16
16-كۈي •••• ئاخىرەتكىچە خۇداغا باغلىغان چەكسىز ئۈمىد
1 داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى:
مېنى ساقلىغىن، ئى تەڭرى،
چۈنكى مەن ساڭا تايىنىمەن.
2 مېنىڭ جېنىم پەرۋەردىگارغا: «سەن مېنىڭ رەببىمدۇرسەن؛
سەندىن باشقا مېنىڭ بەخت-سائادىتىم يوقتۇر» ــ دېدى.
3 يەر يۈزىدىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭ بولسا،
ئۇلار ئالىيجانابلاردۇر،
ئۇلار مېنىڭ ھەممە خۇشاللىقىمدۇر.
4 كىم باشقا ئىلاھنى ئىزدەشكە ئالدىرىسا،
ئۇلارنىڭ دەردلىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ.
غەيرىي ئىلاھلارغا ئاتاپ ھەدىيە قانلىرىنى تۆكمەيمەن،
ئۇلارنىڭ ناملىرىنى تىلىمغىمۇ ئالمايمەن.
5 پەرۋەردىگار بولسا مېنىڭ مىراسىم ھەم قەدەھىمدىكى نېسىۋەمدۇر؛
چەك تاشلىنىپ ئېرىشكەن نېسىۋەمنى ئۆزۈڭ ساقلايسەن؛
6 نېسىۋەمنى بەلگىلىگەن سىزىقلار ماڭا گۈزەل يەرلەرنى بېكىتكەندۇر؛
بەرھەق، مېنىڭ گۈزەل مىراسىم باردۇر!
7 ماڭا نەسىھەت بەرگەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛
ھەتتا كېچىلەردىمۇ ۋىجدانىم ماڭا ئۆگىتىدۇ.
8 مەن پەرۋەردىگارنى ھەردائىم كۆز ئالدىمدىن كەتكۈزمەيمەن؛
ئۇ ئوڭ يېنىمدا بولغاچقا،
مەن ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن.
9 شۇڭا مېنىڭ قەلبىم شادلاندى،
مېنىڭ روھىم تېخىمۇ كۆتۈرۈلىدۇ،
مېنىڭ تېنىم ئامان-ئېسەنلىكتە تۇرىدۇ؛
10 چۈنكى جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن،
شۇنداقلا سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىڭنى چىرىشتىن ساقلايسەن.
11 سەن ماڭا ھايات يولىنى كۆرسىتىسەن؛
ھۇزۇرۇڭدا تولۇپ تاشقان شاد-خۇراملىق باردۇر؛
ئوڭ قولۇڭدا مەڭگۈلۈك بەھرە-لەززەتلەرمۇ باردۇر.