58
58-كۈي •••• زالىم ھۆكۈمرانلارنى خۇدا جازالىغاي!
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى: ــ
ئى قۇدرەت ئىگىلىرى، سىلەر ھەقىقەتەن ئادالەتنى سۆزلەۋاتامسىلەر؟
ئى ئىنسان بالىلىرى، ئادىل ھۆكۈم چىقىرامسىلەر؟
2 ياق، سىلەر كۆڭلۈڭلەردە يامانلىق تەييارلايسىلەر؛
يەر يۈزىدە ئۆز قولۇڭلار بىلەن قىلىدىغان زوراۋانلىقنى ئۆلچەۋاتىسىلەر.
3 رەزىللەر ئانىسىنىڭ قورسىقىدىلا ئېزىپ كېتىدۇ؛
ئۇلار تۇغۇلۇپلا يولدىن ئادىشىپ، يالغان سۆزلەيدۇ.
4 ئۇلارنىڭ زەھىرى يىلاننىڭ زەھىرىدۇر؛
ئۇلار ئۆز قۇلىقىنى پۈتۈك قىلغان گاس كوبرا يىلاندەك،
5 مەيلى يىلانچىلار شۇنچە چىرايلىق سېھىرلىسىمۇ،
ئۇ نەي ئاۋازىغا قەتئىي قۇلاق سالمايدۇ.
6 ئى خۇدا، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى چىشلىرىنى سۇندۇرۇۋەتكەيسەن!
مۇشۇ ياش شىرلارنىڭ توڭكاي چىشلىرىنى چېقىۋەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار!
7 ئۇلار ئېقىپ كەتكەن سۇلاردەك ئۆتۈپ كەتكەي؛
ئۇلار ئوقلارنى چەنلەپ ئاتقاندا،
ئوقلىرى ئۇچسىز بولۇپ كەتكەي!
8 قۇلۇلە يول ماڭغاندا ئىزى يوقىلىپ كەتكەندەك،
ئۇلار يوقاپ كەتسۇن؛
ئايالنىڭ چۈشۈپ كەتكەن ھامىلىسىدەك،
ئۇلار كۈن كۆرمىسۇن!
9 قازان يانتاقلارنىڭ ئىسسىقىنى سەزگۈچە،
(مەيلى ئۇلار يۇمران پېتى، ياكى ئوت تۇتاشقان بولسۇن)
ئۇ ئۇلارنى توزۇتىۋېتىدۇ.
10 ھەققانىي ئادەم خۇدانىڭ ئىنتىقامىنى كۆرگەندە خۇشال بولىدۇ؛
ئۆز ئىزلىرىنى رەزىللەرنىڭ قېنىدا يۇيىدۇ.
11 شۇڭا ئادەملەر: «دەرۋەقە، ھەققانىيلار ئۈچۈن ئىنئام باردۇر؛
دەرۋەقە يەر يۈزىدە ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچى بىر خۇدا باردۇر» ــ دەيدۇ.