خۇددى ئاتىسىغا ھەمراھ بولۇپ ئىشلەيدىغان بالىدەك مەن بىلەن بىرگە مېھنەت سىڭدۈرگەنلىكىنى بىلىسىلەر. 23 ئەمدى ئاقىۋىتىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن ھامان، ئۇنى دەرھال ماڭدۇرۇۋېتىشنى ئۈمىد قىلىمەن؛ 24 ئەمما ئۆزۈمنىڭ يېنىڭلارغا پات ئارىدا بارىدىغانلىقىمغا رەب ئارقىلىق ئىشەنچىم بار.
25 ئەمما بۇنىڭدىن ئاۋۋال مېنىڭ قېرىندىشىم، خىزمەتدىشىم ھەم سەپدىشىم بولغان، سىلەرنىڭ ئەلچىڭلار ھەم ھاجىتىمدىن چىققان قۇربانلىق ياردىمىڭلارنى يەتكۈزگۈچى ئېپافرودىتنى يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى زۆرۈر تاپتىم،
26 چۈنكى ئۇ ھەممىڭلارغا سېغىنىپ تەلپۈنگەنىدى ھەم سىلەرنىڭ ئۇنىڭ كېسەل ھالىدىن خەۋەر تاپقىنىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابلاندى. 27 ئۇ دەرۋەقە كېسەل بولۇپ ئەجەلگە يېقىنلىشىپ قالدى؛ لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا رەھىم قىلدى؛ ھەم مېنىڭ دەردىمنىڭ ئۈستىگە دەرد بولمىسۇن دەپ يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، بەلكى ماڭىمۇ رەھىم قىلدى.
28 شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بىلەن يەنە كۆرۈشۈپ شادلىنىشىڭلار ۋە شۇنداقلا ئۆزۈمگە نىسبەتەن دەردلىرىمنى ئازايتىش ئۈچۈن ئۇنى تېخىمۇ جىددىي يولغا سالماقچىمەن. 29 ئەمدى ئۇنى شاد-خۇراملىق بىلەن رەبدە قوبۇل قىلىڭلار ھەم ئۇنىڭدەك ئادەملەرگە ھۆرمەت قىلىڭلار؛ 30 چۈنكى ئۇ مەسىھنىڭ خىزمىتىنى دەپ، سىلەرنىڭ ماڭا قىلماقچى بولغان ياردىمىڭلارنى بېجىرىشتە يولۇققان بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ئەجەلگە يۈزلىنىپ، ئۆز جېنىنى تەۋەككۈل قىلدى.
 
 
2:1 «ئەگەر ئەمدى مەسىھتە رىغبەت بار دېيىلسە، مۇھەببەتنىڭ تەسەللىسى بار دېيىلسە، روھنىڭ سىرداشلىقى بار دېيىلسە، قەلبدە ئىچ ئاغرىتىشلار ھەم رەھىمدىللىق بار دېيىلسە، ...» ــ گرېك تىلىدا مۇشۇ ئايەتتىكى «ئەگەر» دائىم رېتورىك شەكىلدە ئىشلىتىلىپ «ئەگەر... ۋە دەرۋەقە (شۇنداق) بولىدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «روھ» بولسا خۇدانىڭ روھىنى كۆرسىتىدۇ. «قەلبدە» ئەسلى گرېك تىلىدا «ئىچ-قارنىدا»، «ئىچ-باغرىدا». 2:2‏-3 رىم. 12‏:16؛ 15‏:5؛ 1كور. 1‏:10؛ فىل. 3‏:16؛ 1پېت. 3‏:8؛ رىم. 12‏:10؛ 1پېت. 5‏:5. 2:4 1كور. 10‏:24؛ 13‏:5. 2:5 مات. 11‏:29؛ يـۇھ. 13‏:15؛ 1پېت. 2‏:21؛ 1يۇھ. 2‏:6. 2:6 2كور. 4‏:4؛ كول. 1‏:15؛ ئىبر. 1‏:3. 2:7 «... ئۆزىنى خۇدا بىلەن تەڭ قىلىشنى ئولجا قىلىپ تۇتۇۋالمىدى (6-ئايەت)، ئەكسىچە، ئۇ ئۆزىدىن ھەممىنى قۇرۇقدىدى،...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ئۆزىنى خۇدا بىلەن تەڭ تۇرىۋېرەي دەپ تۇرۇۋالمايلا، ئۆزىندىن ھەممىنى قۇتۇقدىدى،...». «ئەكسىچە، ئۇ ئۆزىدىن ھەممىنى قۇرۇقدىدى، *ئۆزىگە قۇلنىڭ شەكلىنى ئېلىپ، ئىنسانلارنىڭ سىياقىغا كىرىپ، ئىنسانىي تەبىئەتتىن ئورتاقداش بولۇپ،...» ــ بۇ ئايەت بەلكىم ئىنجىل ئىچىدە مەنىسى ئەڭ چوڭقۇر جۈملىلەردىن بىرىدۇر. «ئىنسانلارنىڭ سىياقىغا كىرىپ، ئىنسانىي تەبىئىتىدىن ئورتاقداش بولۇپ» دېگەن ئىبارىلەر شۈبھىسىزكى، مەسىھنىڭ ھەر جەھەتتىن ئىنسان بولۇپ، تولۇق ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. پەقەت ئۇنىڭ تەبىئىتىدە ھېچ گۇناھ يوق ئىدى. «ئىنسانىي تەبىئىتى» گرېك تىلىدا «ئىنسانىي «سخېما»» دەپ ئىپادىلىنىدۇ، ئىنساننىڭ تەبىئىتى ۋە «ئاساسىي قۇرۇلۇش»ىنى كۆرسىتىدۇ. «ئۇ ئۆزىنى قۇرۇقدىدى» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 2:7 زەب. 8‏:5؛ مات. 20‏:28؛ لۇقا 22‏:27؛ يـۇھ. 13‏:14. 2:8 ئىبر. 2‏:9،14،17؛ 4‏:15؛ 12‏:2. 2:9 روس. 2‏:33؛ ئىبر. 1‏:4. 2:10 يەش. 45‏:23؛ رىم. 14‏:11. 2:11 «خۇدائاتىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ ھەربىر تىل ئەيسا مەسىھنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ» ــ دېمەك، مەسىھ ئەيساغا بېغىشلانغان نام «رەب»دۇر. ئۇ ئەسلى ئۆزى رەب بولۇپ (مەسىلەن، «لۇقا» 11:2)، ئۇ ئەرشلەرگە كۆتۈرۈلگىنىدە خۇدائاتىسى ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىن بولغان خۇرسەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قايتىدىن ئۇنى «رەب» دەپ ئېنىق جاكارلىغان. «يەش.» 23:45نى كۆرۈڭ. 2:11 يـۇھ. 13‏:13؛ 1كور. 8‏:6؛ 12‏:3. 2:13 2كور. 3‏:5. 2:14 رىم. 12‏:17؛ 1پېت. 2‏:12؛ 4‏:9. 2:15 پەند. 4‏:18؛ مات. 5‏:14. 2:16 «ھاياتنىڭ سۆز-كالامىنى سۇنۇپ بەرگۈچى بولغىنىڭلار تۈپەيلىدىن...» ــ «ھاياتنىڭ سۆز-كالامى» ــ مەڭگۈ ھايات توغرۇلۇق سۆز، ئەلۋەتتە. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھاياتنىڭ سۆز-كالامىنى چىڭ تۇتقىنىڭلار تۈپەيلىدىن،...». لېكىن يۇقىرىقى 15-ئايەتتە فىلىپپىلىق قېرىنداشلار «يورۇقلۇق بەرگۈچى» دەپ ئاتالغان بولغاچقا، مۇشۇ يەردە «(سىلەر)... (خۇدانىڭ) ھاياتنىڭ سۆز-كالامىنى سۇنۇپ بەرگۈچى بولغىنىڭلار» دەپ تەرجىمە قىلىشنى توغرا كۆرىمىز. 2:16 2كور. 1‏:14؛ 1تېس. 2‏:19. 2:17 «ھەتتا مەن «شاراب ھەدىيە» سۈپىتىدە ئېتىقادىڭلاردىكى قۇربانلىق ھەم خىزمەت-ئىبادەتنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلساممۇ، مەن شادلىنىمەن، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىمەن» ــ پاۋلۇس يۇقىرىدا 25:1-26دە «سىلەر بىلەن يەنە دىدارلىشىمەن» دەيدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن ئۇ ئۆلتۈرۈلسىمۇ، مەيۈسلەنمەيتتى ياكى ھېچ ھەسرەت تارتمايتتى، ئەكسىچە شۇ سەۋەبتىن شادلىناتتى؛ ۋە ئەگەر شۇنداق ئىش بولسا، ئۇلارنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىشقا رىغبەتلەندۈرەتتى. 2:17 2كور. 7‏:4. 2:18 «سىلەرمۇ ئوخشاش يولدا شادلىنىسىلەر ۋە مەن بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىشىڭلار كېرەك» ــ 17-18—ئايەت ئۈستىدە: تەۋرات دەۋرىدىكى ئىبادەت تۈزۈمىدە، «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» قىلغاندا، قۇربانلىق قۇربانگاھقا قويۇلغاندا ئۇنىڭغا «ئاش ھەدىيە» قوشۇلۇشى كېرەك، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە «شاراب ھەدىيە» قۇيۇلۇشى كېرەك ئىدى. مۇشۇ يەردە پاۋلۇس تولىمۇ كەمتەرلىك بىلەن فىلىپپىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ قىلغان خىزمەت-ئىبادىتىنى مۇھىم قۇربانلىققا، ئۆزىنىڭ يېقىندا ئېھتىماللىقى بولغان ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى تۈرمىدە ئۆزىنى جامائەت ئۈچۈن پىدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىر «شاراب ھەدىيە»گە، يەنى ئۇلارنىڭ چوڭ قۇربانلىقى ئۈستىگە تولۇقلايدىغان پەقەت قوشۇمچە بىر «شاراب ھەدىيە»گە ئوخشىتىدۇ. قايتىدىن دەيمىز: ئۇ ئۆلتۈرۈلسىمۇ، مەيۈسلەنمەيتتى ياكى ھېچ ھەسرەت تارتمايتتى، ئەكسىچە شۇ سەۋەبتىن شادلىناتتى؛ ۋە ئەگەر شۇنداق ئىش بولسا، ئۇلارنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىشقا رىغبەتلەندۈرەتتى. 2:19 روس. 16‏:1؛ رىم. 16‏:21؛ 1تېس. 3‏:2. 2:21 1كور. 10‏:24؛ 13‏:5. 2:25 «مېنىڭ قېرىندىشىم، خىزمەتدىشىم ھەم سەپدىشىم بولغان، سىلەرنىڭ ئەلچىڭلار ھەم ھاجىتىمدىن چىققان قۇربانلىق ياردىمىڭلارنى يەتكۈزگۈچى ئېپافرودىت» ــ «سەپدىشىم» ــ پاۋلۇس بىلەن روھىي كۈرەشتە ئورتاق جەڭچى، ئەلۋەتتە. «ئەلچىڭلار» گرېك تىلىدا «ئاپوستولوس». بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ئەۋەتىلگەن كىشى»، «ئەلچى» ياكى «روسۇل» بولىدۇ. مۇشۇ يەردە بىز «ئەلچى» دەپ تەرجىمە قىلغىنىمىز بىلەن، مۇمكىنچىلىكى باركى، پاۋلۇس ئېپافرودىتنىڭ روسۇللۇق خىزمىتى بار بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىشى مۇمكىن. 2:27 «ئۇ دەرۋەقە كېسەل بولۇپ ئەجەلگە يېقىنلىشىپ قالدى؛ لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا رەھىم قىلدى؛ ھەم مېنىڭ دەردىمنىڭ ئۈستىگە دەرد بولمىسۇن دەپ يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، بەلكى ماڭىمۇ رەھىم قىلدى» ــ «خۇدا... يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، بەلكى ماڭىمۇ رەھىم قىلدى» دېگەن سۆز بىرخىل گۇناھنى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك. تۆۋەندىكى 28-30-ئايەتلەرگە قارىغاندا، ئېپافرودىت پاۋلۇسقا جامائەتنىڭ سوۋغىسىنى يەتكۈزۈپ بارىدىغان يولدا كېسەل بولدى. ئۇ بەلكىم يولدا كېسەل بولۇپ قالغان. ئۇ پاۋلۇسنىڭ قېشىغا يېتىپ بېرىشقا ئالدىراپ ئۆز كېسىلى بىلەن ھېچ كارى بولماي ئالغا باستى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ ئېغىر كېسەل بولۇپ «ئەجەلگە يېقىنلىشىپ قالدى». پاۋلۇس، ئۇنىڭ بۇ قىلغىنىنى بىرخىل تەۋەككۈلچىلىك، ئاقىلانە ئىش ئەمەس دەپ ئويلىشى مۇمكىن. خۇددى پاۋلۇس، خۇدا «ئۇنىڭغا رەھىم قىلىپ» ساقايتتى، شۇنداقلا «ماڭا رەھىم قىلدى» ــ چۈنكى ئېپافرودىت مېنىڭ ۋەجەمدىن شۇنداق قىلدى، دېگەندەك. ئۇنداق دېگىنىمىز بىلەن، خۇدا بىزگە جامائەت ئۈچۈن شۇنداق تەۋەككۈل قىلىشقا تەييار بولغان ئادەمەلەرنى ئەۋەتسۇن! 2:29 1كور. 9‏:14؛ گال. 6‏:6؛ 1تېس. 5‏:12؛ 1تىم. 5‏:17؛ ئىبر. 13‏:17. 2:30 «ئۇ مەسىھنىڭ خىزمىتىنى دەپ...» ــ گرېك تىلىدا: «ئۇ خىزمەت دەپ،...» دېيىلگەن. پاۋلۇسقا (شۇنداقلا ئېپافرودىتقا) نىسبەتەن پەقەت «خىزمەت»لا بار، چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن پەقەت بىر خىزمەت، يەنى مەسىھنىڭ خىزمىتى، خۇش خەۋەرنىڭ خىزمىتى باردۇر. «ئۇ... سىلەرنىڭ ماڭا قىلماقچى بولغان ياردىمىڭلارنى بېجىرىشتە يولۇققان بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ئەجەلگە يۈزلىنىپ، ئۆز جېنىنى تەۋەككۈل قىلدى» ــ پاۋلۇسنىڭ «ياردىمىڭلارنى بېجىرىشتە يولۇققان بوشلۇق....» دېگىنى، فىلىپپىدىكى جامائەتنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشىدە مەلۇم يېتەرسىزلىك بار، دېگەنلىكى ئەمەس؛ ئۇ، سىلەردە ئۈمىد قىلغىنىڭلاردەك ياردەمنى يەتكۈزۈش پۇرسەتلىرى چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەۋەتمەكچى بولغان كۆڭلۈڭلارنى چۈشىنىمەن، دېمەكچى. «ياردىمىڭلار» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردە «ئىبادەتخانىدىكى كاھىنلىق قۇربانلىق خىزمىتىڭلار»نى پۇرىتىدىغان سۆزدۇر.