62
62-كۈي •••• خۇدانى تەلمۈرۈپ كۈتۈش
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
جېنىم خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتىدۇ؛
مېنىڭ نىجاتلىقىم ئۇنىڭدىندۇر.
2 پەقەت ئۇلا مېنىڭ قورام تېشىم ۋە مېنىڭ نىجاتلىقىم،
مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر؛
مەن ئۇنچىلىك تەۋرىنىپ كەتمەيمەن.
3 سىلەر قاچانغىچە شۇ ئاجىز بىر ئىنسانغا ھۇجۇم قىلىسىلەر؟
ھەممىڭلار قىڭغىيىپ قالغان تامنى،
ئىرغاڭلاپ قالغان قاشانى غۇلاتقاندەك، ئۇنى غۇلاتماقچىسىلەر؟
4 ئۇنى شۆھرەت-ھەيۋىتىدىن چۈشۈرۈۋېتىشتىن باشقا، ئۇلارنىڭ ھېچ مەسلىھەتى يوقتۇر؛
يالغانچىلىقلاردىن خۇرسەن ئۇلار؛
ئاغزىدا بەخت تىلىگىنى بىلەن،
ئۇلار ئىچىدە لەنەت ئوقۇيدۇ.
سېلاھ.
5 ئى جېنىم، خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتكىن؛
چۈنكى مېنىڭ ئۈمىدىم ئۇنىڭدىندۇر.
6 پەقەت ئۇ مېنىڭ قورام تېشىم ھەم مېنىڭ نىجاتلىقىم،
مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر؛
مەن تەۋرىنىپ كەتمەيمەن.
7 نىجاتلىقىم ھەم شان-شۆھرىتىم خۇداغا باغلىقتۇر؛
مېنىڭ كۈچۈم بولغان قورام تاش، مېنىڭ پاناھگاھىم خۇدادىدۇر.
8 ئى خالايىق، ئۇنىڭغا ھەردائىم تايىنىڭلار!
ئۇنىڭ ئالدىدا ئىچ-باغرىڭلارنى تۆكۈڭلار؛
خۇدا بىزنىڭ پاناھگاھىمىزدۇر!
سېلاھ.
9 ئاددىي بەندىلەر پەقەت بىر تىنىق،
ئېسىلزادىلەرمۇ بىر ئالدام سۆز خالاس؛
تارازىغا سېلىنسا ئۇلارنىڭ قىلچە سالمىقى يوق،
بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر.
10 زومىگەرلىككە تايانماڭلار؛
بۇلاڭچىلىقتىن خام خىيال قىلماڭلار،
بايلىقلار ئاۋۇسىمۇ، بۇلارغا كۆڭلۈڭلارنى قويماڭلار؛
11 خۇدا بىر قېتىم ئېيتقانكى،
مۇنداق دېگىنىنى ئىككى قېتىم ئاڭلىدىمكى: ــ
«كۈچ-قۇدرەت خۇداغا مەنسۇپتۇر».
12 ھەم ئى رەب، ساڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببەتمۇ مەنسۇپتۇر؛
چۈنكى سەن ھەربىر كىشىگە ئۆز ئەمىلىگە يارىشا قايتۇرىسەن.