23
23-كۈي •••• پەرۋەردىگار مېنى باققۇچى پادىچىمدۇر! •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ
پەرۋەردىگار مېنى باققۇچى پادىچىمدۇر،
موھتاج ئەمەسمەن ھېچ نەرسىگە؛
2 ئۇ مېنى يۇمران چۆپلەردە ياتقۇزۇپ دەم ئالدۇرار؛
تىنچ ئاقىدىغان سۇلارنى بويلىتىپ باقىدۇ؛
3 ئۇ ۋۇجۇدۇمنى يېڭىلايدۇ؛
ئۇ ھەققانىيلىق يولىدا ئۆز نامى ئۈچۈن يېتەكلەيدۇ؛
4 ھەتتا مەن ئۆلۈم سايىسى بولغان جىلغىدىن ئۆتسەممۇ،
ھېچ يامانلىقتىن قورقمايمەن؛
چۈنكى سەن مەن بىلەن بىللىدۇرسەن؛
سېنىڭ ھاساڭ ھەم تايىقىڭ ماڭا تەسەللىدۇر.
5 مېنى خار قىلغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ماڭا كەڭ داستىخان سالىسەن؛
مېنىڭ بېشىمنى ماي بىلەن مەسىھ قىلىسەن؛
قەدەھىم تاشىدۇ؛
6 بەرھەق، بارلىق كۈنلىرىمدە ياخشىلىق ۋە ئۆزگەرمەس شەپقەت ماڭا ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ؛
مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ياشايمەن!