2
2-كۈي •••• خۇدانىڭ مەسىھى بارلىق ئەللەرنى ئىدارە قىلىدۇ
1 ئەللەر نېمىشقا چۇقان سالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن خەلقلەر بىكاردىن-بىكار سۇيىقەست ئويلايدۇ؟
2 دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپكە تىزىلىپ،
ئەمەلدارلار قارا نىيەت ئەيلىشىپ،
پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشىپ: ــ
3 «ئۇلارنىڭ چەكلىمىلىرىنى چۆرۈۋېتەيلى،
ئۇلارنىڭ ئاسارەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلايلى!» ــ دېيىشىدۇ.
4 ئاسماندا ئولتۇرغۇچى كۈلىدۇ،
رەب ئۇلارنى مازاق قىلىدۇ؛
5 ھەم ئاچچىقىدا ئۇلارغا سۆزلەپ،
قەھرى بىلەن ئۇلارنى ۋەھىمىگە سېلىپ: ــ
6 «ئۆزۈم بولسام زىئوندا، يەنى مۇقەددەس تېغىمدا،
ئۆزۈم مەسىھ قىلغان پادىشاھنى تىكلىدىم».
خۇدا تەيىنلىگەن مەسىھ-پادىشاھ سۆز قىلىدۇ
7 «مەن ئەرشتىكى پەرماننى جاكارلايمەنكى،
پەرۋەردىگار ماڭا: ــ
«سەن مېنىڭ ئوغلۇم؛
ئۆزۈم سېنى بۈگۈنكى كۈندە تۇغۇلدۇردۇم؛
8 مەندىن سورا، مەن ساڭا مىراس بولۇشقا ئەللەرنى،
تەئەللۇقۇڭ بولۇشقا يەر يۈزىنى چەت-چەتلىرىگىچە بېرىمەن؛
9 سەن تۆمۈر تاياق بىلەن ئۇلارنى بىتچىت قىلىۋېتىسەن؛
ساپال چىنىنى كۇكۇم-تالقان قىلغاندەك، سەن ئۇلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىسەن» ــ دېدى».
10 ئەمدى، ھەي پادىشاھلار، ئەقىلدار بولۇڭلار!
جاھاندىكى سوراقچىلار ساۋاق ئېلىڭلار؛
11 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار؛
تىترەك ئىچىدە خۇشاللىنىڭلار!
12 ئوغۇلنىڭ غەزىپىنىڭ قوزغالماسلىقى ئۈچۈن،
ئۇنى سۆيۈڭلار؛
چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى سەللا قاينىسا،
يولۇڭلاردىلا ھالاك بولىسىلەر؛
ئۇنىڭغا تايانغانلار نەقەدەر بەختلىكتۇر!