85
85-كۈي •••• ئىسرائىلنىڭ ئۈزۈل-كېسىل توۋا قىلىشى ئۈچۈن مېھىر-شەپقەت تەلەپ قىلىش
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ
سەن ئۆز زېمىنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ،
ياقۇپنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرغانىدىڭ، ئى پەرۋەردىگار.
2 خەلقىڭنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈم قىلىپ،
بارلىق گۇناھلىرىنى ياپقانىدىڭ.
سېلاھ.
3 سەن پۈتۈن قەھرىڭنى ئىچىڭگە قايتۇرۇۋېلىپ،
غەزىپىڭنىڭ ئەشەددىيلىكىدىن يانغانىدىڭسەن.
4 ئەمدى بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا!
بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بەرگەيسەن!
5 سەن بىزگە ئەبەدىي غەزەپلىنەمسەن؟
ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە غەزىپىڭنى سوزامسەن؟
6 خەلقىڭ ئۆزۈڭدىن شادلىنىشى ئۈچۈن،
بىزنى قايتىدىن يېڭىلىمامسەن؟
7 بىزگە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار،
بىزگە نىجاتلىقىڭنى ئاتا قىلغايسەن!
8 تەڭرى پەرۋەردىگارنىڭ نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىغا قۇلاق سالاي؛
چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىگە، ئۆز مۆمىن بەندىلىرىگە ئامان-خاتىرجەملىكنى سۆزلەيدۇ؛
ئۇلار يەنە ھاماقەتلىككە قايتمىسۇن!
9 زېمىنىمىزدا شان-شۆھرەتنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن،
دەرھەقىقەت، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا ئۇنىڭ نىجاتلىقى يېقىندۇر؛
10 ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەت ئۆزئارا كۆرۈشتى؛
ھەققانىيەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بىر-بىرىنى سۆيۈشتى؛
11 ھەقىقەت يەردىن ئۈنۈپ چىقماقتا،
ھەققانىيەت ئەرشلەردىن قارايدۇ.
12 پەرۋەردىگار بەرىكەت بېرىدۇ،
زېمىنىمىز ھوسۇلىنى بېرىدۇ؛
13 ھەققانىيەت ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ،
ئۇنىڭ قەدەملىرىگە يول ھازىرلايدۇ!