4
ئەمدى، ئەي قېرىنداشلىرىم، سۆيگەنلىرىم ۋە تەلپۈنگەنلىرىم، مېنىڭ شاد-خۇراملىقىم، مېنىڭ بېشىمنىڭ تاجى بولغۇچىلار، رەبدە چىڭ تۇرۇڭلار، ئى سۆيگەنلىرىم!
ئېۋودىيادىن ئۆتۈنىمەن، ۋە سۇنتىخەدىن ئۆتۈنىمەنكى، رەبدە بىر ئوي، بىر پىكىردە بولۇڭلار!
دۇرۇس، مەن سەندىنمۇ تەلەپ قىلىمەنكى، ئى ھەقىقىي ھەمبويۇنتۇرۇقلۇق خىزمەتدىشىم، بۇ ئاياللارنىڭ ياردىمىدە بولغىن؛ مانا ئۇلار مەن ۋە كلىمەنت بىلەن بىللە، شۇنداقلا ناملىرى «ھاياتلىك دەپتىرى»گە خاتىرىلەنگەن باشقا خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە خۇش خەۋەر خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىرگە كۈرەش قىلغان.   
رەبدە شادلىنىڭلار؛ مەن يەنە ئېيتىمەنكى، شادلىنىڭلار!
سىلەرنىڭ مۇلايىملىقىڭلار پۈتكۈل ئىنسانغا ئايان بولسۇن؛ رەب يېقىندۇر!  
ھېچ ئىش توغرۇلۇق ئەندىشە قىلماڭلار؛ بەلكى ھەربىر ئىشتا تەشەككۈر ئېيتىپ تىلىكىڭلارنى خۇداغا دۇئا ھەم ئىلتىجا ئارقىلىق مەلۇم قىلىڭلار؛ شۇ چاغدا ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان، خۇدا ئىگە بولغان خاتىرجەملىك قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى مەسىھ ئەيسادا قوغدايدۇ.  
ئاخىرىدا، ئەي قېرىنداشلىرىم، نېمە ئىشلار ھەقىقەت، نېمە ئىشلار ئالىيجاناب، نېمە ئىشلار ھەققانىي، نېمە ئىشلار پاك، نېمە ئىشلار خۇش-يېقىملىق، نېمە ئىشلار شان-شۆھرەتلىك بولسا، قىسقىسى ھەرقانداق ئىشلاردا ئەخلاق-پەزىلەت ياكى ماختاشقا لايىق تەرەپلەر بار بولسا، شۇ ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار.
مەندىن ئۆگەنگەن، قوبۇل قىلغان، ئاڭلىغان ۋە مەندە كۆرگەنلەرنىڭ ھەرقاندىقى بولسا، سىلەر شۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا سىلەرگە يار بولىدۇ.
10 ئەمدى مەن رەبدە زىيادە شادلاندىمكى، سىلەر ھازىر ئاخىردا ماڭا بولغان كۆيۈمچانلىقىڭلارنى قايتىدىن كۆرسەتتىڭلار (بىلىمەنكى، ماڭا دائىم كۆيۈنۈپ كەلدىڭلار، ئەمما پەقەتلا كۆرسىتىش پۇرسىتى چىقمىدى). 11 مەن بۇ گېپىمنى، بىرەر موھتاجلىقتىن ئېيتىۋاتقىنىم يوق؛ چۈنكى ئەھۋالىم قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارىغا قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم.    12 مەن ئوسال ئەھۋالدا ياشاشنى بىلىمەن، ھەم كەڭرىچىلىكتە ياشاشنىمۇ بىلىمەن. ھەر ئىشتا، ھەر ئەھۋالدا، ھەم توقلۇقتا ھەم ئاچلىقتا، ھەم باياشاتچىلىقتا ھەم موھتاجلىقتا ياشاشنىڭ سىرىنى ئۆگىنىۋالدىم. 13 ماڭا قۇدرەت بەرگۈچىگە تايىنىپ ھەممە ئىشنى قىلالايدىغان بولدۇم. 14 ھالبۇكى، مېنىڭ قىيىنچىلىقىمغا ئورتاق بولۇشۇڭلار بىلەن ياخشى قىلدىڭلار.
15 سىلەرگىمۇ مەلۇمكى، ئەي فىلىپپىلىقلار، مەن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ چىققىنىمدا، خۇش خەۋەرنى باشقا يەرلەرگە يەتكۈزگەن دەسلەپتىكى ۋاقىتلاردا، سىلەردىن باشقا ھېچقانداق جامائەت بېرىش ۋە قوبۇل قىلىش ئىشلىرىدا مەن بىلەن ھەمكارلاشمىغان.
  
16 چۈنكى تېسالونىكا شەھىرىدىكى ۋاقتىمدىمۇ ئېھتىياجىم چۈشكەندە سىلەر ماڭا بىرنەچچە قېتىم ياردەم ئەۋەتتىڭلار. 17 مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم، سىلەردىن بىرەر سوۋغاتنى ئىزدەپ سورىغىنىم ئەمەستۇر، ئىزدىگىنىم بولسا ھېساۋاتىڭلارغا روھىي مېۋىنىڭ كۆپ توپلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر.
18 لېكىن مەندە ھەممە نەرسە بار، ھەتتا يېتىپ ئاشقۇدەك بار؛ سىلەر ئەۋەتكەنلىرىڭلارنى ئېپافرودىتتىن تاپشۇرۇۋېلىپ تېرەمگە سىغماي قالدىم ۋە مولچىلىققا چۆمدۇم. بۇ ئەۋەتكىنىڭلار ئىنتايىن خۇشبۇي، خۇداغا قوبۇل بولغۇدەك، شۇنداقلا ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان بىر قۇربانلىقتەك ئىدى.    19 ۋە مېنىڭ خۇدايىم سىلەر موھتاج بولغان ھەممە نەرسىنى مەسىھ ئەيسادا بولغان شان-شەرىپىدىكى بايلىقلارغا ئاساسەن مول تەمىنلەيدۇ.
20 ئەمدى خۇدايىمىز ھەم ئاتىمىزغا ئەبەدىلئەبەدگىچە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن.
21 مەسىھ ئەيسادا بولغان بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام يەتكۈزۈڭلار. يېنىمدىكى قېرىنداشلاردىنمۇ سىلەرگە سالام!
22 بارلىق مۇقەددەس بەندىلەردىن، بولۇپمۇ قەيسەر ئىمپېراتورنىڭ ئوردىسىدا بولغانلاردىن سىلەرگە سالام!
23 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى روھىڭلارغا يار بولغاي!
4:1 1تېس. 2‏:19. 4:2 «ئېۋودىيادىن ئۆتۈنىمەن، ۋە سۇنتىخەدىن ئۆتۈنىمەنكى، رەبدە بىر ئوي، بىر پىكىردە بولۇڭلار!» ــ ئېۋودىيا ۋە سۇنتىخە جامائەتتىكى ئاچا-سىڭىل ئىدى. 4:3 «مەن سەندىنمۇ تەلەپ قىلىمەنكى، ئى ھەقىقىي ھەمبويۇنتۇرۇقلۇق خىزمەتدىشىم...» ــ «ھەقىقىي ھەمبويۇنتۇرۇقلۇق خىزمەتدىشىم» پاۋلۇس بۇ ئالاھىدە ئىبارە بىلەن مەلۇم قېرىندىشىنى كۆرسىتىدۇ. پاۋلۇس ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلىغا ئالمىغان بولسىمۇ، شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ ئۆزى ۋە فىلىپپىلىقلارنىڭ ھەممىسى كىمنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. گرېك تىلىدا «ھەمبويۇنتۇرۇقلۇق (خىزمەتدىشىم)» دېگەن ئىبارە «سۈزۈگۈس» بىلەن ئىپادىلەنگەچكە، بەزى ئالىملار «سۈزۈگۈس» دېگەننى ئادەمنىڭ ئىسمى دەپ قارايدۇ. 4:3 مىس. 32‏:32؛ زەب. 69‏:28؛ ۋەھ. 3‏:5؛ 20‏:12؛ 21‏:27. 4:4 1تېس. 5‏:16؛ روس.16‏:25 4:5 «سىلەرنىڭ مۇلايىملىقىڭلار پۈتكۈل ئىنسانغا ئايان بولسۇن؛ رەب يېقىندۇر!» ــ «رەب يېقىندۇر» دېگەننىڭ ئىككى مەنىسى بار: (1) رەب ئەيسا ئېتىقادچىلارغا ھەردائىم يېقىن؛ (2) رەب ئەيسا يېقىن ئارىدا دۇنياغا قايتىپ كېلىدۇ. 4:5 1كور. 10‏:11؛ ئىبر. 10‏:25. 4:6 زەب. 55‏:23؛ مات. 6‏:25؛ 1تىم. 6‏:8،17؛ 1پېت. 5‏:7. 4:7 «... خۇدا ئىگە بولغان خاتىرجەملىك قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى مەسىھ ئەيسادا قوغدايدۇ» ــ ياكى «خۇدادىن كەلگەن خاتىرجەملىك قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى مەسىھ ئەيسادا قوغدايدۇ» ــ گرېك تىلىدىكى تېكىستتە «خۇدانىڭ خاتىرجەملىكى...» دېيىلىدۇ. 4:7 يـۇھ. 14‏:27؛ رىم. 5‏:1؛ ئ‍ەف. 2‏:14. 4:8 رىم. 13‏:13؛ 1تېس. 4‏:3، 4، 5. 4:9 «شۇنداق قىلغاندا خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا سىلەرگە يار بولىدۇ» ــ «خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا» گرېك تىلىدا: «خاتىرجەملىكنىڭ خۇداسى» ــ دېمەك، خاتىرجەملىك بەرگۈچى ھەم ئۆزى ھەردائىم خاتىرجەملىكتە تۇرغۇچى خۇدادۇر. 4:10 2كور. 11‏:9. 4:11 «مەن بۇ گېپىمنى، بىرەر موھتاجلىقتىن ئېيتىۋاتقىنىم يوق؛ چۈنكى ئەھۋالىم قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارىغا قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم» ــ روسۇل ئۇلارنى «شادلاندىم» (10-ئايەت) دېگىنىنى خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن دەپ بۇ سۆزنى قىلىدۇ. شادلانغانلىقى زىنداندىكى ئاچ قالغان مەھبۇسنىڭ تاماقنى كۆرگىنىدىكى شادلىقى ئەمەس، بەلكى جامائەتنىڭ ئۇنىڭغا كۆيۈنگەنلىكىدىن، جامائەتنىڭ ئۇنىڭغا بولغان سادىق مۇھەببىتىدىن شادلىنىشى ئىدى. شۇنىڭدەك ئۇ ئۇلارغا سۆزىدە: «مەن ھازىرمۇ ئىنتايىن ھاجەتمەن» دېگەندەك پۇراقنى چىقىرىپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 4:11 1تىم. 6‏:6. 4:12 1كور. 4‏:11؛ 2كور. 11‏:27. 4:15 «سىلەرگىمۇ مەلۇمكى، ئەي فىلىپپىلىقلار، مەن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ چىققىنىمدا، خۇش خەۋەرنى باشقا يەرلەرگە يەتكۈزگەن دەسلەپتىكى ۋاقىتلاردا، سىلەردىن باشقا ھېچقانداق جامائەت بېرىش ۋە قوبۇل قىلىش ئىشلىرىدا مەن بىلەن ھەمكارلاشمىغان» ــ ئايەتتىكى «...مەن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ چىققىنىمدا، خۇش خەۋەرنى باشقا يەرلەرگە يەتكۈزگەن دەسلەپتىكى ۋاقىتلاردا» دېگەن قىسىمنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... خۇش خەۋەرنىڭ سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن دەسلەپكى كۈنلىرىدە، مەن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ چىققىنىمدا...». فىلىپپى شەھىرى بولسا ماكېدونىيە ئۆلكىسىدە؛ شۇڭا قايسى تەرجىمىسى توغرا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پاۋلۇس خۇش خەۋەرنى فىلىپپىلىقلارغا يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇنى باشقا جايدىكىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن چىققانىدى. شۇ چاغدا فىلىپپىدىكى جامائەت ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي ۋە بەلكىم باشقا جەھەتلەردە ياردەم قىلغانىدى. پاۋلۇسنىڭ «بېرىش ۋە قوبۇل قىلىش ئىشلىرى» دېگىنى، پاۋلۇسنىڭ پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى باشقىلارنى دەپ ئۇلارنىڭ ئەۋەتكەن ياردىمىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 4:15 2كور. 11‏:9. 4:16 «چۈنكى تېسالونىكا شەھىرىدىكى ۋاقتىمدىمۇ ئېھتىياجىم چۈشكەندە سىلەر ماڭا بىرنەچچە قېتىم ياردەم ئەۋەتتىڭلار» ــ «بىرنەچچە قېتىم» گرېك تىلىدا «بىر قېتىم، ھەتتا ئىككى قېتىم...» دېگەن ئىبارە بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ. ئادەتتە بۇ ئىبارە «بىرنەچچە قېتىم» دېگەننى كۆرسىتىدۇ. 4:18 «سىلەر ئەۋەتكەنلىرىڭلارنى ئېپافرودىتتىن تاپشۇرۇۋېلىپ تېرەمگە سىغماي قالدىم ۋە مولچىلىققا چۆمدۇم» ــ «تېرەمگە سىغماي قالدىم ۋە مولچىلىققا چۆمدۇم» دېگەنلىك گرېك تىلىدا بىر سۆز بىلەنلا ئىپادلىلىنىدۇ. پاۋلۇسنىڭ بۇ سۆزى بىلەن، پەقەت جىسمانىي جەھەتتىلا ھەممە نەرسەم بار دېگەننى ئەمەس، روھىي جەھەتتىمۇ تولىمۇ خۇشال بولغانلىقىنى، تولىمۇ تەسەللى تاپقانلىقىنى، تولىمۇ غەيرەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 4:18 ئىبر. 13‏:16.